ساغلاملىق

ئىشتىھايىڭىزنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەلمەي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟

ئىشتىھايىڭىزنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەلمەي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟

نۇرغۇن چاغلاردا كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى بەك ياخشى بولۇپ كېتىپ، ئىشتىھاسىنى كونترول قىلالمىغانلىقتىن، ئورۇقلاشتا مەغلۇپ بولىدۇ، بۇنىڭدا پەقەت ئىرادىگىلا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما بەزىدە ئىرادە بەدەن ئىقتىدارى ئالدىدا ئاجىز كېلىپمۇ قالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئىشتىھانى كونترول قىلىشنىڭمۇ ئامالى بار، بەزى ئەپچىل چارىلەر ئارقىلىق ئىشتىھانى كونترول قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەندە، ئورۇقلاش ناھايىتى ئاسانغا توختايدۇ.

ئىشتىھايىڭىزنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەلمەي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟

1. ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، ئاۋۋال بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ ئاندىن ناشتا قىلىڭ.

ئەتىگەندە بەدەندە كۆپ ھاللاردا سۇ كەمچىل بولىدۇ، بەدەندە سۇ كەمچىل بولغاندا ئاسانلا يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ. ئالدى بىلەن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرگەندە، بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يەنە بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياغنى كۆيدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

ئىشتىھايىڭىزنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەلمەي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟

2. تاماقنى ئاستىراق يېيىش

سىزنىڭ تاماق يېيىش سۈرئىتىڭىز بەك تېز بولۇپ كەتكەندە، تاماقنى بەك تويغۇدەك يېگەندىمۇ، يەنىلا قورسىقىڭىز تويمىغاندەك تۇيغۇدا بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەكسىچە تاماقنى ئاستىراق يېسەك، بىر كىشىلىك تاماقنى يەپ بولالمايلا تويۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

ئىشتىھايىڭىزنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەلمەي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟

3. غىزالىنىشتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كىراخمالنىڭ نىسبىتىنى ئازايتىش

ئەگەر بىر ۋاق تاماقتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كىراخمال (مەسىلەن گۈرۈچ ۋە ئۇن)نىڭ نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغان بولۇپ، ئاسانلا كۆپ يەۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، تويغان تۇرۇقلۇقمۇ يەنە يېگۈسى كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، تويۇشمۇ تېز بولىدۇ، قورساق ئېچىشىمۇ تېز بولىدۇ، قورساق ئاچقاندا تېخىمۇ ئاسانلا بىر نەرسە يېگۈسى كېلىدۇ.

ئىشتىھايىڭىزنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەلمەي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟

4. كەچتە بىر سائەت بۇرۇن ئۇخلاش

ئەگەر سىز تۈنەيدىغانلاردىن بولسىڭىز، سائەت سەككىزدە قورسىقىڭىزنىڭ ئانچە ئاچمىغانلىقىنى، سائەت توققۇز بولغاندا قورسىقىڭىزنىڭ شۇنداق بەك ئېچىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايسىز. بىر سائەت بالدۇر ئۇخلىغاندا، بىر ۋاخ كېچىلىك تاماق يېيىشتىن ساقلىنالايمىز.

ئىشتىھايىڭىزنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەلمەي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟

5. ھەر كۈنى 8-9 سائەت يېتەرلىك ئۇخلاش

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئاز بولسا، ئاچلىق سېزىمى ۋە ئىشتىھاسىنى %24 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، تويۇنۇش سېزىمى ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى %26 تۆۋەنلەيدىكەن، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن ئاز بولغان كىشىلەرنىڭ ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن تويۇنۇش سېزىمى %26 تۆۋەنلەيدىكەن.

ئىشتىھايىڭىزنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەلمەي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟

6. چوقۇم ناشتا قىلىش، ھەمدە بىر تال تۇخۇم يەپ بېرىش

ئەگەر ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەندە، قورساق بەك ئېچىپ كېتىپ، تېخىمۇ ئاسانلا چۈشلۈك تاماقنى كۆپ يەۋېتىپ قالىمىز. تۇخۇم تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ، تويۇنۇش سېزىمى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، يەنە تويۇنۇش سېزىمى ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر خىل ماددا بار، ناشتىدا بىر تال تۇخۇم يەپ بەرگەندە، ئاچلىق سېزىمى ئاسان پەيدا بولمايدۇ.

ئىشتىھايىڭىزنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەلمەي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟

7. يېڭى مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش، مېۋە شەربىتىنى ئاز ئىچىش.

مېۋە شەربىتىنى سىقىپ چىقىرىش جەريانىدا يېمەكلىك تالاسى ۋە بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلار بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا قەنت ساقلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، يېڭى مېۋىلەرنى يېگەندىكىدەك تويۇنۇش سېزىم پەيدا بولمايدۇ.

ئىشتىھايىڭىزنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلەلمەي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟

8. ئازدىن يېيىش كۆپ قېتىم يېيىش

ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق يېگەندە تويۇنۇش سېزىمى ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى ھەمدە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغان بولۇپ، تاماقنى كۆپ يەۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى