تەبىئەت

ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغاندا قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى يېسە بولامدۇ؟

ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان ئەھۋالدا قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى يېيىش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، چۈنكى بۇ جىددىي پاناھلىنىشنىڭ بىر تۈرىدۇر. لېكىن، ئەگەر سىز قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان ئەھۋالدا يېدىم دېسىڭىز، ئېھتىمال ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ بىز بۇ قىزىقارلىق مەسىلە ئۈستىدە ئاددىي مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى.

ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغاندا قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى يېسە بولامدۇ؟

ئالدى بىلەن بىز نېمىنىڭ قوغدىلىدىغان ھايۋان ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك،

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا قوغدىلىدىغان ھايۋانلار دېگىنىمىز، دۆلەت بىر تۇتاش بەلگىلىمە چىقىرىپ ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى ئاسراپ كۆپەيتىشنى كۆرسىتىدۇ، 2012 – يىلى IUCN (خەلقئارا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى) دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنىڭ تىزىملېكىنى ئېلان قىلغان، بۇ تىزىملىككە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان 5734 خىل ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر تۈرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھايۋانلاردىن 3079 ى بار، شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇنىڭدىن 14 يىل ئىلگىرى، يەنى 1998-يىلى، ئەينى چاغدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلار تىزىملىكىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار ئاران 1102 خىل ئىدى، پەقەت 14 يىل ئىچىدىلا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن. ھالبۇكى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ تۈرلەرنىڭ تىزىملىكىدە كۆپ قىسىم ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشى ئىنسانلارنىڭ نامۇۋاپىق ئوۋ ئوۋلىشى ۋە ھەرخىل تاشقى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئوۋلاپ ئۆلتۈرۈش ئاساسلىق سەۋەپلەردۇر.

دۆلىتىمىز بولسا جانلىقلارنىڭ نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىش ئەھۋالى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت، دۆلىتىمىزدە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىنلا 257 خىلى بار، «جۇڭگودىكى نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار قىزىل تاشلىق كىتابى»دا نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان 592 ھايۋان تۈرى بار.

ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغاندا قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى يېسە بولامدۇ؟

ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا تارقالغان جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى، شەرقىي شىمالنىڭ تاغ-ئورمانلىرىغا تارقالغان شەرقىي شىمال يولۋىسى، چاڭجياڭ دەرياسىدا ئۈزۈپ يۈرگەن ئاق پالاقلىق دېلفىن، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئوت-چۆپلەردە چېپىپ يۈرگەن پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ياكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغاندا قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى يېسە بولامدۇ؟

ئۇنداقتا بىز نېمىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ باقايلى.

ئاچارچىلىقنى ھەممە ئادەم ھېس قىلىپ باققان، بولۇپمۇ 70-يىللاردىن بۇرۇن تۇغۇلغان كىشىلەر كىچىكىدە ئاچارچىلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان. لېكىن، ئاچلىق بىلەن ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قېلىشنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىر ئۈنئالغۇ سېتىۋېلىش ئۈچۈن، تاماق يەيدىغان پۇلۇمدىن ئامال بار ئاشۇرۇپ قويغان ئىدىم، مەن ئىلگىرى كۈندە پەقەت بىرلا ھورنان يەپ سىناپ باققان، ئۇ چاغدا قورسىقىم ئاچقاندا دىققىتىمنى يىغالماي، روھىم چېچىلىپ، ھەتتا كېچىسىمۇ ئۇخلىيالمايتتىم. مانا بۇ ئاچارچىلىق تۇيغۇسى، لېكىن ھەقىقىي ئاچلىقتىن ئۆلۈش بىلەن يەنىلا پەرقى بار، گەرچە مەن بۇنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۆلۈمگە يېقىنلاشقان ئاچارچىلىق ئۆلۈمدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ھەتتا ئورنىڭىزدىن تۇرغۇدەك ماغدۇرمۇ قالمايدۇ، بۇ چاغدا سىزگە بىر ئوۋ ئوۋلاش ئۈسكىنىسى بەرسە، ئوۋ ئوۋلىغۇدەك كۈچىڭىزمۇ قالمايدۇ.

ئۇنداقتا، مەسىلە چىقتى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغۇدەك كۈچىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا سىزنىڭ بۇ ھالىتىڭىز ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان ھالەتمۇ؟ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن قارىغاندا، كىچىكى قۇشلاردىن چوڭى يولۋاسلارغىچە، سىز ئاچ قالمىغان، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرگەن ئەھۋالدىمۇ، بۇ ھايۋانلارنى تۇتۇشىڭىز ئاسان ئەمەس. ھالبۇكى، بۇ ھايۋانلارنى ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان ئەھۋالدا ئۆلتۈرۈپ يىدىم دېسىڭىز كىم ئىشىنىدۇ؟

ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغاندا قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى يېسە بولامدۇ؟

ئەمدى بىز قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى كۆرۈپ باقايلى.

مەيلى قايسى خىل قوغدىلىدىغان ھايۋان بولسۇن، ياۋايى ھايۋان بولسىلا، ئۇلار ياشاۋاتقان رايوننىڭ ئېكولوگىيەسى ئىنتايىن ساغلام بولىدۇ. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ يەردە تاغ، سۇ، ئورمانلىق بار، بۇخىل مۇھىتتا سۇ بار جايلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بېلىق بار، ئەگەر سىز بۇ يەردە قاپسېلىپ قالسىڭىز، بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمايسىز. بېلىق بولمىغان تەقدىردىمۇ، تەبىئي مۇھىتتىكى ئۆسۈملۈك مېۋىلىرىمۇ بولىدۇ، بۇ مېۋىلەر ئادەمنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتىدۇ. ئەگەر سىزنى قىش پەسلىدە دەيلى، قىشتا دەرەختىكى مېۋىلەر قالمايدۇ، ئەمما ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز قىسىمىچۇ؟ نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر، يەنى كۆپىنچە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر، تاتلىقبەرەنگى سېستىمىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز سىستېمىسى قورساقنى تويغۇزالايدۇ.

بۇ خىل مۇھىتتا سىز ھېچقانداق يېمەكلىك تاپالماي، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يىدىم دېسىڭىز، بۇ گەپكە ئۆزىڭىز ئوۋلىغان ھايۋانلارمۇ ئىشەنمەيدۇ.

ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغاندا قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى يېسە بولامدۇ؟

خۇلاسە

ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان ئەھۋالدا قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى يېيىش نەزەرىيە جەھەتتىن قارىغاندا ھەقىقەتەن قانۇنغا خىلاپ ئەمەس. لېكىن، ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانلارنى بىز ساغلام بولغان ئەھۋالدا ئوۋلاش ھەقىقەتەن تەس، ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان ئەھۋالدا ئوۋلاش تېخىمۇ تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭزى دەريا تىمساھى (扬子鳄)، شەرقىي شىمال يولۋىسىغا ئوخشاش يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يولۇقسىڭىز سىز ساغلام، قاۋۇل بولسىڭىزمۇ نەچچە سېكۈنتقىلا بەرداشلىق بېرەلەيسىز، شۇڭا، سىز ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلىيالىغان ئىكەنسىز، ھېچ بولمىغاندا سىز ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان ئەھۋالدا ئوۋلىمايسىز، بۇ ۋاقىتتا سىز نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىڭىزنى باشقا يېمەكلىكلەرنى ئىزدەشكە سەرپ قىلىسىز. شۇڭا، مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، قورساق ئېچىپ ئۆلەر ھالەتكە كەلگەندە قوغدىلىدىغان، ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنى يېگىلى بولامدۇ؟ جاۋابى: ئېنىقلا بولمايدۇ.

ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغاندا قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى يېسە بولامدۇ؟

ئاخىردا شۇنى دەپ قويۇش زۆرۈركى، يېيىش بىزنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەنى ۋەيران قىلىشىمىزغا سەۋەب بولدى، ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ ھەرخىل ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى، بىز گۆش يېگۈمىز كەلسە ساغلام، بىخەتەر گۆش يېيەلەيمىز، بىز بۇنىڭدىن قانائەتلىنىشىمىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ياۋايى ھايۋانلارنى خالىغانچە تۇتماسلىقىمىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى