ساغلاملىق

ئۆپكە راكى تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتمۇ؟

ھاراق ئىچىش جىگەرگە زىيانلىق، تاماكا چېكىش ئۆپكىگە زىيانلىق. ئۆپكە راكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. تۇرمۇشتا بەزىلەر ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەكسىمۇ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولمايدۇ، شۇڭا تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئېھتىماللىق مەسىلىسى بولۇپ، تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەن كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۆپكە راكى ئەمەلىيەتتە ئۆپكىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە تەۋە بولۇپ، كېسەللىك قوزغىلىشى ئاستا ھەم كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولىدىكەن.

ئۆپكە راكى تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتمۇ؟

ئۆپكە راكى تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتمۇ؟

ئەسكەرتىش: بۇ تۆت خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن يىراق تۇرۇش، ئۆپكىگە يۈك قوشماسلىق كېرەك.

1.بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ھۇرۇنلۇق قىلماسلىق

ھاياتلىق ھەرىكەت ۋە چېنىقتۇرۇشقا باغلىق. بىر ئادەم بەدەن ساپاسىنىڭ ياخشى بولۇشىنى، ئاغرىپ قالماسلىقنى ئويلىسا، چوقۇم چېنىقىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەتتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىش ۋە چېنىقىش ئىنتايىن مۇھىم، ھەرىكەت ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆپكىنىڭ بەلگىلىك ئاكتىپلىقىنى ساقلاپ، ئۆپكە مۇسكۇللىرىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆپكە راكىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ.

ئۆپكە راكى تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتمۇ؟

2. زىيادە تويۇنۇۋالماسلىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىش

كۈندىلىك تۇرمۇشتا چوقۇم يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش، مايدا پىشۇرۇلغان، كاۋاپ قىلىنغان، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراقنى ئاز ئىچىش، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

ئۆپكە راكى تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتمۇ؟

3. پۇل خەجلەشتىن قورقماي قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش

كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك، چۈنكى ئۆپكە راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئانچە روشەن بولمايدۇ، بۇمۇ كۆپ ساندىكى راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى. سالامەتلېكىنى تەكشۈرتۈپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۆپكە راكى تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتمۇ؟

4. كەيپىياتنى تەڭشەپ ئاسان ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش

كەيپىيات ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت بېسىم، خامۇشلۇق كەيپىياتى شەكىللەنسە، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز ئاچچىقلانماسلىقىمىز، كۆپرەك خۇشال بولۇشىمىز كېرەك.

ئۆپكە راكىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاق تۇرۇپ، پېچەكگۈل، يېشىل چاي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى