ئالەم

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېشىل قانىتى- پاكىز ئېنېرگىيە

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېشىل قانىتى- پاكىز ئېنېرگىيە

پاكىز ئېنېرگىيە تار مەنىدىكى ۋە كەڭ مەنىدىكى دەپ ئىككى خىل ئۇقۇمغا بۆلۈنىدۇ. تار مەنىدىكى پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسى ھاسىلىي ئېنېرگىيە، مەسىلەن: سۇ ئېنېرگىيەسى، بىيولوگىيەلىك ئېنېرگىيە، قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىللىقى ئېنېرگىيەسى ۋە دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىكى پاكىز ئېنېرگىيە ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنى تەبئىي گاز، پاكىز كۆمۈر (كۆمۈرنى خىمىيىلىك رېئاكسىيە ئارقىلىق كۆمۈر گازى ياكى كىرسىنغا ئايلاندۇرۇش يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق كۆيۈشنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش) ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تۆۋەن بۇلغىمىلىق ئېنېرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۆۋەندە بىز بىر قانچە خىل پاكىز ئېنېرگىيەنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېشىل قانىتى- پاكىز ئېنېرگىيە

1. قۇياش ئېنېرگىيەسى: قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇياش ئېنېرگىيەسىنى باشقا شەكىلدىكى ئېنېرگىيەلەرگە، مەسىلەن: ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خىمىيەلىك ئېنېرگىيە قاتارلىقلارغا ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئاساسلىقى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئىسسىنىش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، فوتۇ ۋولتلوق قۇياش ئېنېرگىيەسى كەڭ دائىرىدە قوللىنىلماقتا. ئېلىمىزنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، توك چىقىرىشتىن باشقا، نۆۋەتتە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئىسسقلىق يىغقۇچ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك پارنىك، قۇياش ئېنېرگىيەلىك قۇرۇتقۇچ ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك سوۋۇتقۇچ تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتىدۇ.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېشىل قانىتى- پاكىز ئېنېرگىيە

2. دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيەسى: دېڭىز-ئوكياندا ساقلانغان غايەت زور ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ ئومۇمىي نامى دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى دېڭىز سۈيى تېمپېراتۇرا پەرقى ئېنېرگىيەسى، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش-پەسىيىش ئېنېرگىيەسى، دولقۇن ئېنېرگىيەسى، دېڭىز ئېقىنى ئېنېرگىيەسى (تاشقىن ئېقىمى ئېنېرگىيەسى)، دېڭىز سۈيى تۇز پەرقى ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئىچىدە دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش-پەسىيىش ئېنېرگىيەسى بىلەن ئېقىن ئېقىمى سەييارىلەر ئارىسىدىكى تارتىش كۈچى تەسىرىدىن پەيدا بولغاندىن سىرت، باشقا تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى قۇياش رادىياتسىيە ئېنېرگىيەسىدىن كېلىدۇ. دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيەسى، ئاساسلىقى دېڭىز-ئوكيانلاردا ساقلانغان ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىدۇ. دېڭىز- ئوكيان ئېنېرگىيەسى گەرچە كەڭ تارقالغان پاكىز، بۇلغانمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېنېرگىيە زىچلىقى بىر قەدەرتۆۋەن، رايونغا بولغان تەلىپىمۇ يۇقىرى، شۇڭلاشقا ئېچىپ پايدىلىنىش بىر قەدەر قىيىن.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېشىل قانىتى- پاكىز ئېنېرگىيە

3. شامال ئېنېرگىيەسى: شامال ئېنېرگىيەسى يەر شارى يۈزىدىكى زور مىقداردىكى ھاۋانىڭ ئېقىشىدىن ھاسىل بولغان ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، ئۇ يەر شەكلى ئامىلىنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭا، دۇنيادىكى شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىنىڭ كۆپ قىسىمى دېڭىز بويى ۋە كەڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تارىيىش بەلبېغىغا مەركەزلەشكەن. شامال ئېنېرگىيەسى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى ئېنېرگىيەگە ئايلىنالايدۇ. مەسىلەن: مېخانىك ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، ئىسسقلىق ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلار. شامال ئېنېرگىيەسىمۇ قايتا ھاسىل بولىدىغان، مۇھىت بۇلغىمايدىغان، زاپاس مىقدارى زور ئېنېرگىيە مەنبەسى. لېكىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىنىڭ ھەجمى چوڭ، ماتىرىيال سەرپىياتى كۆپ، مەبلەغ سېلىنمسى زور بولغاچقا، شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى مۇئەييەن دەرىجىدە مۇرەككەپلىككە ئىگە.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېشىل قانىتى- پاكىز ئېنېرگىيە

4. ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى: ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېننىڭ رېئاكسىيەسىدىن چىققان ئېنېرگىيەنى كۆرسىتىدۇ. ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ھىدروگېننىڭ خىمىيەلىك ئېنېرگىيەسى بولۇپ، يەر شارىدا ئاساسلىقى بىرىكىش ھالىتى شەكلىدە پەيدا بولىدۇ، ئۇ كائىناتتىكى تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان ماددىدۇر. ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىسسىقلىق چىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، كۆيگەندىن كېيىنكى ھاسىلاتى پەقەت سۇلا بولۇپ، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ. شۇڭا ئۇ بىر خىل ياخشى بولغان پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېشىل قانىتى- پاكىز ئېنېرگىيە

5. يادرو ئېنېرگىيەسى: يادرو ئېنېرگىيەسى ئاتوم يادروسىنىڭ پارچىلىنىشى ياكى يىغىلىش جەريانىدا قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيەنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئاتوم ئېنېرگىيەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يادرو ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقارغاندا تۆۋەن كاربونلۇق بولۇپ مۇھىت ئاسرايدۇ ھەمدە يەر شارىدا يادرو ئېنېرگىيەسى زاپىسى مول، لېكىن يادرو ئېلېكتىر تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىشنىڭ ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېشىل قانىتى- پاكىز ئېنېرگىيە

6. يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى: يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەۋجۇت بولغان بىر خىل غايەت زور ئىسسىقلىق، يانار تاغ پارتلاش، ئارىشاڭ قاتارلىقلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
پاكىز ئېنېرگىيە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ، يېشىل ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى، ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلاتماقتا. پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى