ساغلاملىق

تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى قاچان بايقالغان؟

ئەيدىز كېسىلى (AIDS) ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بولمىسا ئادەم ئەيدىز كېسىلى (AIDS) بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.

1981-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى «كېسەل بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ھەپتىلىك ژۇرنىلى»دا ئاز كۆرۈلىدىغان بەش كېسەللىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، بۇ دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئەيدىز كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي خاتىرە بولۇپ، 1982-يىلى بۇ خىل كېسەللىككە «ئەيدىز كېسىلى» دەپ نام بېرىلدى. 1985- يىلى جۇڭگوغا ساياھەتكە كەلگەن چەت ئەللىك بىر كىشى كېسەللىك سەۋەبىدىن بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئۆلۈپ كەتتى، كېيىن بۇ كىشىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلاندى، بۇ دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم بايقالغان ئەيدىز كېسەللىك مىسالى.

تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى قاچان بايقالغان؟

 

ھازىر ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ قارىشىچە، ئەيدىز بىر خىل ھايۋانات مەنبەلىك ۋىرۇس خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا پەيدا بولغان پىرىماتلار تۈرىدىكى ياۋايى ھايۋانلاردىن تۈر ئاتلاپ ئىنسانلارغا تارقالغان ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئىنسانلار ئارىسىدا تارقالغان. ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلى تۇيۇقسىز تارقىلىپ كەتكەن ئەمەس، ئىنسانلار ئەيدىز كېسىلىنى بىلىشتىن ئىلگىرى، دىياگنوز قويۇلغان ئەڭ دەسلەپكى ۋىرۇس تۈپىنى 1959-يىلىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، كىنشاسا (ھازىرقى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە)دىكى بىر قۇرامىغا يەتكەن ئەرنىڭ قان پىلازمىسى ئەۋرىشكىسىدىن ئايرىۋېلىنغىنى ھازىر كۆپچىلىك پىششىق بىلىدىغان ZR59 بولۇپ، HIV-1 تىپىغا تەۋە. ئىككىنچى قېتىم خاتىرىلەنگەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى 1960-يىلىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى قۇرامىغا يەتكەن ئايال.

تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى قاچان بايقالغان؟

2000-يىلى، Korber قاتارلىق ئالىملار مولېكۇلا سائىتى پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، مۇرەككەپ كومپيوتېر مودېلى ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنى تەقلىد قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى HIV-1 بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ 1931-يىلى غەربىي ئافرىقىدا يۈز بەرگەنلېكىنى جەزىملەشتۈرگەن.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى