ئالەم

ئ‍الەم ئۇچقۇچىسى ھەققىدىكى سوغۇق بىلىملەر

ئالەم ئۇچقۇچىسى، بىز ئ‍ۈچۈن ھەم تونۇش ھەم ناتونۇش كەسىپ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بولۇپمۇ ئوغۇللار كىچىك ۋاقتىدا ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، بۇ ئ‍ارزۇ نۇرغۇن ئ‍وغۇللارنىڭ ئ‍ۆسۈپ-يېتىلىشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ قالغانىدى. ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىدىغانلار ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى راستتىنلا چۈشىنەمدۇ؟ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى توغرىسىدا بەزى كىچىك بىلىملەرنى بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز، بۈگۈن بىز ئالەم ئۇچقۇچىلىرى توغرىسىدىكى سوغۇق بىلىملەرنى بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

ئ‍الەم ئۇچقۇچىسى ھەققىدىكى سوغۇق بىلىملەر

1. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ.

كىشىلەر بىردەك ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا بېرىشى كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ دېگەن قاراشنى ئ‍ادەمنى قورقىتىدىغان گەپ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئالىملارنىڭ كىلىنىكىلىق ئىسپاتلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئالەم بوشلۇقىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كۆزىدە ھەقىقەتەن ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش بولىدىكەن. كۆز بېسىمىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر ئادەمنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئاسان پەيدا قىلىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلام نۇرغۇن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆزەينەك تاقايدۇ.

ئ‍الەم ئۇچقۇچىسى ھەققىدىكى سوغۇق بىلىملەر

2. قورال سەپلەشكە توغرا كېلىدۇ.

مەن ئىشىنىمەنكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەيدۇ، لېكىن ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى قوغداشتا مۇنداق بىر ئېنىق بەلگىلىمە بار، ئۇ بولسىمۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالدىنقى كۈنى چوقۇم تاپانچا ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىققان چاغدىمۇ 11 تىپلىق ئوفىتسېرلار تاپانچىسى ئېلىۋالىدۇ، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بىراق، تاپانچا ئېلىپ يۈرۈشتىكى مەقسەت تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەس، دەسلەپكى ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغاندا، تېخنىكىسى چەكلىك بولغانلىقتىن، يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندە ھەمىشە بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ، تاپانچا ئېلىپ مېڭىشتىكى مەقسەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.

ئ‍الەم ئۇچقۇچىسى ھەققىدىكى سوغۇق بىلىملەر

3. ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا بويى ئ‍ۆسىدۇ.

ناھىيەسىگەرچە ئاڭلىماققا چاقچاق قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقىقىي پاكىت. ئالەم بوشلۇقىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بوي ئىگىزلىكى يەر شارىدىكىدىن 3 ~ 5 سانتىمېتىر ئىگىز بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بەدەن ئېغىرلىقىنى يوقاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئومۇرتقا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئاشىدۇ. بىراق، كۆپچىلىك يەنىلا بەك خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىغا قايتىپ كېلىشى بىلەنلا، ئۇلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ قالىدۇ.

ئ‍الەم ئۇچقۇچىسى ھەققىدىكى سوغۇق بىلىملەر

4.ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تىرنىقى چۈشۈپ كېتىش خەتىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئ‍ادەمنىڭ تىرنىقى يەنىلا بىر قەدەر ئ‍اجىز بولىدۇ ئالەم بوشلۇقى بېسىمى سەۋەبىدىن، تىرناق بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ھازىرقى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشتىن ئاۋۋال تىرنىقىنى ئېلىۋېتىدۇ، بۇ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. ئەمما ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تىرنىقىنى بۇرۇنقىدەك تارتىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ئەمما يەنىلا تىرنىقىنى قىسقا ياسىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئىزچىل ئالغا بېسىۋاتىدۇ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىمىزمۇ ئىزچىل دۆلەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. قارىماققا شان ـ شەرەپلىك ۋە ئ‍ېسىل كۆرۈنىدىغان كەسىپكە ئەمەلىيەتتە بىز بەرداشلىق بېرىشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان قىيىنچىلىقلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ئۇلار ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردۇر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى