سوئال-جاۋاب

DDR3، DDR4 ئىچكى ساقلىغۇچلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟ كومپيوتېرىمدا قايسى تىپتىكى ئىچكى ساقلىغۇچ بارلىقىنى قانداق بىلىمەن؟

DDR3، DDR4 ئىچكى ساقلىغۇچلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟ كومپيوتېرىمدا قايسى تىپتىكى ئىچكى ساقلىغۇچ بارلىقىنى قانداق بىلىمەن؟-1

جاۋاب: DDR4 ئىچكى ساقلىغۇچ DDR3 تىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ھەم ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرىدۇ، باھاسىمۇ قىممەترەك. DDR3 ئىچكى ساقلىغۇچ سانلىق مەلۇمات قوبۇللىغاندا 8bit ئالدىن ئوقۇش (预取) ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، DDR4 بولسا 16bit قا كۆتۈرۈلگەن. بۇ مەنىدىن، نەزەرىيە جەھەتتە DDR4 نىڭ ئوقۇش تېزلىكى DDR3 تىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ (ئەمما، ئىچكى ساقلىغۇچ يېزىش سۈرئىتىنىڭ چەكلىمىسى ۋە باشقا بۆلەكلەر بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت قىلغانلىقتىن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى ھەسسە تېزلىككە يېتەلمەيدۇ). DDR4 نىڭ يەككە ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى ئەڭ چوڭ بولغاندا 128GB غا، چاستوتىسى 4266MGz قا يېتىدۇ. ئىشلەش ئېلېكتىر بېسىمىمۇ 1.2V بولۇپ، DDR3 تىن تۆۋەن، توك سەرپىياتى ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك.

كومپيوتېرغا قايسى تىپتىكى ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەنلېكىنى بىلىش ئۈچۈن ئىچكى ساقلىغۇچنى چىقىرىپ قاراپمۇ بىلگىلى بولىدۇ، ئەگەر سىستېمىدىن تەكشۈرمەكچى بولساق ئەڭ قولاي ئۇسۇل:

Win+R بىرىكمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ «ئىجرا» (运行) رامكىسىنى ئېچىڭ، بۇنىڭغا CMD نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلسىڭىز بۇيرۇق قۇرى پروگراممىسى ئېچىلىدۇ. ئاندىن wmic memorychip نى كىرگۈزۈپ Enter نى باسسىڭىز ئىچكى ساقلىغۇچىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ يەردىن Speed Status نىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسى كۆرۈنىدۇ. چاستوتىسىغا ئاساسەن DDR نەشرىنى بىلەلەيسىز. يەنى، DDR3 نىڭ چاستوتا دائىرىسى 1066MGz تىن 1600MGz قىچە، ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا DDR4 بولىدۇ.

DDR3، DDR4 ئىچكى ساقلىغۇچلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟ كومپيوتېرىمدا قايسى تىپتىكى ئىچكى ساقلىغۇچ بارلىقىنى قانداق بىلىمەن؟-2

ياكى «لۇ ئۇستام» (鲁大师)، CPU-Z دېگەندەك يۇمشاق دېتاللاردا تەكشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىككى خىل تىپتىكى ئىچكى ساقلىغۇچنى ئارىلاش ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

2. سوئال: مەن بىر ئوقۇغۇچى، خاتىرە كومپىيوتېر سېتىۋالاي دېگەنتىم، خاتىرە كومپيوتېرنىڭ سەپلىمىسىدىكى CPU تىپىنىڭ ئاخىرىدا كېلىدىغان T، U، H دېگەندەك ھەرپلەرنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ يەنە ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى (显卡) نى قانداق تاللاش كېرەك؟ مۇشۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز بەك خۇشال بولغان بولاتتىم، رەھمەت سىزگە.

جاۋاب: ئادەتتە، intelشىركىتىنىڭ CPU تىپىدا ئاخىرىدا ھەرپ بار، مەسىلەن: i5-4300U، M7100 دېگەندەك. بۇ ھەرپلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

DDR3، DDR4 ئىچكى ساقلىغۇچلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟ كومپيوتېرىمدا قايسى تىپتىكى ئىچكى ساقلىغۇچ بارلىقىنى قانداق بىلىمەن؟-3

ئىچكى ساقلىغۇچنى تاللاشتا چاستوتىسى قانچە يۇقىرى، سىغىمى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ، ئەلۋەتتە مۇناسىپ خەجلەيدىغان پۇلمۇ كۆپ بولىدۇ. 4GB ئىچكى ساقلىغۇچلار نۆۋەتتە ئاساسىي ئېقىم بولۇشتىن قالدى. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى 8GB دىن كىچىك بولمىسۇن. كۆرسىتىش كارتىسىغا كەلسەك، ئوقۇغۇچى بولسىڭىز چوڭ ئويۇنلارنى ئوينىغۇدەك ۋاقتىڭىز يوق ھەقىچان، ئوقۇۋاتقان كەسپىڭىزدە كومپيوتېرغا بولغان تەلەپ قانداق بۇنى ئويلىشىڭ. ئەگەر ئالاھىدە ئېھتىياج بولمىسا بۇنى ئۆلچەم قىلىۋالماي، CPU قاتارلىق ئاساسىي سەپلىمىلەرنى ئويلىشىڭ. 

DDR3، DDR4 ئىچكى ساقلىغۇچلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟ كومپيوتېرىمدا قايسى تىپتىكى ئىچكى ساقلىغۇچ بارلىقىنى قانداق بىلىمەن؟-4

 

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى