ئالەم

بىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئالەم بىزنى ئېسىدە تۇتامدۇ؟

بەزى فىزىكا ئالىملىرى ئۇچۇرنىڭ يوقالمايدىغانلىقىغا، ھەتتا قارا ئۆڭكۈردىمۇ يوقالمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ، لېكىن بۇ «قانۇنىيەت» بەلكىم پەقەت شەخسىنىڭ خاھىشى بويىچە بولغان بولۇشى مۇمكىن.

بىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئالەم بىزنى ئېسىدە تۇتامدۇ؟

مەن ئۆزۈمنى كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا مەجبۇرلىغان ئادەم، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدە يېتىلدۈرگەن بۇ ئادىتىم ھەقىقەتەن كەسپىي ھاياتىمغا زور پايدا يەتكۈزىدۇ. لېكىن مېنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يېزىش مۇددىئايىم ئازراقمۇ كەسپىي ئەمەس: ئەگەر مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى خاتىرىلىۋالمىسام، ئۇنداقتا ئۇلار تەبىئىيلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن قورقىمەن، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەندىكى بۇ خىل تۇيغۇ بارغانسېرى كۈچەيدى.

مېنى ئەنسىرىتىدىغىنى شۇكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنسانلار ۋە ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىزنالىرى يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئىلىم-پەن، ماتېماتىكا، پەلسەپە، سەنئەت، مۇزىكا ۋە ئاخبارات ئەسەرلىرىمىز دەسلەپكى مەۋھۇملۇققا قايتىدۇ، بىزنىڭ بۇرۇنقى ئىدىيە ۋە قىلمىشىمىزمۇ يوققا چىقىدۇ. ئەگەر بىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسە تارقىلىپ كەتسە، ئەگەر ھەممە نەرسە ئۇنتۇلۇپ كەتسە، ئۇنداقتا بىز ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك بولىمىز.

ئالىملارمۇ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىدۇ، مەن «دەل مۇشۇنداق تەشۋىش بەزى فىزىكا ئالىملىرىنى ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن» دەپ گۇمان قىلىمەن. مەن كۆپ يىللار ئىلگىرى ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىش قىياسنى بىلگەن، لېكىن مەن پەقەت يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا كىۋانت مېخانىكىسىنى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن بۇ ئىشنى ئەستايىدىل ئويلاشتىم.

مەن ئۆگەنگەن دەرسلىكلەر ئىچىدە ئىككى كىتاب كىلاسسىك مېخانىكا ۋە كىۋانت مېخانىكىسى توغرىسىدىكى ئەڭ ئاساسىي نەزەرىيە بولۇپ، ئۇنى ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا ئالىمى لېئونارد ساسكاند (Leonard Susskind) بىلەن ئىككىسى ئورتاق يازغان. ساسكاند بۇ ئىككى كىتابنىڭ مەزمۇنىنى «فىزىكىنى چۈشىنىشتە بىلىشكە تېگىشلىك بىلىم» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوقۇرمەنلەر چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بىر ئىش «ئۇچۇر يوقالمايدۇ» ، بۇ قانۇنىيەت «قالغان ھەممە نەرسىنىڭ ئاساسى» دەپ قارىغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «نىيۇتوننىڭ بىرىنچى قانۇنى (ھەرىكەتنىڭ ساقلىنىشى)، تېرمودىنامىكىنىڭ بىرىنچى قانۇنى (ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىشى) ۋە تېرمودىنامىكىنىڭ نۆلىنچى قانۇنى (ئەگەر سىستېما A بىلەن B ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىستېما C بىلەن تەڭپۇڭ بولسا، ئۇنداقتا A بىلەن B مۇ تەڭپۇڭ بولىدۇ) غا سېلىشتۇرغاندا، ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىش قانۇنى تېخىمۇ ئاساس بولىدۇ. شۇڭا ساسكاند ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىشى «مەنپىي قانۇنىيەت» دەپ قارايدۇ.

بۇ قانۇنىيەت دېتېرمىنىزم پىرىنسىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى ئەگەر مەلۇم سىستېمىنىڭ ھازىرقى ھالىتى مەلۇم بولسا، ئۇ ھالدا بۇ سىستېمىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىنىڭ ھەممىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. فىرانسىيەلىك بىيولوگ سىمون پىئېر لاپلاس (Simon-Pierre Laplace) بۇنىڭدىن 200 نەچچە يىل ئىلگىرى دېتېرمىنىزمنىڭ مەزمۇنىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«ئەگەر بىر ئەقلىي جىسىم مەلۇم ۋاقىتتىكى تەبىئەت ھەرىكىتىنىڭ بارلىق كۈچى ۋە تەبىئەتنى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق تەركىبلەرنىڭ ئورنىنى بىلسە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئەقلىي جىسىم غايەت زور بولغاندا بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلالايدۇ، ئۇ ھالدا ئۇ چوڭ بولغاندا پۈتكۈل ئالەم، كىچىك بولغاندا مىكرو ئاتوم ھەرىكىتىنى تەسۋىرلەيدىغان تەڭلىمىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئەقىل ـ پاراسەت سۇبيېكتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەممە ئىش، ھەممە نەرسىنى بىلگىلى بولىدۇ، كەلگۈسى خۇددى ئۆتمۈشكە ئوخشاش ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ».

ساسكاند كىۋانت مېخانىكىسى گەرچە كىلاسسىك مېخانىكىغا ئوخشىمىسىمۇ، ئېنىقسىزلىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىشىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قارىغان. 2008-يىلىدىكى بىر قېتىملىق زىيارەتتە، ئۇ ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىشى «بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاساسى، جۈملىدىن كىلاسسىك فىزىكا، تېرمودىنامىكا، كىۋانت مېخانىكىسى، ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىشى قاتارلىقلار ئۆتكەن نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان فىزىكا ئالىملىرى قەتئىي ئىشەنگەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن.

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا خاۋكىڭ (Stephen Hawking) ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىشىغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۇچۇرغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 2008-يىلى ساسكاندنىڭ ئېيتىشىچە، خاۋكىڭنىڭ پەرىزى «بىر قېتىملىق فىزىكا كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ ئېينىشتىيىن ياش ۋاقتىدىن باشلاپ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاساسىي نەزەرىيە كىرىزىسى ئىكەن. ئۇ ئىلمىي ماقالە ۋە بىر بازارلىق كىتابتا خاۋكىڭنىڭ كۆز قارىشىغا رەددىيە بەرگەن.

بىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئالەم بىزنى ئېسىدە تۇتامدۇ؟

ساسكاندنىڭ قارىشىچە، قارا ئۆڭكۈردىن سۈمۈرۈۋېلىنغان بارلىق ئۇچۇرلار قارا ئۆڭكۈرنىڭ سىرتقى پەردىسىدە، يەنى ھادىسە كۆرۈش دائىرىسىدە ساقلىنىدۇ. بۇ يەردە بوشلۇق ۋە ۋاقىت ئاجايىپ ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. مۇخبىر گېئورگې جونسون (George Johnson) ساسكاندنىڭ كۆز قارىشىنى دەل جايىغا تەگكۈزۈپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«ئۇنىڭ قارىشىچە، قارا ئۆڭكۈرگە چۈشكەن ھەممە نەرسە مەيلى بىر كىتاب ياكى پۈتكۈل مەدەنىيەت بولسۇن، قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنىڭ سىرتقى يۈزىگە خاتىرىلىنىدۇ ھەمدە خۇددى كىنوخانا ئېكرانىدىكى سۈرەتكە ئوخشاش رادىئاتسىيەلىنىدۇ».

خۇددى سىز جونسوننىڭ گېپىدىن پەرەز قىلغىنىڭىزدەك، ساسكاند تەجرىبىگە ئاساسەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغان نەزەرىيەنى ياخشى كۆرىدۇ. 2005-يىلىدىكى «كائىنات مەنزىرىسى» دېگەن كىتابىدا، ساسكاند:«بىز تۇرۇۋاتقان كىچىك كائىنات چەكسىز چوڭ كائىناتتىكى بىر كىچىك تۆپىلىككە ئوخشايدۇ» دەپ تەشەببۇس قىلغان. بۇ نەزەرىيە پۈتۈنلەي قىياسەن ئېيتىلغان، شۇڭا ئۇنى ئىلمىيلىكى يوق دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ باشقا ئالەملەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان ياكى ئىسپاتلايدىغان ئامالىمىز يوق.

بەلكىم ساسكاند ۋە باشقا فىزىكا ئالىملىرى بىزدەك كەسىپ ئەھلى بولمىغان كىشىلەرنىڭ بەك كەسكىن ھالدا كۆپ قاتلاملىق ئالەم ياكى ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىشى قاتارلىق كۆز قاراشلارنى مۇلاھىزە قىلىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن. بەلكىم بۇلار پەقەت ئىستىئارە، شېئىرىي خىيال بولۇشى مۇمكىن. بىراق فىزىكا ئالىملىرى ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدىن پەخىرلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى، شۇڭا مەن ئالدى بىلەن ساسكاندنىڭ «ئۇچۇر يوقىلىپ كەتمەيدۇ» دېگىنىگە ئىشەنمەكچى بولدۇم.

مەن بۇ ئالاھىدە كۆز قاراش ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەرنى رەتلەپ باقاي. بىرىنچى، خۇددى مەن ئىلگىرى ئېيتقاندەك، ئۇچۇر ئۇقۇمى پەقەت بىلىش ئوبيېكتى، يەنى ئاڭ مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇچۇر ئاڭنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئۇچۇر ساقلانسا، ئاڭمۇ ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئاڭ شۇ تاپتا مەۋجۇت بولسا، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ دەل ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنىڭ مەزمۇنى.

ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئالىم، پەيلاسوپلار ئاڭ ماددا بىلەن ئوخشاش مۇھىم، ھەتتا ماددىدىنمۇ مۇھىم دەپ قارايدۇ. مەن بۇ پەرەزلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ يېڭى يەر مەركەز تەلىماتى دەپ ئاتىدىم، چۈنكى ئۇلار بۇ قەدىمكى ھەم ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش قارىشىنى، يەنى ئالەم بىزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، دەپ قارىغانىدى.

ئەگەر مەن فىزىكا قانۇنىنى رەتكە تۇرغۇزسام، مەن تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن. بۇ قانۇن تەرتىپسىزلىك دەرىجىسى ياكى ئېنتروپىيە ئىزچىل ئېشىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان كائىناتىمىز ئىسسىقلىققا، جىمجىتلىققا قاراپ يۈزلەنمەكتە، بۇ بىر خىل ئاخىرقى جىمجىتلىق بولۇپ، ھەممە نەرسە جىمجىتلىققا چۆككۈسى. مەن ھەر قېتىم ئەينەككە قارىغاندا ياكى خەۋەر ئوقۇغاندا تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنىنىڭ ئىسپاتىنى كۆرىمەن، مېنىڭچە ئۇ ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىشىدىن مۇھىم.

ئەمەلىيەتتە مەن فىزىكىدىكى بارلىق «قانۇنىيەت» لەرگە گۇمان بىلەن قارايمەن، مېنىڭچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلمىي ھاكاۋۇرلۇقنىڭ ئىپادىسى. ئالىملار بىر قىسىم قاتتىق چەكلىمە شەرتلىرىگە ئىگە پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى خالىغان جىسىم، خالىغان ۋاقىت، خالىغان جايدا قوللىنىشقا بولىدىغان ئۇنىۋېرساللىق پىرىنسىپىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مەن ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىشىنىڭ توغرىلىقىدىن بەكرەك گۇمانلىنىمەن.

خاۋكىڭىنىڭ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۇچۇرنى بۇزۇۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قىياسىغا پەرۋا قىلمىساممۇ بولىدۇ، مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. ئۈچ يىل ئىلگىرى سەكتە بولۇپ دادامنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەچكە، ئۇ مېنى تونۇيالمىغانىدى. 2019 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، 96 ياشلىق دادام ئالەمدىن ئۆتتى، مېنىڭ ئۆگەي ئانام ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ئۇ ئىزچىل ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئەسلىمىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. بىلىملىك دوكار گلاس خوفستاد (Douglas Hofstadter) كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان سۆز بىرىكمىسى «روھنىڭ قۇياش تاجى» (soular coronas) نى ئىجاد قىلىپ، ئۆلۈم سەۋەبلىك خۇنۈك ئەسلىمىلىرنى سۈپەتلىگەن. ھامان بىر كۈنى بىزمۇ ئۆلۈپ كېتىمىز.

ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىشى ئالەمنىڭ دادامنىڭ ھاياتلىق مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىزىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قۇياش سىستېمىسى، ھەتتا سامانيولى سىستېمىسى ئىرغاڭلاپ ئۆچكەن كەلگۈسىدە، تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىمۇ ئاددىي، ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق، دادام ۋە باشقا بارلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.

بۇ ئوي ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، لېكىن مەن ئەمدى ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىش قانۇنىيتىگە ئىشەنمەيمەن، مەن ئاخىرى ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ۋە ئىشلاردىن ئايرىلىپ قالغىنىمنى ئويلىساملا، كۆڭلۈم پاراكەندە بولىدۇ. بىراق مەن باستېر ياكى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە رازى.

ساسكاند خاۋكىڭغا رەددىيە بەرگەن كىتابىدا، ئاز ئۇچرايدىغان كەمتەرلېكىنى ئىپادىلەپ:«بىز يەنىلا گاڭگىرىغان يېڭى، خاتا تونۇشقا تولغان بولۇشىمىز، ئەڭ ئاخىرقى رېئاللىق يەنىلا بىزنىڭ چۈشىنىش دائىرىمىزدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن» دېگەن. بۇ نۇقتىدا مەن ساسكاند بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلدىم.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى