ساغلاملىق

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش زادى قانداق ئىش؟

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش زادى قانداق ئىش؟

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى بولۇپ، تەكرار قوزغىلىشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئادەتتە كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ھەمدە نۇر ياكى ئاۋازغا بولغان سەزگۈرلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO)نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن يەر شارىدا تەخمىنەن بىر مىليارد 300 مىليون مۇشۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال بىمارلارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ئىكەن.

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش زادى قانداق ئىش؟

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش زادى قانداق ئىش؟

بۇ خىل كېسەلنىڭ تۈرى مۇرەككەپ بولۇپ، دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن تىپىك باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، ئادەتتىكى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، دەۋرىيلىك باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، نېگىز ئارتېرىيەلىك (基底动脉型) باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش قاتارلىقلار بار.

نۇرغۇن كىشىلەر باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشتا، پەقەت باشنىڭ بىرلا تەرىپى ئاغرىيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە كىلىنىكىدا نۇرغۇن بىمارلارنىڭ بېشىنىڭ ئىككى تەرىپى تەڭ ئاغرىيدۇ. ئوخشىمىغان تۈردىكى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئادەتتىكى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنىڭ ئىپادىسى: باشنىڭ بىر ياكى ئىككى تەرىپى يېنىك ئاغرىيدۇ، ئادەتتە بىمارلار بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھالەتتە بولىدۇ. قىسقا دەم ئېلىپ ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچكەندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەيدۇ.

تىپىك باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنىڭ ئىپادىلىرى: بۇ خىل باش ئاغرىش كۆپىنچە باش-پېشانە قىسمى، چېكە قىسمى، ئىككى تەرەپتىكى چېكېلەرنى ئاساس قىلىدۇ. قوزغىلىش ۋاقتى 4 ~ 72 سائەت بولىدۇ. بۇ خىل باش ئاغرىقى قوزغىلىشتىن بىر نەچچە سائەت ياكى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى چارچاش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

چىدىغۇسىز باش ئاغرىقىدىن باشقا، بىماردا يەنە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، كۆز ياشاڭغۇراش، كۆرۈش سېزىمى غۇۋالىشىش، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تىپىك باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنىڭ كېسەللىك جەريانى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئاز بولغاندا نەچچە يىل، ئۇزۇن بولغاندا نەچچە ئون يىل بولىدۇ.

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش زادى قانداق ئىش؟

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشتىن قانداق يىراق تۇرىمىز؟

1. ئىسپىرت تۈرىدىكى غىدىقلىغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش

بەزى يېمەكلىكلەر باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر، كوففېئىن تەركىبلىك ئىچىملىكلەر، سۈرلەنگەن گۆش قاتارلىقلار. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ئالامىتى بار كىشىلەر بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

2. تەركىبىدە نىترىتلار بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش

كونسېرۋا، سوغۇق ساقلىنىدىغان يېمەكلىكلەر، گۆش تۈرىدىكى پىششىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە نىترىت كىسلاتا تۇزى قاتارلىق تەركىبلەر بولۇپ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

3. يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش

تۇرمۇش ئادىتىگە دىققەت قىلىپ تۈنىمەسلىك، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ۋاقتىدا ئارام ئېلىپ ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇش بىمارلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

4. قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۇقتىلىق نەپەس ئېلىش مەشىقى، نەپەسنى تەڭشەش ھەرىكىتى (مەسىلەن، يوگا، تەيجى گۇمپىسى، ئاستا يۈگۈرۈش) بىمارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

5. چاچ نەم ھالەتتە دەرھال ئۇخلىماسلىق

ئەگەر يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن چاچنى قۇرۇتماي تۇرۇپلا ئۇخلىسا، ئاسانلا باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، سۇ باش تېرىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ قالسا، باش تېرىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

6. كۈچلۈك ئاپتاپتا ئاپتاپقا قاقلانماسلىق

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان بىمارلار نۇرغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ، بولۇپمۇ باش ئاغرىقى قوزغالغاندا، كۈچلۈك يورۇقلۇقتىن روشەن قورقىدۇ، يورۇقلۇق بىرقەدەر تۇتۇق بولغان ئۆيدە تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.
كۈچلۈك قۇياش نۇرىنىڭ غىدىقلىشى بىۋاسىتە باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۈچلۈك نۇرنىڭ غىدىقلىشى بىلەن باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنىڭ زىچ باغلىنىشچانلىقى بار.

7. سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش

سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە ، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى كۈچلۈك غىدىقلايدۇ، بۇ تاڭلاي تېرىسىدىكى نېرۋىلاردا رادىيوئاكتىپلىق ئاغرىقنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل ئاغرىش بەزى كىشىلەرگە روشەن بىلىنمەيدۇ، ئەمما بەزى باش ئاغرىقى تارىخى (مەسىلەن، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش) بولغان بىمارلارنىڭ كېسىلىنىڭ جىددىي قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش زادى قانداق ئىش؟

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولامدۇ؟

نۆۋەتتە تېببىي ساھەدە بىرلەمچى باش ئاغرىقىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبىنى تولۇق ئېنىقلانمىدى، شۇڭا ئۈزۈل-كېسىل داۋالاپ ساقايتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايىتى تەس. ئەمما كىلىنىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، دورا بىلەن داۋالاش، ۋە باشقا داۋالاش-ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق «قايتا كېسەللىك قوزغالماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى