تەبىئەت

شاتۇتى نېمە ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنى دورىيالايدۇ؟

شاتۇتىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى بىر قەدەر چوڭ، تىلى يۇمىلاق ھەم گۆشلۈك بولىدۇ. ئالاھىدە ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇلارنىڭ ئىككى كانايچىسى كېسىشكەن جايىدىكى سايراش نەيچىسى باشقا قۇشلاردىن پەرقلىنىدۇ، بۇ جاينىڭ نەيچە دىۋارى ئىنتايىن نېپىز، پەردىسىمان ھالەتتە. ھاۋا سايراش نەيچىسىدىن ئۆتكەندە ناھايىتى ئاسانلا ئاۋاز چىقىرالايدۇ، سايراش نەيچىسىنىڭ سىرتىدا يەنە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان مۇسكۇللار بولۇپ، سايراش مۇسكۇلى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى ۋە بوشىشىشى سايراش نەيچىسىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. شۇڭا قۇش باققۇچىلار دائىم ئۇلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئادەملەرنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئاۋازىنى دوراتقۇزالايدۇ.

شاتۇتى نېمە ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنى دورىيالايدۇ؟

تەجرىبە ۋە تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شاتۇتى ئاز ساندىكى «ئاۋاز ئۆگەنگۈچى» قۇش بولۇپ، نېمە ئۈچۈن شاتۇتىنىڭ باشقا قۇشلارغا قارىغاندا بۇنداق ئالاھىدە ئىكەنلىكى يەنىلا بىر سىر. بىر خىل چۈشەندۈرۈشتە چوڭ مېڭىنىڭ ئۆلچىمى دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن گېننى ئىپادىلەش شەكلىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، «ئاممىۋى ئىلىم-پەن كۇتۇپخانىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شاتۇتىنىڭ چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسى سېرىق قۇشقاچ، ھەرە قۇشنىڭ چوڭ مېڭىسى بىلەن ئوخشاش بولمايدىكەن (گەرچە ئۇلارمۇ ئاۋازنى دورىيالىغان تەقدىردىمۇ).

شاتۇتى نېمە ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنى دورىيالايدۇ؟

چوڭ مېڭىدىكى كونترول قىلىنىدىغان ئاۋاز ئۆگىنىش مەركىزى بولغان «يادرو»دىن باشقا، شاتۇتىدا يەنە ئالىملار ئېيتقان «قاپ قۇرۇلمىسى» ئاۋاز چىقىرىش قۇرۇلمىسى بار. شاتۇتىنىڭ «قاپ قۇرۇلمىسى» نىسبەتەن خېلىلا چوڭ بولۇپ، بۇ ئۇلارنى ئادەمنىڭ تىلىنى دورىغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگە قىلغان. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا پەقەت كىچىك تاغىل شاتۇتىلا كۆزىتىلگەن بولۇپ، ھازىر باشقا سەككىز خىل شاتۇتىنىڭ چوڭ مېڭىسى، جۈملىدىن كونۇس قۇيرۇق شاتۇتى، ئاۋسترالىيە شاتۇتى، ئىككى خىل ئامازون شاتۇتى، كۆك ۋە ئالتۇن رەڭلىك سېرىق شاتۇتى، گۆشخور شاتۇتى ۋە ئافرىقا كۈلرەڭ شاتۇتى قاتارلىقلار يېڭىدىن تەتقىق قىلىنىپ تەكشۈرۈلگەن.

شاتۇتى نېمە ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنى دورىيالايدۇ؟

تەتقىقاتچىلار ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە قۇشلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىپ ئۆگىنىشىگە مەسئۇل بولغان ئالاھىدە گېن بەلگىسىنى تاپتى. كىچىك تاغىل شاتۇتىنىڭ نېرۋىسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تەجرىبىسى ئارقىلىق، بارلىق شاتۇتىنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى گېننىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنى سېلىشتۇرغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ قەدىمىي شاتۇتى يېڭى زېلاندىيەدىكى گۆشخور شاتۇتىنىڭ ئاساسىي قاپلىق قۇرۇلمىسى بارلىقى بايقالدى، بۇ قاپلىق قۇرۇلما ئىچىدىكى نېۋروننىڭ ئاز دېگەندىمۇ 29 مىليون يىل ئىلگىرىلا پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

شاتۇتى نېمە ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنى دورىيالايدۇ؟

ئالىملار ئىزچىل ھالدا «يادرو»نى ئەتراپىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىپ ئۆگىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ كەلگەن، لېكىن يېڭى بايقاش تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ پەرىزىنى قوللىدى، ئىنسانلار ۋە باشقا ئاۋاز چىقىرالايدىغان ھايۋانلار چوڭ مېڭە ئارقىلىق تەكرار تەقلىد قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. شاتۇتىنىڭ ئاۋاز چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ كۆپ قىسىمى ھەرىكەتنى كونترول قىلالايدىغان ئورۇنغا جايلاشقان. شاتۇتى چوڭ مېڭىسىنىڭ بۇ قىسىملىرىدا يەنە بەزى ئالاھىدە گېن ئىپادىلەش شەكلى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئالىملار بۇنى نېمە ئۈچۈن بەزى شاتۇتىلارنىڭ مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى