ئالەم

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تارتقان چومولاڭما چوققىسىنىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى

 خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى (ISS) دىكى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ھاۋا ئوچۇق ئىككى كۈندە ھىمالايا تېغى، چىڭخەي-شىزاڭ ئىگىزلىكى ۋە ھىندى ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان تۈزلەڭلېكىنىڭ سۈرەتلىرىنى تارتقان. كەڭ بۇلۇڭلۇق سۈرەتنى ئالەم ئۇچقۇچىسى دون پېتتىت 2012-يىلى 5-ئايدا تارتقان بولۇپ، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان ھىمالايا تېغىنىڭ 1000 كىلومېتىر (600 مىل) غا سوزۇلغان مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان ئىدى.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تارتقان چومولاڭما چوققىسىنىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى

خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ يانتۇ كۆرۈش بۇلۇڭى، يەر شارىنىڭ ئەگرى سىزىقى ئوربىتىدا كۆرگىلى بولىدىغان ئۇپۇق سىزىقىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ سۈرەتنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى پېتتىن شۇ كۈنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۈزەل مەنزىرىگە يېقىنلاشقان، چۈنكى ئۇ ئىشلەتكەن كامېرا لىنزىسى (16 مىللىمېتىر) بىلەن ئادەم كۆزىنىڭ فوكۇس ئارىلىقى (تەخمىنەن 25 مىللىمېتىر) خېلى يېقىنلاشقان.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تارتقان چومولاڭما چوققىسىنىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى

ئىككىنچى پارچە سۈرەتنى ئالەم ئۇچقۇچىسى راندى بېرىسنىك 2017-يىلى 12-ئايدا تارتقان، شۇ چاغدا ئۇ تېخىمۇ ئۇزۇن بىر كامېرا لىنزىسى (420 مىللىمېتىر) ئارقىلىق غەربىي جەنۇبقا قارىغان. ئۇ چومولاڭما چوققىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، ئادەتتە چومولاڭما چوققىسىنىڭ بۇلۇت قاتلىمى بىلەن قاپلانمىغان ھالىتى ناھايىتى ئاز پەيدا بولىدۇ.

خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى بۇ تەجرىبىخانىنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دۆلەت تەجرىبىخانىسىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالىملار ۋە ئاممىغا نىسبەتەن ئەڭ زور قىممەتكە ئىگە يەر شارى سۈرەتلىرىنى تارتىشىغا ياردەم بېرىشنى ھەم ئىنتېرنېت تورىدا بۇ سۈرەتلەرنى ھەقسىز تەمىنلەشنى پىلانلىغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى