ساغلاملىق

سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە.ئۆپكە

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچىرايدىغان نەپەس يولى كېسەللېكىنىڭ بىرى بولغان سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەرمەكچى.  سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى بولسا ياللۇغ ياكى غەيرىي ياللۇغ ئالامىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان كاناي ۋە شاخچە كاناينىڭ شىللىق پەردىسى ۋە ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك خاسلىقى بولمىغان ياللۇغ كېسىلىدۇر. ئاساسلىق كىلىنكىلىق ئالامىتى بولسا ھۆتەل ۋە بەلغەم، يەنى ھەر يىلى قايتا-قايتا ھۆتەل ۋە بەلغەم ئالامىتى كۆرۈلۈپ ھەمدە 3 ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشسا، ئۇدا 2 يىلدىن ئارتۇق كۆرۈلسە، شۇنداقلا ھۆتەل ۋە بەلغەم ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا كېسەللىكنى ساقىت قىلغان ئەھۋالدا سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى دەپ دىئاگىنوز قويۇشقا بولىدۇ.

كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى:

بۇ كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى مېدىتسىنادا تېخچە ئېنىق ئەمەس، كېسەللىك قوزغىغۇچى ئامىللاردىن ئاساسلىقى ياللۇغ، يەنى ۋىرۇس، مىكوپلازما، خىلامىدىيە،باكتېرىيە قاتارلىق مىكرو ئورگانىزىملار كەلتۈرۈپ چىقارغان شاخچە كاناي ياللۇغى بولسا كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. يۇقاردا مىسال ئېلىپ ئۆتكەن ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مىكرو ئورگانىزىملار كاناي ۋە شاخچە كاناي شىللىق پەردىسىدە ياللۇغ پەيدا قىلىپ شۇ ئارقىلىق بەدەنگە زەخمە ئېلىپ كېلىدۇ.  ئۇندىن باشقا يەنە بەدەننىڭ ئىمۇنتېت ئىقتىدارى ئاجىزلاش، كاناينىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش، يېشى چوڭىيىپ قېلىش قاتارلىق ئامىللارمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

بۇ كېسەللىكنى قوزغاشقا سەۋەبچى ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

  1. تاماكا چېكىش: تاماكا چېكىش بولسا بۇ كېسەللىكنى قوزغاشقا سەۋەبچى ئاساسلىق ئامىلنىڭ بىرسى بولۇپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 2-8 ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدۇ.
  2. كەسپىي چاڭ-توزان ۋە خىمىيۋى ماددىلار: كەسىپنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئۇزۇن مەزگىل چاڭ-توزان بىلەن ئۇچىراشقۇچىلار، مەسىلەن كۆمۈر كان، تاش كېنى، ئۇن زاۋۇتى، تور پاختا زاۋۇتى، ئۆي بېزەكچىلىكى قاتارلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۇزۇن مەزگىل چاڭ-توزان بىلەن ئۇچىرشىش سەۋەبىدىن كاناي ۋە شاخچە كاناينىڭ شىللىق پەردىسىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇندىن باشقا تۈرلۈك خىمىيۋى بۇيۇملارنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار غىدىقلىغۇچى ماددىلارنىڭ تەسىرىدە كاناي ۋە شاخچە كاناي شىللىق پەردىسىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  3. ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى: ئۇزۇن مەزگىل ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىر مۇھىتتا ياشىغۇچىلار ئاسانلا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ.

ئاساسلىق كىلىنكىلىق ئىپادىسى:

  1. ھۆتەل: ئاساسلىقى ئەتىگىنى سەھەر ۋاقتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، ئۇخلاۋاتقاندىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ.
  2. بەلغەم تۈكۈرۈش: بەلغەم كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاق رەڭلىك كۆپۈكسىمان ياكى شىلىمسىمان بەلغەم كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا قان ئارىلاش بەلغەم كېلىدۇ، ئەتىگىنى كۆپ كۆرۈلىدۇ، كارىۋاتتىن تۇرغاندا ياكى ئۆرۈلگەندە ئاسانلا غىدىقلاشقا ئۇچىراپ بەلغەم تۈكۈرۈشكە سەۋەب بولىدۇ.
  3. ھاسىراش: ئەگەر يۇقارقى ئالامەتلەردىن باشقا يەنە ھاسىراش ئالامىتى كۆرۈلسە كۆپىنچە ۋاقىتتا زىققا كېسىلى بىرلىشىپ كېلىدۇ، ئاساسلىقى ھەرىكەتتىن كېيىن ھاسىراش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆپچىنە ئالدىنقى لېكىسىيەدە سۆزلەپ ئۆتكەن سوزۇلما خاراكتېرلىك توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلىگە تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.

داۋالاش:

  1. ئادەتتىكى داۋالاش: بىمار چوقۇم تاماكا تاشلىشى لازىم، ئۇندىن باشقا تۈرلۈك غىدىقلىغۇچى چاڭ-توزان ۋە خىمىيۋى ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقىلىنىش لازىم. ئادەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، بەدەننىڭ ئىمۇنتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئەگەر داۋاملىق قوزغىلىپ قالىدىغان بىمارلار بولسا ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكام ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا قارىتا ۋاكسىنا ئەملىتىش لازىم.
  2. دورا ئارقىلىق داۋالاش: ئەگەر سوزۇلما خاراكتېرلىك شاخچە كاناي ياللۇغى جىددىي ئېغىرلىشىپ قالغان ۋاقىتتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق ياللۇغنى كونتىرول قىلىپ تېز سۈرئەتتە كىلىنكىلىق ئالامەتلەرنى يەڭگىللىتىپ، كېسەللىكنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى شاخچە كاناي ئاجراتما ماددىسى يەنى بەلغەمگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مىكرو ئورگانىزىمنى ئېنىق تېپىپ چىققاندىن كېيىن قاراتمىلىق ھالدا ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش لازىم. ئۇندىن باشقا يەنە ھۆتەل توختىتىش ۋە بەلغەم بوشىتىش دورىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق كىلىنكىلىق ئالامەتنى يەڭگىللىتىشكە بولىدۇ.
  3. ئەگەر ھاسىراش ئالامىتى قوشۇلۇپ كەلسە ئۇنداقتا شاخچە كاناينى كېڭەيتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھاسىراش ئالامىتىنى يەڭگىلىتىشكە بولىدۇ.

كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاقىۋىتى:

ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالىغا سەل قاراپ ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇزۇن مەزگىللىك قايتا-قايتا ياللۇغنىڭ تەسىرىدە شاخچە كاناينىڭ شەكىلى ئۆزگىرىپ ھەمدە تارىيىپ ئاخىرىدا سوزۇلما خاراكتېرلىك توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ، بىمارلاردا ھەرىكەتتىن كېيىن ھاسىراش ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، ئەگەر داۋاملىق تەرەققىي قىلسا ئاخىرىدا ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوڭ يۈرەكنىڭ زەئىپلىشىشى، ئاخىرىدا پۈتۈن يۈرەكنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.

تۇبېركۇليوز بىلىملىرى تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى