ساغلاملىق

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ يۇقۇملانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ؟

ئەيدىز كېسىلى ھازىر ھەممەيلەن ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە ئەنسىرەيدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرسى، چۈنكى ئەيدىز كېسەللېكىنىڭ يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك، ساقىيىش نىسبىتى تۆۋەن. كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە ناھايىتى ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە ئەيدىز كېسىلى ئۆتكۈر مەزگىلى، يوشۇرۇن مەزگىلى ۋە كېسەللىك دەۋرى مەزگىلىگە بۆلۈنىدۇ. ھەر بىر باسقۇچدىكى كېسەللىك ئىپادىلىرى ئوخشىمايدۇ.

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ يۇقۇملانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ؟

1. ئۆتكۈر مەزگىلى

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىممۇنىتېت فۇنكسىيەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆتكۈر مەزگىلىدە يۇقۇملانغۇچىدا قىزىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، سوغۇق تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، ئەسۋە چىقىش، بوغۇم ئاغرىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتىكى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، شۇڭا جىددىي خاراكتېرلىك ئەيدىز بىمارلىرىنى تاشقى قىياپىتىدىن پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى تەس.

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ يۇقۇملانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ؟

2. يوشۇرۇن مەزگىلى

يوشۇرۇن مەزگىلدىكى ئەيدىز بىمارلىرىدا ھېچقانداق ئالاھىدە كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا لىمفا تۈگۈنى يوغىناش قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى بولىدۇ، بۇ ۋاقىت 8-6 يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ داۋاملىشىش مەزگىلى ئوخشىمايدۇ، بۇ يۇقۇملانغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ تىپى، يۇقۇملىنىش يولى ۋە شەخسنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ يۇقۇملانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ؟

3. كېسەللىك دەۋرى مەزگىلى

بۇ مەزگىل ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بىماردا قىزىش، سوغۇق تەرلەش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئاز دېگەندىمۇ %10تىن كۆپرەك يېنىكلەيدۇ. يەنە بەزى بىمارلاردا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىش، روھى كەيپىياتى چۇسلىشىش، مىجەزى ئۆزگىرىش، باش ئاغرىش، تۇتقاقلىق ۋە دېۋەڭلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ يۇقۇملانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ؟

يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن ئەيدىز كېسەللېكىنىڭ دەسلەپكى يۇقۇملانغان ۋاقتىدىن ئاخىرقى مەزگىلىگىچە بولغان مەزگىلدە بىماردا ئالاھىدە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەيدىز كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇشنىڭ پىرىنسىپى ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىش بولۇپ، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش، كىلىنىكىلىق ئىپادىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەڭ ئاساسلىقى يەنىلا ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈشدۇر، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتماس مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى