يېمەك-ئىچمەك

كوفېئىن راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

چاي بىلەن قەھۋە نېمە ئۈچۈن ئ‍ادەمنى روھلاندۇرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ روھلاندۇرۇش ئۈنۈمى ئوخشاشمۇ؟
چاي بىلەن قەھۋەنىڭ روھلاندۇرۇش رولى ئاساسلىقى كوفېئىننىڭ رولىدىن ئىبارەت، كوفېئىن بولسا دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان ماددا. كوفېئىن ئاساسلىقى قەھۋە دەرىخى، چاي دەرىخى، گۋانانا قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئاساسلىقى چاي، قەھۋە، ئىچىملىك ۋە شاكىلاتتا بار بولىدۇ.

كوفېئىن راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

كوفېئىن كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلايدۇ، ئەمما چاي ۋە قەھۋەنىڭ پەيدا قىلىدىغان روھلاندۇرۇش ئۈنۈمىدە پەرق بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئ‍ارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى (IARC)نىڭ راك كېسىلى پەيدا قىلىش خەۋپىنى باھالاشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، قۇرۇتۇلغان چاي تەركىبىدىكى كوفېئىن مىقدارى تەخمىنەن %3-%4كىچە. دۇنيادىكى ئىككى چوڭ قەھۋە پۇرچىقى سورتى ئارابىكا (arabica) بىلەن روبۇستا (robusta)دىكى كوفېئىن مىقدارى تەخمىنەن %1.2، %2.2 ئىكەن.

كوفېئىن راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ناھىيەسىگەرچە قۇرۇتۇلغان چاي تەركىبىدىكى كوفېئىننىڭ مىقدارى قەھۋە پۇرچىقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن كىشىلەر چاي ئىچكەندە ئىشلىتىدىغان چاي يوپۇرمىقىنىڭ مىقدارى ئادەتتە بىر قەدەر ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاي دەملىگەندە كۆپىنچە چاي يوپۇرمىقى بىلەن چاينىڭ سۈيى ئايرىۋېتىلىدۇ، شۇڭا چاي ئىچىش ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان كوفېئىن تېخىمۇ تۆۋەنرەك بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، چاي تەركىبىدىكى چاي ئاممىياك كىسلاتاسى يەنە كوفېئىننىڭ روھلاندۇرۇش رولىغا قارىتا تولۇق قارشىلىق ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، شۇڭا چاي ئىچكەندە پەيدا بولىدىغان روھلاندۇرۇش ئۈنۈمى ئاجىزراق بولىدۇ.

كوفېئىن راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

كوفېئىننى كۆپ قوبۇل قىلسا قانداق زىيىنى بار؟ راك پەيدا قىلامدۇ؟
كوفېئىننىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا نىسبەتەن بەلگىلىك پايدىلىق رولى بار، ئۇ يەنە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ، داۋالاش ئىلمىدە ئەھمىيىتى بار. تۇرمۇشتا كىشىلەر كوفېئىن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ۋاقىتلىق روھلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە يېتىشنى ئويلايدۇ، لېكىن يەنە ھوشيار بولۇش كېرەك، چۈنكى كوفېئىن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان روھىي كېسەللىك دورىسى بولۇپ، مۇئەييەن دەرىجىدە ئادەمنى خۇمار قىلىدۇ.

كوفېئىن راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ئەگەر كوفېئىن مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، ئۇلاردا مەلۇم دەرىجىدە تايىنىشچانلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن، كوفېئىن زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسىمۇ ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك سېلىش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

كوفېئىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئ‍ارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن ئۈچىنچى تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇ بىزنىڭ كوفېئىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىپ، نامەلۇم خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىزنى ئەسكەرتىدۇ.

 

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى