ئالەم

كائىناتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇشى سانسىزلىغان كائىناتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىنمۇ؟

بىز بۇ ئالەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمىز ھەمدە ھايات كەچۈرىمىز، بىز ئالەمنىڭ ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. لېكىن ئالىملارنىڭ ئالەم ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار بىز تۇرۇۋاتقان ئالەمنىڭ، ئاسترونومىيەدە مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بىز فىزىكىلىق تۇراقلىق سان، مەسىلەن، ئېغىرلىق كۈچى كۈچىنىشى، ئېلېكتىرون ماسسىسى، ئالەم تۇراقلىق سانىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان ئالەم مودېلىنى تۇرغۇزالايمىز ۋە تەھلىل قىلالايمىز. روشەنكى ناھايىتى چوڭ قىممەت ئېلىش دائىرىسى ئىچىدە، بۇ تۇراقلىق سانلار چوقۇم نۆۋەتتە ئۆلچەپ چىققان قىممەت بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇشى كېرەك، شۇندىلا يېڭى ھاياتلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن. فىزىكا ئالىمى لې سمولىن (Lee Smolin) نىڭ ھېسابلاش نەتىجىسى بىر ئالەمدە ھاياتلىق پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلېكىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ياكى ئاساسەن يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

كائىناتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇشى سانسىزلىغان كائىناتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىنمۇ؟

فىزىكا ئالىملىرى بۇ بايقاشنى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ فىزىكا پارامېتىرىنى «مىكرو تەڭشەش» (fine-tuning) دەپ ئاتىغان. بىز بۇ بايقاشنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بەزى كىشىلەر بۇنى پەقەت ئىنسانلارنىڭ تەلىيى دەپ قارايدۇ. لېكىن، نۇرغۇن مەشھۇر ئالىملار، مەسىلەن، مارتېن رېس (Martin Rees) ،ئالەن گۇس (Alan Guth) ۋە ماكىس تېگمارك (Max Tegmark) قاتارلىق ئالىملار مۇنداق دەپ قارىغان: «بۇ بىزنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئالەمدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئىسپاتى دەپ قارايدۇ، بىزنىڭ ئالەم پەقەت غايەت زور ھەم چەكسىز كۆپ ئالەمنىڭ مەركەزلەشكەنلېكىنىڭ بىرى. بىز «مايمۇن ۋە ماشىنكا» قىياسى ئارقىلىق بۇ خىل «مىكرو تەڭشەش» ھادىسىسىنى چۈشەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز». بۇ پەرەزدە، ئەگەر ناھايىتى كۆپ مايمۇن ئىختىيارىي ھالدا خەت ئۇرۇش ماشىنىسى چەكسە، ئۇ ھالدا بىر مايمۇننىڭ ئازراق توغرا بولغان ئىنگلىز تىلى ئۇرۇپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن، دېيىلگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر يېتەرلىك كۆپ ئالەم بولسا، بۇ ئالەمدىكى فىزىكىلىق تۇراقلىق سانلارمۇ يېتەرلىك كۆپ خىللىققا ئىگە بولىدۇ، ئۇ ھالدا ئىستاتىستىكا ئىلمىدە دەل ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر گۇرۇپپا فىزىكىلىق تۇراقلىق سانلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

لېكىن ئېھتىماللىق نەزەرىيەسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مىكرو تەڭشەشتىن كۆپ قاتلاملىق ئالەمگىچە بولغان يەكۈن خاتا. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ يەكۈن تەتۈر قىمارۋازلار خاتالىقى (inverse gambler’s fallacy)نى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كىلاسسىك قىمارۋازلارنىڭ خاتالىقىدىن سەل پەرقلىنىدۇ. كىلاسسىك قىمارۋازلار خاتالىقىدا، قىمارۋاز كېچىچە قىمارخانىدا تۇرسا ھەمدە ئىزچىل تەلىيى كاج كەلسە ئۇ كۆڭلىدە: «مەن كېيىنكى قېتىم شىشىخال چۈشۈرسەم چوقۇم يېڭىمەن، چۈنكى مېنىڭ كېچىچە تەلىيىم كاج كېلىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئويلايدۇ. بۇ بىر خىل خاتالىق، چۈنكى ھەر قانداق بىر قېتىمدا كۇبىكنى تاشلىغاندا، ئىككى 6 نۇقتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ئوخشاش بولۇپ، 1/36 بولىدۇ. قىمارۋاز شۇ كۈنى كەچتە نەچچە قېتىم شىشىخال تاشلىشىدىن قەتئىينەزەر، كېيىنكى قېتىمدا ئىككى ئالتىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

كائىناتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇشى سانسىزلىغان كائىناتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىنمۇ؟

تەتۈر قىمارۋازلار سەپسەتىسىدە، بىر ساياھەتچى بىر قىمارخانىغا كىرىپ، بىردىنلا بىرىنىڭ ئىككى ئالتىنى تاشلىغانلىقىنى كۆرگەندە ئۇ كۆڭلىدە: «ۋاھ، ئۇ ئادەم چوقۇم خېلى ئۇزۇن ئوينىغان، چۈنكى ئۇ ئادەم چىقىپلا ئىككى ئالتىنى تاشلىۋېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئويلايدۇ. بۇمۇ بىر خىل خاتالىق. قىمارخانىغا كىرگەن ساياھەتچىلەر پەقەت بىر قېتىملا شىشىخال تاشلىغانلىقىنى كۆرگەن، ئەمما بۇ قېتىم ئىككى ئالتىگە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى باشقا ھەر قانداق بىر قېتىمدا شىشىخال تاشلىغاندا ئىككى ئالتىگە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى 36/1 بولىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ ئوينىغۇچىنىڭ ئالتىنى تاشلىغانلىقىنى كۆرۈشى، ئوينىغۇچىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن قانچىلىك ئوينىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

فىزىكا ئالىمى جون خېلېر (John Wheeler) ئوتتۇرىغا قويغان تەۋرەنمە ئالەم نەزەرىيەسى (oscillat universe theory) ئاساسىدا، پەيلاسوپ لەن خاككىڭ (Ian Hacking) باشلامچىلىق بىلەن قىمارۋازلار سەپسەتىسى بىلەن كۆپ مەنبەلىك ئالەمنى بىرلەشتۈرگەن. تەۋرەنمە ئالەم نەزەرىيەسى بىزنىڭ كائىناتىمىزنى بىر قاتار ۋاقىتلىق كائىناتلار قاتارىنىڭ ئەڭ يېڭى بىرى دەپ قارايدۇ. خۇددى قىمارخانا ساياھەتچىسىنىڭ: «ۋاھ، ئۇ ئادەم چوقۇم ناھايىتى ئۇزۇن ئوينىدى، چۈنكى بىراقلا ئىككى ئالتىنى تاشلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس» دېگىنىدەك، كۆپ قاتلاملىق ئالەم نەزەرىيەچىلىرىمۇ: «ۋاھ، بىزنىڭ ئالەم پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم نۇرغۇن باشقا ئالەملەر بار ئىدى، پەقەت بىرلا ئالەم بار بولغان ۋاقىتتا، بۇنداق توغرا بولغان فىزىكىلىق تۇراقلىق سانلىق قىممەت پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ.

باشقا نەزەرىيەشۇناسلار كېيىن ھەر قېتىم «مىكرو تەڭشەش» ئارقىلىق بىر كۆپ قاتلاملىق كائىناتنى قىياس قىلغاندا، يۇقىرىقى سەپسەتە تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. سىز بۇ ئوخشاش مىسالنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ: «سىز ئويغانغاندىن كېيىن خاتىرىڭىزنى يوقىتىپ قويدىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىڭىزمۇ ئېسىڭىزدە يوق. ئالدىڭىزدا خەت ئۇرۇش ماشىنىسىنى چېكىۋاتقان بىر مايمۇن بار، مايمۇن قالايمىقان بېسىپ توغرا ئىنگلىزچە خەتنى بېسىۋاتىدۇ. بۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك». سىز بەلكىم مۇنداق ئويلىشىڭىز مۇمكىن: «بەلكىم مەن چۈش كۆرۈۋاتقان، بەلكىم بۇ پەقەت مەشىقلەندۈرۈلگەن مايمۇن بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم بۇ بىر ماشىنا مايمۇن بولۇشى مۇمكىن». ئەمما، سىزنىڭ ئويلاپ يېتەلمەيدىغىنىڭىز: «بۇ يەردە چوقۇم نۇرغۇن مايمۇنلار بار، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنگلىز تىلى بىلمەيدۇ».

بەزىلەر بۇ قاراشقا قارشى تۇرۇپ، ئۇنى كۆپ قاتلاملىق كائىناتنى مىكرو تەڭشەشتىن كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا قارشى تۇرغاندا، مىكرو تەڭشەلگەن ئەھۋالدىكى تاللاش ئېففېكتىغا سەل قارايدۇ، يەنى بىز مىكرو تەڭشەلمىگەن كائىناتنى كۆزىتەلمەيمىز، دەپ قارايدۇ. ئەگەر كائىناتقا قارىتا مىكرو تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىچىدە ھاياتلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھېچكىم بۇ كائىناتتىكى ھېچقانداق نەرسىنى بايقىيالمايدۇ. تاللاش ئېففېكتى ئەلۋەتتە مەۋجۇت، لېكىن بۇ ئۇنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئۆتكۈزمىگەنلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

لېكىن كۆپ قاتلاملىق ئالەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا ئىلمىي ئىسپات يوقمۇ؟ بەزى فىزىكا ئالىملىرى ھەقىقەتەن دەسلەپكى تەجرىبە ئىسپاتى ئارقىلىق بىر خىل كۆپ قاتلاملىق كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، يەنى مەڭگۈلۈك شىددەتلىك كېڭىيش نەزەرىيەسى (eternal inflatioon) نى ئىسپاتلاپ چىققان دەپ قارايدۇ. مەڭگۈلۈك شىددەتلىك كېڭىيش نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، بىر سان-ساناقسىز، كۆرسەتكۈچلۈك كېڭەيگەن غايەت زور بوشلۇق بار، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى رايونلارنىڭ كېڭىيىشى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ «كۆپۈكلۈك كائىنات»نى شەكىللەندۈرىدۇ، بىزنىڭ كائىناتىمىز پەقەت كۆپۈكلۈك كائىناتلارنىڭ بىرى. ئەمما فىزىكىلىق تۇراقلىق سان (ئېغىرلىق كۈچ كۈچىنىشى، ئېلېكتىرون ماسسىسى قاتارلىقلار) ئوخشاش بولمىغان كۆپۈكچە كائىناتتا ئوخشاش بولمايدۇ ھەم تەجرىبە ئاساسىمۇ بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئوخشاش بولمىغان كۆپۈكچىنىڭ كائىناتتىكى فىزىكىلىق سانلىق قىممەتلىرى ئوخشاش بولسا، مىكرو تەڭشەش نەزەرىيەسى تېخىمۇ خاتا بولىدۇ، يەنى بىزدە زور مىقداردىكى مايمۇن بار بولىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى توغرا ئىنگلىز تىلىنى بېسىپ چىقىرالايدۇ.

كائىناتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇشى سانسىزلىغان كائىناتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىنمۇ؟

بۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر خوردا نەزەرىيەسى (string theory)نى كىرگۈزگەن. خوردا نەزەرىيەسى ئوخشاش بولمىغان كۆپۈكچە كائىناتتا ئوخشاش بولمىغان فىزىكىلىق تۇراقلىق ساننىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىنى چۈشىنىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىدى. خوردا نەزەرىيەسىدە، فىزىكىدا قىياس قىلىنغان «تۇراقلىق سان»نى بوشلۇق فازىسى بەلگىلەيدۇ، ھالبۇكى، ئاتالمىش «خوردا مەنزىرىسى» (string landscap)دە 10 مىڭ 500 دانە ئوخشاش بولمىغان بوشلۇق فازىسى بولىدۇ. تاسادىپىي جەريان خوردا مەنزىرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئېھتىماللىقنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆپۈكچە كائىناتتا ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. لېكىن بىز ئوخشاشلا بۇ ئېھتىماللىقنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەجرىبە خاراكتېرلىك ئىسپات دەپ قارىمايمىز.

بەزى ئالىملار كۆپ قاتلاملىق كائىناتقا ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە ئوخشاش بولمىغان كائىناتنىڭ فىزىكىلىق تۇراقلىق سانىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىنلېكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، چۈنكى بۇ قارىماققا مىكرو تەڭشەشنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغاندەك قىلىدۇ. لېكىن مىكرو تەڭشەش ئارقىلىق شۇنى بايقايمىزكى، مىكرو تەڭشەشتىن كۆپ قاتلاملىق كائىناتقىچە بولغان خۇلاسىدە نۇقسان بار. شۇڭا بىز مىكرو تەڭشەشنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بەلكىم ئۇنى چۈشەندۈرىدىغان باشقا ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بىز پەقەت بىر قەدەر تەلەيلىك بولۇشىمىز مۇمكىن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى