ئالەم

دۇنيادا سىزدىن يەنە بىرسى بارمۇ؟ پاراللېل ئالەم ئېھتىماللىقى نېمە دەيدۇ؟

پاراللېل ئالەم ھەقىقەتەن مەۋجۇتمۇ؟ باشقا ئالەملەردە سىز بەلكىم ئۇخلاۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، خۇشال بولۇۋاتقان ياكى قايغۇ ھېس قىلىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، باي بولۇشىڭىز مۇمكىن، نامرات بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن.

دۇنيادا سىزدىن يەنە بىرسى بارمۇ؟ پاراللېل ئالەم ئېھتىماللىقى نېمە دەيدۇ؟

بۇنىڭ جاۋابى «بىر خىل مۇمكىنچىلىك». پاراللېل ئالەم قارىشى ھېلىھەم تالاش-تارتىش ئىچىدە، ئەمما ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا بۇنداق قاراشنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى.

پاراللېل دۇنيا قارىشى مىكرو مەنىدىكى فىزىكا ئىلىمىنى مەنبە قىلىپ بارلىققا كەلگەن. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، فىزىكا ئالىملىرى كىۋانت كۈچ ئىلىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيانى مىكرو ئۆلچەمدە چۈشەنگەن. بۇ نەزەرىيە مىكرو دۇنيانىڭ رېئاللىقى ئىنتايىن مۈجمەل دەپ قارايدۇ. ئېلېكتىرونغا ئوخشاش مىكرو زەررىچىلىرىنىڭ مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ئورۇندا تۇرالايدۇ. ئۇلار يەنە بىز ئەسلىدە سىغىشالمايدۇ دەپ قارىغان باشقا خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولالايدۇ. زەررىچىلەر مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاندا، فىزىكا ئالىملىرى ئۇلارنى ئوخشىمىغان ھالەتلەرنىڭ قاتلانما نۇقتىسىدا تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ.

تەجرىبە قاتلانما ھالەتنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ھەتتا پۇتبولىن (60 كاربون ئاتومى بار)غا ئوخشاش چوڭ مولېكۇلالارمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ئورۇندا تۇرالايدۇ.

دۇنيادا سىزدىن يەنە بىرسى بارمۇ؟ پاراللېل ئالەم ئېھتىماللىقى نېمە دەيدۇ؟

ئۇنداقتا بىز نېمىشقا پەقەت زەررىچىلەرنىڭ مەلۇم مۇقىم ئورۇندىلا تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز؟ بىز ھەممىمىز زەررىچىلەردىن تەشكىللەنگەن ئىكەنمىز، نېمىشقا پەقەت مەلۇم مۇقىم ئورۇندىلا تۇرىمىز؟

بۇ سوئالغا كىۋانت مېخانىكىسى تېخى جاۋاب بەرمىدى. بىر خىل مۇمكىنچىلىك شۇكى، كىۋانت مېخانىكىسى دۇنيانى تەسۋىرلەيدىغان مۇكەممەل نەزەرىيە ئەمەس. بەلكىم تەبىئەت دۇنياسى باشقا بىر خىل مەشغۇلات مېخانىزىمىغا ئەگىشىشى مۇمكىن. بۇنداق مەشغۇلات مېخانىزىمىنى بىز ھازىرچە چۈشەنمەيمىز. مىكرو دۇنيادا رېئاللىق مۈجمەل بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ماكرو كۆزەتكۈچى ياكى ئۆلچەش ئەسۋابلىرى قاتارلىق ماكرو جىسىملارغا يولۇققاندا ئوخشىمىغان ھالەتلەرنىڭ قاتلانما نۇقتىسىدا تۇرمايدۇ.

يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق شۇكى، ئېرىشكىلى بولىدىغان بارلىق ئۆلچەش نەتىجىلىرى ھەقىقىي بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن بىر زەررىچىنىڭ مۇقىم ئورنىنى ئۆلچىگەندە، ئالەم ئوخشىمىغان شاخچىلارغا بۆلۈنۈشى مۇمكىن. بۇنداق ھەر بىر شاخچىدا سىزدىن بىرى بار، سىز بۇ شاخچىدا تۇرۇپ زەررىچىنىڭ مەلۇم مۇقىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆزىتەلەيسىز.

دۇنيادا سىزدىن يەنە بىرسى بارمۇ؟ پاراللېل ئالەم ئېھتىماللىقى نېمە دەيدۇ؟

1957-يىلى، فىزىكا ئالىمى خيۇ ئېۋېرېت (休·埃弗雷特) دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىدە كۆپ خىل ئالەم ئىدىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پەيلاسوپى داۋىد ۋاللېس (大卫·华莱士) مۇنداق چۈشەندۈردى: «ماتېماتىكىنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىدىغىنى شۇكى، زەررىچە A ھالەت ۋە B ھالەتنىڭ قاتلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، كۆزەتكۈچىنىڭ ئۆزىمۇ A ھالەتتىكى زەررىچىلەرنى كۆزىتىۋاتقان ۋە B ھالەتتىكى زەررىچىلەرنى كۆزىتىۋاتقان قاتلانما ھالەتكە كىرەلەيدۇ، شۇڭا مىكرو دەرىجىدىكى قاتلانما ھالەت ماكرو دەرىجىدىكى قاتلانما ھالەتكە ئايلىنىدۇ».

ناھىيەسىگەرچە ماتېماتىكا A ھالەت ياكى B ھالەتنىڭ قايسىسىنى ئۆلچەشنى بەلگىلىيەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى خىل ھالەتنى ئارىلاشتۇرۇپمۇۋەتمەيدۇ. سىستېمىنىڭ ھالىتىنى تەسۋىرلەيدىغان ماتېماتىكىلىق ئىپادىنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ، ھەر بىر بۆلەك تەجرىبە قىلغۇچىنىڭ ئىككى خىل ئېھتىماللىقنىڭ بىرىنى كۆرىدىغان دۇنيانى تەسۋىرلەيدۇ.

نۇرغۇن جەريانلار ئالەمنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

فىزىكا ئالىملىرىنىڭ تەجرىبە جەريانى دۇنيانىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇلمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۆلچەش ماھىيەتتە ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن قاتلانما ھالەتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرلىشىشى بولۇپ، باشقا فىزىكىلىق جەريانلارمۇ قاتلانما ھالەت بىلەن ئۆز-ئارا تەسىرلىشەلەيدۇ. مەسىلەن، ئالەم نۇرى ھەر قايسى يۆنىلىشلەرگە تارقالغان قاتلانما ھالەتتە تۇرالايدۇ. ئەگەر مۇشۇ يۆنىلىشلەرنىڭ مەلۇم بىرىدە تارقىلىۋاتقان نۇر يەر يۈزىدىكى كىرىستال يۈزىگە چۈشسە، بۇنداق نۇر كىرىستالدا ئىز قالدۇرىدۇ. كىرىستال نۇرنىڭ ئورنىنى ئۈنۈملۈك ئۆلچەپ بېرەلەيدۇ. نۇر كىرىستال يۈزىگە چۈشۈش ۋە كىرىستال يۈزىگە چۈشمەسلىكتەك قاتلانما ھالەتتە بولغاچقا، كىرىستالنىڭ ئۆزىمۇ نۇرنىڭ ئىزى قالغان ۋە ئىزى قالمىغان قاتلانما ھالەتكە كىرىدۇ.

دۇنيادا سىزدىن يەنە بىرسى بارمۇ؟ پاراللېل ئالەم ئېھتىماللىقى نېمە دەيدۇ؟

ئالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆزەتكۈچىلەر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئالەم باشتىن-ئاخىر بۆلۈنۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ دەپ ئويلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىۋانت فىزىكا ئالىمى ئادرىئان كېنت (阿德里安·肯特) مۇنداق دېدى: «كائىنات يەككە كىۋانت ھالىتىدىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ كائىنات ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن پەرقلىق تۈستە بايان قىلىنغان ئوخشىمايدىغان كائىناتلارنىڭ قاتلانما ھالىتىگە ئۆتكەن. بۇ شاخچە كائىناتلارنىڭ بەزىسىدە يەرشارى شەكىللىنىدۇ، يەنە بەزى شاخچە كائىناتلاردا يەرشارى شەكىللەنمەيدۇ. يەر شارى شەكىللەنگەن شاخچە كائىناتلاردا بىز تەدرىجىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرىمىز. يەرشارى شەكىللەنمىگەن شاخچە كائىناتلاردا بىز مەۋجۇت بولمايمىز».

ھەقىقىي مەن نەدە؟ ئەمما نېمىشقا ئەزەلدىن يەنە بىر ئۆزىمىزنى تاپالمىدۇق؟ نېمىشقا بىز توڭلاتقۇ ياكى ئادەمگە ئوخشاش ماكرو جىسىملارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ جايدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرەلمەيمىز؟

ئېۋىرېتنىڭ ئەسلى ئىدىيەسى بۇ ئېھتىماللىقنى يوققا چىقارمايدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن، رېئاللىق بىز بىلمەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن بۆلۈنۈشى مۇمكىن، شۇنداق بولغاندا كۆزەتكۈچى ئېلېكتىروننىڭ مەلۇم ئورۇندا مۇقىم تۇرمايدىغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. ئەمما ئېۋىرېت سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرنى ئويلاشمىغان. ئېلېكتىرونلار يۇقىرى سۈرئەتلىك فوتون ياكى ئالەم نۇرى قاتارلىق تاشقى مۇھىت بىلەن ئۆز-ئارا تەسىرلەشكەندە، «A ئورۇندىكى ئېلېكتىرون» ھالىتى ۋە «B ئورۇندىكى ئېلېكتىرون» ھالىتىدىن ئىبارەت ئىككى ھالەتنىڭ تەسىرلىشىشى پۈتۈنلەي دېگۈدەك سىرتقى مۇھىتقا تارقىلىپ خورايدۇ. ئىككى خىل ھالەتنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىشىنىمۇ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. كۆزەتكۈچى ئېلېكتىروننى كۆزەتكەندە پەقەت مۇقىم بىرلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ جەريان تەتۈر تەسىرلىشىش دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى تېز يۈز بېرىدۇ.

دۇنيادا سىزدىن يەنە بىرسى بارمۇ؟ پاراللېل ئالەم ئېھتىماللىقى نېمە دەيدۇ؟

ئادەم ۋە توڭلاتقۇغا ئوخشاش ماكرو جىسىملار سانسىزلىغان زەررىچىلەر بىلەن توختاۋسىز ئۆز-ئارا تەسىرلىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، تەتۈر تەسىرلىشىش ئېففېكتى بۇ ماكرو جىسىملارنى مەلۇم بىر شاخچە لىنىيەسىدە مۇقىم تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار مەلۇم پەيتتە ئوخشىمىغان ئورۇندا مەۋجۇت بولالمايدۇ.

ئەگەر سىز ئېلېكتىرونغا ئوخشاش مىكرو جىسىملارنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇلارنى تاشقى دۇنيادىن ياخشى ئايرىپ تۇرۇپ، قاتلانما ھالەت ھادىسىسىنى كۆزىتەلەيسىز. ۋاللېس چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سىستېما قانچە چوڭ بولغانسېرى، ئۇنى سىرتقى مۇھىتتىن ئايرىۋېتىش شۇنچە تەسكە توختايدۇ. شۇڭلاشقا، جىسىم قانچە چوڭ بولغانسېرى، قاتلانما ھالەتتە تۇرۇشى شۇنچە تەس».

كېنت مۇنداق دېدى: «ئېۋىرېتنىڭ نەزىرىدە ئوخشىمىغان شاخچىلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي مەۋجۇت بولىدۇ، بۇ شاخچىلاردا <سىز>دىن نۇرغۇنى بار، قايسىسىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى سوراشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى <سىز>نىڭ بۇ نۇرغۇن كۆپەيتىلمە نۇسخىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي مەۋجۇت. ئالەم بۆلۈنۈشتىن ئاۋۋال، بارلىق نۇسخىدىكى <سىز>نىڭ ئورتاق ئەسلىمىسى بار ئىدى. ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلاردا پەرق پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پەرقلەر پەيدىنپەي چوڭىيىدۇ».

دۇنيادا سىزدىن يەنە بىرسى بارمۇ؟ پاراللېل ئالەم ئېھتىماللىقى نېمە دەيدۇ؟

كۆپ ئالەم قارىشى قارىماققا ئەقىلگە سىغماسلىقى مۇمكىن، ئۇ ھازىر بىزگە مەلۇملۇق بولغان كىۋانت مېخانىكىسى ماتېماتىكىسىغا تايىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ كۆپ ئالەم نەزەرىيەسىگە ئىشەنمەسلېكىنىڭ ئىككى ئاساسلىق سەۋەبى بار. كېنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كىشىلەر تەتۈر تەسىرلىشىش ئېففېكتىنىڭ دۇنيانىڭ كۆپ شاخچىلارغا ئايرىلىشى، ھەر بىر شاخچە ئالەمنىڭ بىزگە كۆرۈنگىنىدەك مەۋجۇت بولىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار تەتۈر تەسىرلىشىش ئېففېكتىنىڭ رېئاللىقنى ئۈنۈملۈك تەسۋىرلىشى ئۈچۈن قوشۇمچە پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك دەپ قارايدۇ.

يەنە بىر مەسىلە، ماتېماتىكا ئوخشىمىغان شاخچە ئالەملەرنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئېھتىماللىققا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئۇقۇمنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئەمما بارلىق شاخچە ئالەملەر ئوخشاشلا ھەقىقىي بولسا، مەلۇم بىر شاخچە ئالەم يەنە بىر شاخچە ئالەمگە قارىغاندا مەۋجۇتلۇق مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ دېگەننى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى