تەبىئەت

ئەرمەك ئىتى يالاپ قويغان ئەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى

يېقىندا گېرمانىيەلىك ئەرنىڭ ئامراق ئەرمەك ئىتى ئۇنىڭ يۈزىنى نەچچە قېتىم يالاپ قويغانلىقى ئۈچۈن ICUغا كىرىپ قىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان ھەمدە 16 كۈندىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئەرمەك ئىتى يالاپ قويغان ئەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى

دەسلەپتە ئەرنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن، ئۇ بۇلارنى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ پەرۋا قىلمىغان. ئۆيدە بىر نەچچە كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن ئەردە نەپەس قىيىنلىشىش، قىسمەن تېرىسى نىكروزلىنىش، سېسىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، دوختۇرخانىغا جىددىي ئاپىرىلغان. داۋالاپ تۆت كۈندىن كېيىن ئەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي ئۆزگىرىپ، پۈتۈن بەدىنىدە سۆسۈن داغ پەيدا بولۇپ، بىر نەچچە قېتىم يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغان. ئارقىدىن ئۇنىڭ ئۆپكىسىدە زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش يۈز بېرىپ، مېڭىسىگە كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ، كۆپ ئەزالىرى زەئىپلىشىپ، داۋاملىق داۋالاشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغان. ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر داۋالاشتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان. تەھلىل قىلىش ئارقىلىق دوختۇرنىڭ قارىشىچە، ئەر غالجىرلىق كېسىلى بىلەن ئۆلمىگەن بەلكى CC باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان. ئوخشاش كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرگەنلەردىن يەنە بىر ئامېرىكىلىق ئەر گىرېگ بار بولۇپ، بىراق ئۇ بىر قەدەر تەلەيلىك ئىكەن. چۈنكى ئۇ يۇقۇملۇق زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋالاش ئارقىلىق گىرېگنىڭ جېنى ئامان قالغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ئەرمەك ئىتى يالاپ قويغان ئەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى

بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم «كىچىك ئىشنى چوڭايتىپ» قويغاندەك ھېس قىلىپ: «ئەرمەك ئىت بىرنى يالاپ قويسا قانداقسىگە ئادەم ئۆلۈپ قالىدۇ؟» دەپ سوئال قويۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە دېلو مىسالىدا تىلغا ئېلىنغان باكتېرىيە مۈشۈك ۋە ئىتلارنىڭ شۆلگىيىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %74 مۈشۈك ۋە ئىتنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا بۇ خىل باكتېرىيە بار ئىكەن. ئىت-مۈشۈكلەر چىشلىگەندىن باشقا تۇتۇش، تاتىلاش ھەتتا يالاشمۇ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەرمەك ئىتى يالاپ قويغان ئەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىت-مۈشۈكلەرنى باققاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى بايقىغاندا، دەرھال توسۇش ھەمدە دەرھال يىراق تۇرۇش، چىشلەپ يارىلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

2. تېرىدە يارا ئېغىزى بولغاندا ئىت-مۈشۈكلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، ئىت-مۈشۈكلەرگە يارا ئېغىزىنى يالىغۇزماسلىق كېرەك؛

3. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىت-مۈشۈكلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ۋاقتىدا قول يۇيۇش كېرەك؛

4. ئائىلىدە تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۈشۈك قەپىسى، ئىت قەپىسىنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك؛

5. تاماكا تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇش، ئاز تۈنەپ، بەدەننى ئاكتىپ چېنىقتۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى