ساغلاملىق

ئەزالاردىكى ئوڭ-سول ئوخشىماسلىق پەرقى كېسەللىكتىنمۇ؟

ئ‍ادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن قاراشتا بەش ئ‍ەزاسى مۇكەممەل گۈزەل كۆرۈنىدۇ، لېكىن بەزى ئادەملەرنىڭ ئ‍ېغىز، كۆز ۋە قۇلىقىنىڭ ئوڭ-سول چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، ئىككى قېشىنىڭ بىرى ئىگىز بىرى پەس، ئ‍وڭ پۇتتىن سول پۇت چوڭراق دېگەندەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال سىممېتىرىكسىز ھادىسە. لېكىن بەزى سىممېتىرىكسىز ھادىسە كېسەللىكتىن بېشارەت.

ئەزالاردىكى ئوڭ-سول ئوخشىماسلىق پەرقى كېسەللىكتىنمۇ؟

1. جاۋغاي مايماق بولۇش
جاۋغاي مايماق كېتىشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلىرىدىن سەكتە، يۈز نېرۋىسى ياللۇغى قاتارلىقلار بار. يۈز نېرۋا ياللۇغى يۈز پالەچلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كۆپىنچىسى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ياكى شامالدارىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە ئېغىزى مايماق كېتىش، كۆزى يۇمۇلماسلىق، قاش يۇقىرى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق يۈز مۇسكۇللىرى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا چىش چوتكىلىغاندا ئ‍ېغىزدا سۇ تۇرماي سۇ ئېقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئەزالاردىكى ئوڭ-سول ئوخشىماسلىق پەرقى كېسەللىكتىنمۇ؟

2. ئىككى كۆزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولماسلىق
ئىككى كۆزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىردەك بولماسلىق، كۆز قاپىقىنىڭ ساڭگىلاپ قېلىشىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى بەلكىم تاشقى يارا، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش، ئېغىر مۇسكۇل ماغدۇرسىزلىنىش، دىيابېت قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئەزالاردىكى ئوڭ-سول ئوخشىماسلىق پەرقى كېسەللىكتىنمۇ؟

3. مۈرىدىكى ئىگىز-پەسلىك
ئ‍ىگىز-پەس مۈرىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تۇغما سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىنمۇ بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئ‍ۇچرايدىغىنى ناچار تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۈستەلگە يېتىۋېلىپ خىزمەت قىلىش، ئولتۇرۇش قىياپىتى ياخشى بولماسلىق، دائىم تاق تاسمىلىق مۈرە سومكىسى ئېسىش، مۈرىنىڭ يۈكى ئېغىر بولۇش قاتارلىقلار.

ئەزالاردىكى ئوڭ-سول ئوخشىماسلىق پەرقى كېسەللىكتىنمۇ؟

4. ئەمچەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىماسلىق
ئەگەر ئىككى تەرەپتىكى ئەمچەكتە ئاساسەن ئ‍وخشاش ھالەتتىن تۇيۇقسىز ئ‍الاھىدە پەرقلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاغرىش، قىچىشىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلسە، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەمچەكنى دائىم ئۆزى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.

ئەزالاردىكى ئوڭ-سول ئوخشىماسلىق پەرقى كېسەللىكتىنمۇ؟

5. پۇتتا ئ‍ۇزۇن-قىسقىلىق كۆرۈلۈش
بەزىلەرنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ بىرى ئۇزۇن، بىرى قىسقا بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتە ئالدى بىلەن قىسقا تەرەپتە كۆرۈلىدۇ، ئېھتىمال تاپاندىكى سېرىقئەت ياللۇغى، ئىچكى تەرەپ پاقالچاق كۈچىنىشى يىغىندى ئالامىتى، لېپەك بوغۇمى يىغىندى ئالامىتى، يانپاش پاقالچاق تۇتامى يىغىندى ئالامىتى قاتارلىق كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
نورمال كىشىلەرنىڭ ئىككى پۇتىدا بىر-ئىككى سانتىمېتىر پەرق نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ، ئەگەر تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزمىسە نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر بۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە، ئاقساش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولغاندا داس سۆڭىكى قىيسىيىپ، ئومۇرتقا يانغا ئېگىلىش، پۇتتا ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش، يانپاش بوغۇمى ئاغرىش، ئاسانلا يىقىلىپ كېتىش ياكى پۇت ئوشۇقى قايرىلىپ كېتىش، ئۆرە تۇرۇش ياكى يول ماڭغاندا بەل-دۈمبە ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

ئەزالاردىكى ئوڭ-سول ئوخشىماسلىق پەرقى كېسەللىكتىنمۇ؟

6. يالىڭاچ پۇتتىكى ئوخشىماسلىق
ئوشۇقنىڭ ئورنى، تاپاننىڭ قىيسىيىش بۇلۇڭى ئەگەر بىردەك بولمىسا، داس سۆڭىكىنىڭ توغرا بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى