يۇمرال

Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچى

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
تورداشلارغا مەلۇمكى توربەت يېزىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئىشلىرىدا بىز چۇقۇم بىر تەھرىرلىگۈچكە ئىھتىياجلىق بولىمىز ، ئەلۋەتتە دوسلار كەڭ ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان تەھرىرلىگۈچلەردىن Dreamweawer ، Notepad++ ۋە Sublime Text قاتارلىقلار ، بۇيەردە دىيىلمىگەن يەنە نۇرغۇن تەھرىرلىگۈچلەر بار . بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان داڭلىق تەھرىرلىگۈچ Visual Studio Code توغرىسىدا ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلىشىمىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەر ئىشلىتىشنى لايىق تېپىپ قالساڭلار پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچىنى دۆلەت تىلىغا توغۇرلاش قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىمىز .

Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچ ھەققىدە

Visual Studio Code بولسا OSX ، Windows ۋە Linux نىڭ ئۈستىدە ھەرىكەت قىلىدۇ ، ھازىرقى زامان Web ۋە بۇلۇت قوللىنىش سۇپىسىدىن ھالقىغان تەھرىرلىگۈچكە قارىتىلغان . Visual Studio Code ئاچقۇچىلارنى كۆپ خىل پروگرامما تۈزۈش تىلى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ تىللارنى مول كود تولۇقلاش ۋە يول باشلاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ . JavaScept TypeScept , Nodejs ۋە ASP . NET5 ئاچقۇچىلارمۇ ئارتۇقچە قورال توپلىمىغا ئېرىشىدۇ . بۇ تەھرىرلىگۈچتە ھازىرقى زامان تەھرىرلىگۈچىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەر توپلاشتۇرۇلغان ، ( syntax hight lighting ) گرامماتىكىسى يۇقىرى ( customizable keyboard bindings ) تىرناق ماسلاشتۇرۇش ( bracket matching ) ۋە كود بۆلىكى يىغىش ( snippets ) يەنە Git نىڭ ساندۇقنى ئېچىپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ .

Visual Studio Code ئورتاق تىل قىستۇرمىسىنى قاچىلاش

★ كومپيوتېرغا كىرگەندىن كېيىن Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچنى ئېچىپ قارايدىغان بولساق كۆڭۈلدىكى كۆرسىتىش بولسا ئىنگلىزچە تىلدا بولغان بولىدۇ ، بىز تېز كۇنۇپكا Ctrl + Shift + P مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدار تىزىملىك ئېچىلغان بولىدۇ .
★ بۇۋاقىتتا بىز كۆرۈنگەن تۈرلەردىن Configure Display Language دىگەننى تاللايمىز .
بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com★ بۇ ۋاقىتتا ئىككى دانە en ۋە Install additional languages تۈر تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ .
بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com★ ئالاقىدار تىل قىستۇرما بۇلاقلىرى كۆرۈنىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدىن بىز ئورتاق تىل ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەت شەكلى Chinese (Simplified) Language Pack for Visual Studio Code تاللاپ Install نى چېكىڭ .
بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Comبىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com★ ئارقىدىنلا Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچ ئاپتۇماتتىك ئورتاق تىل ئاددىي تىل بوغچىسى ئۇچۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ .

 

 Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچ چۈشۈرۈش

مەنبە: تارقۇت بىلوگى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى