ساغلاملىق

تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلىغۇچىلار ئۈچۈن يەتتە تەۋسيە

 

تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلىغۇچىلار ئۈچۈن يەتتە تەۋسيە

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك ۋە ساغلاملىققا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ كۈچىيىشى ۋە تونۇشىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ئورۇقلاشنى يېڭى مودا تېمىغا ئايلاندۇردى. ئەلۋەتتە ئورۇقلاش جەريان تەلەپ قىلىدۇ، مۇۋاپىق ئورۇقلاش پىلانى جەريان بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشكەندىلا بىز كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيمىز. گەرچە ئورۇقلاش پىلانىدا ئاز بولمىغان كىشىلەر دورا ئارقىلىق ئورۇقلاشنى تاللىسىمۇ، ساغلام ۋە ئىلمىي ئورۇقلاشتا ھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلاش تېخىمۇ كۆپ ئورۇقلىغۇچىلارنىڭ ئالدىن تاللىشى ھېسابلىنىدۇ.

تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلىغۇچىلار ئۈچۈن يەتتە تەۋسيە

ئۇنداقتا زادى قايسى تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؟

1. ئارغامچا سەكرەش
ئارغامچا سەكرەش بەدەننىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پاقالچاق ۋە ئوشۇق بوغۇمىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆسمۈرلەرنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلىغۇچىلار ئۈچۈن يەتتە تەۋسيە

2. كۈچەپ يۈگۈرۈش
نۆۋەتلەشتۈرۈپ كۈچەپ يۈگۈرۈش ۋە ئاستا يۈگۈرۈش ئارقىلىق يۈرەك، قان تومۇرلارنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، بەدەندىكى ئارتۇق ياغنى كۆيدۈرگىلى بولىدۇ.

تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلىغۇچىلار ئۈچۈن يەتتە تەۋسيە

3. تەيچۈەن گۇمپىسى
تەيچۈەن گۇمپىسى مەشىق قىلغاندا يۈرەك قان تومۇر ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ۋە سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلىغۇچىلار ئۈچۈن يەتتە تەۋسيە

4. ھەرىكەتچان ۋېلىسىپىت (动感单车) ھەيدەش
ۋېلىسىپىت مىنگەندە تىز ۋە يوتا مۇسكۇلىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى ئېغىرلىق چۈشۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ۋېلىسپىت مىنىش جەريانىدا بەدەن قىياپىتىنى توغرا تۇتۇش كېرەك.

تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلىغۇچىلار ئۈچۈن يەتتە تەۋسيە

5. ئاستا يۈگۈرۈش
يۈگۈرۈش پۇت قىسمىدىكى چوڭ مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرىدۇ.

تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلىغۇچىلار ئۈچۈن يەتتە تەۋسيە

6. ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ مېڭىش
بۇ خىل چېنىقىش بەدەن قىياپىتىنى ياخشىلايدۇ، ھەم مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرىدۇ.

تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلىغۇچىلار ئۈچۈن يەتتە تەۋسيە

7. پەلەمپەيگە چىقىش
پەلەمپەيدىن ئاستا چىققاندىمۇ ئوخشاشلا ئىسسىقلىقنى كۆيدۈرۈپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پەلەمپەيگە چىقىش يەنە پۇت ۋە ساغرا مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرىدۇ، بۇ ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلارغا ئىنتايىن پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرىقى مۈرە مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن، پەلەمپەيدىن چىققاندا ئىككى قولدا يېنىك تىپتىكى گانتېل ياكى سۇ تولدۇرۇلغان مىنېرال سۇ بوتولكىسى كۆتۈرىۋالسا ئۈنۈمى تېخمۇ ياخشى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى