تەرمىلەر

يۈز يىلدىن بۇيانقى كىشىنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق ئەزگەن داڭلىق سۈرەتلەر

دۇنيا رەھىمسىز، ھەم ئادىل ئەمەس. سىز تاماقلارنى تاللاپ يەپ، ئىسراپ قىلىپ ياشاۋاتقاندا، جاھاننىڭ يەنە بىر چېتىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر جان ساقلاش ئۈچۈن بىر تېمىم سۇ، بىر تال دانغا زار بولۇپ يۈرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

سىز راھەت، ئازادە، ئىللىق ئۆيلىرىڭىزدە باللىرىڭىز بىلەن بەخىت خۇشاللىقىغا چۆمگىنىڭىزدە، جاھاننىڭ يەنە بىر چېتىدىكى مەلۇم كىشىلەر ئىس-تۈتەك قاپلىغان يۇرتىدىن، ئۆيلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قان زار يىغلاپ سىرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بولۇشى ۋە ياكى ھاياتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن…

تۆۋەندە بىز يۈز يىل ۋاقىتتىن بۇيانقى ھەر قاراشتا كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى قان قىلىۋىتىدىغان بىر قىسىم داڭلىق بولغان رەسىملەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى. بەلكىم بەزى رەسىملەرنى بۇرۇن كۆرۈپ باققان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئېچىنىشلىق ھېكايىنى ھەممەيلەننىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن.

«ئېچىرقاپ كەتكەن قىز» (ئامېرىكا)

فوتوگراف بۇ سۈرەت سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. بۇ سۈرەت يەنە 1994-يىلى پۇلىتزېر ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىر تازقارا ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان يالىڭاچ كىچىك قىزغا تىكېلىپ قاراپ بۇ «ئولجا»سىدىن بەھىرمان بولۇشنى كۈتمەكتە.

بۇ رەسىم ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئادەمنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر تەرىپىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، ئاچارچىلىقنىڭ قانچىلىك دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەڭ بىۋاسىتە ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلىگەن. 1993-يىلى سۇدان كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان قاتتىق قەھەتچىلىككە پېتىپ قالدى، يەرلەردە سارغىيىپ كەتكەن ئوت-چۆپلەردىن باشقا ھەممە جاي قۇپقۇرۇق ئىدى. جەنۇبىي ئافرىقىلىق فوتوگراف كېۋىن كارتېر بۇ سۈرەت بىلەن داڭق چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تالاش-تارتىش قوزغىغان، بەزىلەر ئۇنى پەقەت سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈنلا ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان بۇ بالىنى قۇتقۇزمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. كەيۋېن جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئېغىر خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا قالدۇرۇپ قويغان باغاقچىغا: «كۆپچىلىككە راستتىنلا يۈز كېلەلمەيمەن، دۇنيانىڭ ئازابى خۇشاللىقتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى» دەپ يازغانىدى.

«قول»

بۇ سۈرەت 1982-يىلى دۇنيا ئاخبارات فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

قانچىلىك ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بۇ رەسىمنى كۆرسە يۈرىكى ئېچىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ ئۇگاندالىق بىر بالىنىڭ قولى. ئافىرىقىدىكى توختىماي يۈز بەرگەن ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە قەھەتچىلىكنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋىتى بۇ كىچىك قول ئارقىلىق كىشىنى چۆچۈتتى. بۇ قول بىلەن غەربلىكلەرنىڭ بۇ ئاق ھەم يوغان قولى روشەن سېلىشتۇرما بولغان ئىدى. بۇ سۈرەتنىڭ ئەھمىيىتى قەھەتچىلىك تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق ئافرىقا مەسىلىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. بۇ ئاق تەنلىكنىڭ قولى باياشات غەربكە سىمۋول قىلىنغانىدى. ئۇلار ئارىسدا تەرەققىيات ۋە قالاقلىق، باياشاتلىق ۋە نامراتلىق ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، بۇنداق كۈچلۈك سېلىشتۇرما ناھايىتى ئاسانلا ئىنسانپەرۋەرلىك ئەخلاق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سۈرەتكە قاراپ بىز ئادەتتە ئىسراپ قىلىۋەتكەن ئاشلىقلىرىمىزغا قاراپ خىجىل بولىمىز.

«ئانا مېھرى»

بالا مەڭگۈ ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى. قاراڭغۇ ئۆيگە غۇۋا قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى، ۋاقىت گويا توختاپ قالغاندەك ئىدى.

1972-يىلى داڭلىق فوتوگراف يۇكىن سىمىس ياپونىيەدىكى بىر بېلىقچىلىق كەنتىدە بۇ سۈرەتنى تارتىۋالغان. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بۇ رايوننىڭ سۈيى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ، مىناماتا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، سۈرەتتىكى بۇ بالا شۇلارنىڭ بىرى. ياپونىيە تارىخىدىكى بۇ ئەڭ ئېچىنىشلىق بۇلغىنىش ۋەقەسى ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ بىنورمال ئېشىشى ۋە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئەكس ئەتتۈردى. يۇكىن شىمىس تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئەينى يىللاردىكى پاجىئەلەرنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىغا بولغان يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.

«ھەسرەت» (سوۋېت ئىتتىپاقى)

قوينىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى، ئەمدى بىر ئائىلە كىشىلىرى قانداق قىلىدۇ؟

بالا نېمە قىلارىنى بىلمەي يىغلاپ كەتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى بارى يوق ئالتە قوينى تاكسى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قېچىپ كەتكەندى. بەلكىم كىچىك بالىلار تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇ بۇ ئالتە قوينىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارلىقى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، بىراق ھازىر ھەممىسى يوق بولدى.

ناھايىتى ئېنىقكى، تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ بالايىئاپەت ھېلىمۇ كۈنىنى ئاران ئېلىۋاتقان بىر دېھقان ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق غايەت زور زەربە ئىدى. كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان بۇ سۈرەت كىشى قەلبىدە ئىختىيارسىز بالا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھېسداشلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. بەختكە يارىشا، سۈرەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى خەلىق ئاممىسىنىڭ بۇ بالىغا ئىئانە قىلغان 7000 ئامېرىكا دوللىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ زىيىنىنى تولۇقلاپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ سۈرەتنى تارتقۇچىمۇ تەسەللىي تاپقان.

«ئومائىرانىڭ ئازابى» (سوۋېت ئىتتىپاقى)

1986-يىلى دۇنيا ئاخبارات فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بۇ بىر قىزچاق ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان پەيت ئىدى، ئۇنىڭ ئىككى قولى ئىششىپ ئاقىرىپ كەتتى، كۆز قارىچۇقىمۇ ئاستا ـ ئاستا يوغىناشقا باشلىدى. ئۇ لاتقا-شېغىللىق ئېقىندا قەيسەرلىك بىلەن 60 سائەت تىركەشتى. سۈرەتتە ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەزىرى بىلەن بىزگە قارىماقتا…

1985-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى كۆپ يىل ئۇيقۇدا ياتقان كولومبىيەدىكى لۇئىس يانار تېغى تۇيۇقسىز پارتلاپ، تاغدىكى قارلار ئېرىگەندىن كېيىن، لاتقا-شېغىللىق ئېقىنغا ئارىلىشىپ يانتۇلۇقنى بويلاپ ئېقىپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئامارو بازىرىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يۇتۇپ ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئاپەت پەيدا قىلىدۇ. يانار تاغ پارتلاپ ئۈچىنچى كۈنى فرانسىيەلىك فوتو سۈرەت مۇخبىرى فرانكلىن فونېل نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىدۇ، ئۇ خارابىلىكنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئومائىلا ئىسىملىك 12 ياشلىق بىر قىزچاقنى بايقايدۇ. كىشىلەر سۈزۈك سۇ بىلەن بېشىدىكى لاي ـ لاتقىلارنى يۇيۇپ، ئۇنىڭغا سۇ بەردى ھەم ئامال قىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئەمما ئومائىلا سۇدا ئۈچ كۈنگە يېقىن تىركەشكەچكە، ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ، ئاخىرى يۈرىكى سوقۇشتىن توختىدى.

«يېرىم سانتىمېتىرلىق سىلاش» (ئامېرىكا)

ئۇرۇش ئوتىدىن قېچىش ئۈچۈن، بىر ئەر نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاخىرى خوتۇنىنى ماشىنىغا چىقاردى. ماشىنىدىكى ئانا ـ بالا ئىككىيلەن قاتتىق ئازابلاندى، ئۇلار بەلكىم بۇ ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. يۇگۇسلاۋىيەدە ئىچكى ئۇرۇش بولۇۋاتقان مەزگىلدە، بىر ئەر قولىنى ئاپتوموبىل ئەينىكىگە قويۇپ، ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن خوشلاشقان، ئاپتوموبىل ئۇلارنى مۇھاسىرىدە قالغان سارايېۋودىن ئېلىپ كەتكەن. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، يۇگوسلاۋىيىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تارىختىن قېپقالغان زىددىيەت-توقۇنۇش ئاشكارا كەسكىنلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ياۋروپادا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مۇھىم شەھەر سارايېۋو توقۇنۇش مەركىزى بولۇپ قالدى، شەھەر ئاھالىلىرى ئامالسىز قالدى. نۇرغۇن كىشىلەر خۇددى بۇ دادىغا ئوخشاش، ئەمدى قاچان كۆرۈشۈشنى بىلمەيدىغان خوتۇن ـ بالىلىرى ئالدىدا دېرىزە ئەينىكىدىن قولىنى تارتىشقا قىيمايتتى.

«بوپارنىڭ شىكايىتى» (سوۋېت ئىتتىپاقى)

ئۇنىڭ بىر جۈپ ئوچۇق كۆزى پۈتۈن دۇنيانىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. بۇ سۈرەت 1985-يىلى دۇنيا ئاخبارات فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەن قايتا قاراشقا پېتىنالمىدىم، بۇ بىر جۈپ كۆز ئۆلۈپ كەتسىمۇ يۇمۇلمىغانىدى! سەل-پەل كۆتۈرۈلگەن لەۋلىرىدە ئۇنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى نالە ۋە شىكايەتلىرىمۇ باردەك قىلاتتى.

فوتوگرافنىڭ قەلبى لەرزىگە كەلدى، دۇنيا ئاخبارات فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسى باھالىغۇچىلىرىنىڭ قەلبى لەرزىگە كەلدى، پۈتۈن دۇنيا ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قەلبىمۇ لەرزىگە كەلدى! 1984-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى 700 مىڭ نوپۇسى بار بوپال شەھىرىدە قۇرۇلغان ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە كاربىد شىركىتىنىڭ بىر دېھقانچىلىق دورا زاۋۇتىدا دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ھىندىستانلىق فوتو سۈرەت مۇخبىرى پابلاۋ بارسلومياۋ بۇ ئېغىر سانائەت ئاپىتىدە نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارتقان.

«ئازاب-ئوقۇبەت» (سوۋېت ئىتتىپاقى)

بىر سومالىلىق ئايال ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن بالىسىنى كۆتۈرۈپ قەبرىگە قاراپ ماڭدى.

بۇ سۈرەت 1995-يىلى دۇنيا ئاخبارات فوتوسۈرەت مۇسابىقىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1992-يىلى سومالىدا قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئانىلىق مۇھەببىتى ۋە ئۆلۈم. بۇ سۈرەت دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئازاب ـ ئوقۇبەت ۋە ئاپەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئىشەنچى ۋە تەقدىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

«بالا ئەمدۈرىۋاتقان ئانا» (ئامېرىكا)

بوۋاق يۈز بەرگەن ئىشلارنى قىلچە بىلمەستىن ئانىسىنىڭ سۈتىمۇ قالمىغان كۆكسىنى كۈچەپ شورايىتتى.

1967-يىلى بىفرا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىق ۋە نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىق تۇنجى قېتىم خەۋەر قىلىنغان. ھازىر بىز بۇ قېتىمقى ئاچارچىلىقنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ئاپەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قېتىملىق قەھەتچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئەگەر بىز بۇنىڭدىن ساۋاق ئالغان بولساق 1974-، 1984-يىللاردىكى ئېفىئوپىيەدىكى ئاچارچىلىق ۋە 1992-يىلىدىكى سومالىدىكى قەھەتچىلىكتىن ساقلانغىلى بولامتى-يوق؟ ئەگەر شىمالىي يېرىم شاردا بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرگە كۆپرەك دىققەت-ئېتبار بېرىلسە، تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولار بولغىيمىدى؟

«دادىنىڭ قايغۇسى» (سوۋېت ئىتتىپاقى)

1966-يىلى پۇلىتزېر ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بىر ۋېيتناملىق دادا يۈك ئاپتوموبىلى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بالىسىنى كۆتۈرۈپ يولدىن ئۆتكەن ئەسكەرلەرگە ۋەقەنى سۆزلەپ بەرمەكتە.

بۇ ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق سۈرەت بولۇپ، بەلكىم ۋېيتناملىق بۇ دادىنىڭ ئەسكەرلەرگە دەرت تۆكۈشىنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلگىنى پەقەتلا بىر يولۇچى ۋە بىر ئاپتوموبىل يارىدار ئەسكەرلەرلا ئەمەس. يەردە بالىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ دادا بېشىدىن قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن بىر سېرژانت بىلەن ئازابلانغان ھالدا پاراڭلىشىۋاتىدۇ، سېرژانت ئامالسىز قالغان ھەرىكىتى بىلەن ئۇنىڭغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرمەكتە، ئاپتوموبىلدىكى ئەسكەرلەرمۇ ئېچىنغان قىياپەتتە قاراپ تۇرماقتا.

«چىۋىننىڭ كاتتا زىياپىتى» (سوۋېت ئىتتىپاقى)

بىر بالىنىڭ ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان بەدىنى بىر توپ چىۋىننىڭ يېمەكلىكىگە ئايلاندى.

بۇ ئېفىيوپىيە مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بالا، ئۇ ھەقىقەتەن ئاجىزلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ يېمەكلىك ئىزدەشكىمۇ ئامالسىز قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان بەدىنى نۇرغۇن چىۋىننىڭ مەززىلىك تامىقىغا ئايلاندى.

1984-يىلىدىن باشلاپ ئېفىئوپىيەدە قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، بۇ دۆلەتتىكى پۇقرالار چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مۇساپىرلارغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ سۈرەتنى تارتقۇچى 1986 ـ يىلى بۇ يەرگە كېلىپ ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: «نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلىق سېلىنغان كەپە، پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىككە تولغان كىشىلەر بىلەن لىق تولدى. ئۇلار نەچچە كۈندە ئاران بىر قاچا سۇيۇق شورپا ئىچەلەيدۇ، سۇ ئىچىدىغان كۆلچىكى يۇندى كۆلچىكىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. بۇ جايدا ئەسلا دورا يوق، مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بالىلارنىڭ %100ى دېگۈدەك ئۆلۈپ كەتتى، چوڭلىرىمۇ پەقەت جان تالىشىپ ياشاۋاتاتتى. بۇ يەردە ئۇلار يېيىشكە بولىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى، جۈملىدىن ھاشاراتلارنىمۇ يەپ بولىدۇ، بۇنىڭ سىرتىدىكى بىردىنبىر ھاشارات چىۋىن. بۇ يەر چىۋىنلارنىڭ دۇنياسى بولۇپ، ئەتراپقا لىق تولغان چىرىگەن جەسەت، ئۆلۈپ كېتەي دېگەن تىرىك كىشىلەر ئۇلارنىڭ مول غىزاسىغا ئايلىنىپ قالغان. سىز بۇ جايدا چىۋىنلارنى ھۇجۇمىدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرالمايسىز، پەقەت ئۇلارنىڭ ۋىڭىلدىغان ئاۋاز ئىچىدە سىزنى يالماپ يۇتۇشىغا قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامال يوق. لېكىن، بىزنىڭ باياشات دۇنيارىمىزدا بۇ ئىشلارغا ھېچكىم پەرۋا قىلمايدۇ».

 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى