ساغلاملىق

ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەننىڭ قايسى جايلىرىغا يوشۇرۇنىدۇ؟

ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، توقۇلما سۇيۇقلۇقى، لىمفا سۇيۇقلۇقى، مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى، سۈتى قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا مەۋجۇت بولىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش، قان ئارقىلىق تارقىلىش ۋە ئانىدىن بالىغا تارقىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ياش، تەر، شۆلگەي، سۈيدۈك ۋە يارا ئېغىزىدىن سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇقلاردىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بار، لېكىن مىقدارى ناھايىتى ئاز، قويۇقلۇقى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەننىڭ قايسى جايلىرىغا يوشۇرۇنىدۇ؟

ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش مەنبەسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى. ئادەم يۇقۇش مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قان پلازمىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سىغىمچانلىقى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرى ياكى كېسەللىك جەريانىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرىدىكى تارقىلىش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى 2~4 ھەپتە جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلى بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدە بىر قەدەر يۇقىرى نىسبەتتە ۋىرۇس پەيدا بولىدۇ، بۇ باسقۇچتىكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ۋىرۇس تارقىتىش ئىقتىدارى نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش مەزگىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى پەيدا بولىدۇ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەشكە باشلاپ، نىسپىي تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ ئادەم بەدىنى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى نىسپىي تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يۇقۇملانغۇچىنىڭ ۋىرۇس تارقىتىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ.

لېكىن يوشۇرۇن مەزگىلى ئۇزۇن، بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر چوڭ، بىمارلارنىڭ ھەرىكىتى ئەركىن بولغاچقا ۋىرۇس تارقىلىش خەۋپى يەنىلا ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. كېسەللىك قوزغىلىش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن بىمارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇس مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تارقىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، لېكىن يۇقۇم مەنبەسى بولغان بىمارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، ئۇنىڭ ۋىرۇس تارقىتىش ئىقتىدارىمۇ مۇناسىپ ھالدا تۆۋەنلەيدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، توقۇلما سۇيۇقلۇقى، لىمفا سۇيۇقلۇقى، مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى، سۈتى قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا بولىدۇ، شۇڭا يات جىنسلار ۋە ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ جىنسىي ئۇچرىشىشىدىن تارقىلىش، تېببىي مەنبەدىن ياكى قاندىن يۇقۇملىنىش (ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغانغان قان، قان تەركىبى ياكى قان ياسالمىلىرىنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىش ۋە زەھەرنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىش قاتارلىق يوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئانىدىن بالىغا تىك لىنىيەلىك تارقىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ. كېيىنكىسى بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىدىكى ئاساسلىق يول. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ ئۈچتىن بىرى ھامىلىدارلىق، تۇغۇت ۋە ئېمىتىش ئارقىلىق بالىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى