سوئال-جاۋاب

كومپيوتېر سەپلىمىسىنى تاللىغاندا ئادەمنى ئەڭ ئىككىلەندۈرىدىغىنى كۆرسىتىش كارتىسى (显卡) ئىكەن، زادى قانداق تاللىغاندا ئارتۇق پۇل خەجلىمەي ھەم ياخشىراقىنى تاللىغىلى بولىدۇ؟

كومپيوتېر سەپلىمىسىنى تاللىغاندا ئادەمنى ئەڭ ئىككىلەندۈرىدىغىنى كۆرسىتىش كارتىسى (显卡) ئىكەن، زادى قانداق تاللىغاندا ئارتۇق پۇل خەجلىمەي ھەم ياخشىراقىنى تاللىغىلى بولىدۇ؟-1

جاۋاب: ئېھتىياجىڭىزنى ئويلىشىڭ. ئەگەر پەقەت خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تورغا چىقىش، كىنو كۆرۈش ئۈچۈن كومپيوتېر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، پەقەت سىستېما راۋانلىقى، خىزمەت ئۈنۈمى قوغلاشسىڭىز توپلاشما سىنكارتا (集成显卡) مۇ ناچار تاللاش ئەمەس. چۈنكى توپلاشما سىنكارتىلىق قول كومپيوتېرلىرى ئومۇمەن ئىسسىقلىق چىقىرىشى تۆۋەن، سەرپىياتى تۆۋەن چىقىدۇ، شۇڭلاشقا توكىمۇ ئۇزۇن يېتىدۇ. ئۈستەل كومپيوتېرىدا بولسا تېجەپ قالغان بىر نەچچە يۈز يۈەننى  CPU بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچقا خەجلىسىڭىز بولىدۇ. ئانچە مۇنچە ئويۇن خۇمارىمەن دېسىڭىز، سىنكارتىنىڭ ماركىسىنى ياخشىراق تاللاپ 2GB كۆرسىتىش ساقلىغۇچى سەپلەنگەنلىرىنى سېتىۋالسىڭىز (مەسىلەن: 七彩虹,MSI,华硕 ماركىسىدىكى NVIDIA750Ti ئۆزەكلىك ياكى مۇشۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىدىغان باشقا ماركىلار) 300 يۈەندىن 700 يۈەنگىچە سېتىۋالالايسىز. دەھشەت ئويۇنچى بالىمەن (ئاتا- ئانام تېپىپ بەرگەن بىكارلىق ئاش- نان بار) دېسىڭىز بۇنىڭغا پۇلنى ئايىماي خەجلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى