تەبىئەت

قۇيرۇقىدىن كېچىپ ھايات قالسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا قىينىلىپ ئۆلىدىغان چايان

تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۈرەش تولىمۇ رەھىمسىز. كۈچلۈك ئوۋچىنىڭ ئالدىدا بەزى ھايۋانلار باتۇرلارچە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، بەزى ھايۋانلار قېچىپ قۇتۇلىدۇ، يەنە بەزى ھايۋانلار بولسا «بەدىنىنىڭ بىرەر پارچىسى»دىن كېچىپ ھايات قالىدۇ. بۇنداق كۈشەندىسىنىڭ ئالدىدا «بەدىنىنىڭ بىرەر پارچىسى»دىن كېچىپ ھايات قالىدىغان ھايۋانلار تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر تېزلا كەسلەنچۈك ۋە پاتمىچۇق قاتارلىقلارنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئوۋچىغا ئۇچرىغاندا كۆپىنچە ئاغرىققا چىداپ قۇيرۇقىنىڭ مۇئەييەن قىسمىنى ئۈزىۋېتىپ ئوۋچىنىڭ دىققىتىنى بۇراپ پۇرسەت تېپىپ قېچىپ قۇتۇلىدۇ.

قۇيرۇقىدىن كېچىپ ھايات قالسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا قىينىلىپ ئۆلىدىغان چايان

قۇيرۇقى ئۈزۈلگەن ئەركەك بوغۇمسىز چايان (سول)

ناھىيەسىگەرچە بۇ ئۇسۇل ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا ياردەم بەرسىمۇ، قۇيرۇقى ئۈزۈلگەن ھايۋانغا نىسبەتەن ئېچىنىشلىق بەدەل ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: كەسلەنچۈكنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلگەندىن كېيىن، بەدىنىنىڭ ماينى ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. ھەرىكىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يارا ئېغىزى ئوڭايلا يۇقۇملىنىدۇ. تەلەيلىك يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى ياخشى بولغاچقا، قۇيرۇقىنىڭ كەمتۈك قىسمى ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ چىقىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قۇيرۇقى ئۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھاياتىغا بىۋاستە خەۋپ يەتمەيدۇ. ئەمما بەزى ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلگەندىن كېيىنمۇ ئاخىرىدا تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كېتىدۇ.

قۇيرۇقىدىن كېچىپ ھايات قالسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا قىينىلىپ ئۆلىدىغان چايان

2015-يىلى تەتقىقاتچىلار جەنۇبىي ئامېرىكىدا بىر خىل قۇيرۇقىنى ئۈزۈپ ھاياتىنى ساقلايدىغان زەھەرلىك چاياننى بايقىغان. بۇ لاتىن ئامېرىكىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل چايان بولۇپ، «بوغۇمسىز چايان» دەپ ئاتىلىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنى ھەيران قالدۇرغان يېرى شۇكى، بۇ خىل چايان قۇيرۇقىنى ئۈزۈپ ھاياتىنى ساقلاپ قالسىمۇ ئاخىرىدا باشقىچە ئۇسۇلدا ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كېتىدىكەن. يەنى ئۇلارنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلگەندىن كېيىن تەرەت قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدىكەن.

ئۇلار كۈشەندىسى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ قاچالمىغاندىن كېيىن، قۇيرۇق قىسمىدىكى 4-1 بولغان خالىغان بوغۇمىنى ئۆزلۈكىدىن ئۈزىۋېتىپ تاشلاپ كۈشەندىسىدىن قېچىپ قۇتۇلىدىكەن. ئۈزۈلۈشتىن شەكىللەنگەن يارا ئېغىزى بەش كۈن ئىچىدە پۈتىدىكەن. ئەمما ئاجراپ كەتكەن بوغۇمى ۋە زەھەر بېزى قايتا ئۆسمەيدىكەن.

قۇيرۇقىدىن كېچىپ ھايات قالسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا قىينىلىپ ئۆلىدىغان چايان

ئاق رەڭلىك قىسمى دەل ئۈچىيىدە توختاپ قالغان گەندە

بۇنىڭدىن باشقا، ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ قالغان قۇيرۇقىدا قىسمەن ئۈچەي ۋە مەقئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى ساقلىنىپ قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، بۇ چايان تەرەت قىلىش ۋە زەھەرلىك نەشتىرىنى سانجىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم بولىدىكەن. قۇيرۇقى ئۈزۈلۈپ نەچچە ئايدىن كېيىن، چاياننىڭ ھەزىم قىلىش يولىغا گەندە توشۇپ، قورساق قىسمى روشەن كۆپۈشىدىكەن. ھەمدە ئاخىرىدا ئاستا-ئاستا ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار نورمال چايان بىلەن قۇيرۇقى ئۈزۈلگەن چايانلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆزەتكەندىن كېيىن، قۇيرۇقى ئۈزۈلگەن چىشى چاياننىڭ ئوڭۇشلۇق ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئېغىر قەۋزىيەت بولغان چايانلارنىڭ ئېغىرلىقى قۇيرۇقى ئۈزۈلۈشتىن بۇرۇنقى نورمال ئېغىرلىقتىن %30 ئېغىرلاپ كېتىدىكەن. بۇ 60 كىلوگرام كېلىدىغان ئادەمنىڭ بەدىنىگە 20 كىلوگرام گەندە تىقىلىپ قالغانغا باراۋەر كېلىدىكەن. تەقلىدىي ئوۋلاش تەجرىبىسىدە، %88 ئەركەك چايان قۇيرۇقىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ئوۋچىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلىدىكەن. ئەمما پەقەتلا چىشى چايانلار قۇيرۇقىنى ئۈزۈپ ئوۋچىدىن قۇتۇلىدىكەن. چۈنكى چىشى چايانلار ئەۋلاد قالدۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچ ئۈچۈن قۇيرۇقىنى ئوڭايلىقچە ئۈزمەيدىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى