ساغلاملىق

دائىم مۈرە ئاغرىش قايسى خىل راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

نۇرغۇن كىشىلەردە دائىم مۈرە ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. مۈرە ئاغرىش ئادەتتە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش ياكى مۈرە ئەتراپى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

دائىم مۈرە ئاغرىش قايسى خىل راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۈرە ئاغرىشقا مۈرە قىسمى سوغۇقتىن قورقۇش ئەھۋالى قوشۇلۇپ كەلسە، ئادەتتە مۈرە ئەتراپى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بىمارلار چوقۇم مۇناسىپ دورىلارنى ئىستېمال قىلىشى ھەمدە مۈرە قىسمىنىڭ ئىسسىق تۇرۇشىغا دىققەت قىلسا، مۈرە ئاغرىش ئەھۋالىنى ناھايىتى ياخشى پەسەيتكىلى بولىدۇ. لېكىن دائىم مۈرە ئاغرىشقا بىر قىسىم بىئارام بولۇش تۇيغۇسى قوشۇلۇپ كەلسە، بەدەندە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدا چوقۇم ئ‍ېتىبار بېرىپ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىش كېرەك.

دائىم مۈرە ئاغرىش قايسى خىل راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

دائىم مۈرە ئاغرىش قايسى خىل راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
1. ئۆپكە راكى
ئۆپكە راكى ئۆپكە كانايچە شىللىق پەردىسىدە پەيدا بولغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، كېسەل بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئادەتتە ئاستا خاراكتېرلىك يۆتىلىش، بەلغەمدە قان سىزىقچىلىرى بولۇش، نەپەس راۋان بولماسلىق، دېمى سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش، ئاۋازى پۈتۈپ قېلىش قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا بىمار كېسەل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئىنتايىن روشەن كۆكرەك ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كۆكرەك ئاغرىش ھادىسىسى بىمارنىڭ دۈمبىسى ۋە مۈرە قىسمىغا تارقىلىپ، بىماردا تەكرار مۈرە ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر ئۆپكە راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ سۆڭەككە يۆتكىلىش يۈز بەرگەندە، مۈرە ئاغرىش ئالامەتلىرى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

دائىم مۈرە ئاغرىش قايسى خىل راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

2. ئاشقازان ئاستى بېزى راكى
ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بىر خىل ناچارلىشىش دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ھەزىم قىلىش يولىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، كېسەل بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئاشماقتا، كۆپىنچە 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر توپىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ. كېسەل قوزغالغان ھامان راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىش سۈرئ‍ىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، بىمارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، دەسلەپكى مەزگىلدە بىماردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىنتايىن يېنىك بولۇپ، پەقەت ئۈستۈنكى قورساق قىسمىدىكى بىر قاتار بىئارام بولۇش ھادىسىلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىجىل خاراكتېرلىك بەل-دۈمبە ئاغرىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بەل-دۈمبە ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلگەندە، بىمارنىڭ سول مۈرىسىدە ئالاھىدە روشەن ئاغرىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە سانجىپ ئاغرىيدۇ ياكى تېلىپ ئاغرىيدۇ.

دائىم مۈرە ئاغرىش قايسى خىل راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

3. قالقانسىمان بەز راكى
قالقانسىمان بەز راكى قالقانسىمان بەزدە پەيدا بولغان بىر خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، كېسەل بولۇش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. ئادەتتە بەدەندىكى يود ئېلېمېنتى مىقدارىنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيەتسىز بولۇش، شۇنداقلا خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولۇش ياكى ئۇزاق مۇددەت سەلبىي كەيپىياتتا تۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قالقانسىمان بەز راكىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۆسمە تېز سۈرئ‍ەتتە ئۆسۈپ، قوشنا توقۇلما ياكى ئەزالارنى بېسىۋالسا، بىماردا نەپەس قىيىنلىشىش، ئاۋازى پۈتۈپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بىلەكتىكى نېرۋىلارنى بېسىۋالسا، بىمارنىڭ سول مۈرە قىسمىدا ناھايىتى روشەن ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

دائىم مۈرە ئاغرىش قايسى خىل راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

4. سۈت بېزى راكى
سۈت بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئاياللاردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئادەتتە ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن نورمالسىزلىقى، شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەت ناچار كەيپىياتتا تۇرۇش، يېمەك-ئىچمەك خاتالىقى، زىيادە ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئەمچەك ئىچىدە ئاغرىقسىز مونەك پەيدا بولۇش ھەمدە ئەمچەك تېرىسى نورمالسىز بولۇش قاتارلىق بىر قاتار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بالدۇر داۋالانمىسا راك ھۈجەيرىلىرى تېز سۈرئ‍ەتتە كېڭىيىپ، بىمارنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ.
ئەگەر سۈت بېزىدىكى ئۆسمە بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، بىمارنىڭ قوۋۇرغا سۆڭىكى ھەمدە كۆكرەك دىۋارى زىيانغا ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىماردا كۆكرەك ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئاغرىش ھادىسىسى بىمارنىڭ مۈرە قىسمىغىچە تارقىلىپ، بىماردا دائىم مۈرە ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەندە سۆڭەككە يۆتكىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، مۈرە ئاغرىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى