تەبىئەت

تەبىئەتتىكى بۇ سىرلىق ئالتە جاي

ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىز تاشقى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىدىغان بولدۇق. لېكىن بىز ئايىغىمىز ئاستىدىكى يەر شارىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيمىز. يەر شارىدا بەزى غەلىتە تەبىئىي ھادىسىلەر بار، بۇلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، مەسىلەن تۆۋەندىكى بىرقانچە جاي دەل مۇشۇنداق غەلىتە تەبىئىي ھادىسىلەر بىلەن تولغان.

لولەيما تېغى(Luolaima mountain)

لولەيما تېغى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى پاكالېما تاغ تىزمىسىدىكى (Pakalima mountains) ئەڭ ئىگىز چوققا، شۇنداقلا كولىننىڭ «يوقالغان دۇنيا»(The Lost World) ناملىق رومانىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى. ئۇ يەردىن سىز يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمىي تاغ جىنس قاتلىمىنى تاپالايسىز، ئىماتاكا ئارىلاش تاغ جىنسلىرىنىڭ يېشى تەخمىنەن ئىككى مىليارد 700 مىليون يىلدىن ئۈچ مىليارد 600 مىليون يىلغىچە. ئالىملار يەنە ئۇ يەردىن نۇرغۇن دىنوزاۋرنىڭ تاش قاتمىسىنى بايقىغان. گەرچە ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى بىرقەدەر ئىگىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىر يۈرۈش مۇستەقىل، مۇكەممەل ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى بار. لولەيما تېغىدا تەخمىنەن% 80 ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولغان جانلىقلار توپى بار بولۇپ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بۇ جانلىقلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەردە يەنە دۇنيادىكى چۈشۈش پەرقى ئەڭ چوڭ شارقىراتما ـــ «ئەنجېل شارقىراتمىسى»(Angel Falls) بار. گەرچە ئۇنىڭ سۇ مىقدارى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما چۈشۈش ئىگىزلىكى 97 مېتىر كېلىدۇ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، مەنزىرىسى تولىمۇ چىرايلىق.

这6个地方太神奇了,我们不得不惊叹大自然的鬼斧神工

لەيلىمە ئارال (floating island)

ئۇ ھىندىستاننىڭ ماننىپۇر ئىشتاتىغا جايلاشقان، بۇ ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر ئىشتات بولۇپ، «ھىندىستان گۆھىرى» دەپ ئاتالغان، گەرچە ماننىپۇر ئىشتاتى ھىندىستانغا تەۋە بولسىمۇ، لېكىن«كىچىك جۇڭگو» دېگەن نامى بار. ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى جۇڭگوغا تېخىمۇ ئوخشايدۇ، بۇ يەردە گۈرۈچ تامىقى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىنىدۇ، سۇيۇق-سەلەڭ تاماقنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق بۇ رايوننىڭ ئەڭ سىرلىق يېرى يەنىلا ئۇنىڭ لەيلىمە ئارىلى. لوچتوك كۆلى (Lochtak Lake) مەزكۇر شتاتتىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، كۆلدە كۆلىمى تەخمىنەن 40 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك ئارال بار. بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر لەيلىمە ئارال دۆلەت باغچىسى، بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ قوغدىلىشى ئىنتايىن ياخشى، سۇ كۆلى نۇر چىچىپ دولقۇنلاپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى خۇددى رەسىمدىكىدەكلا ئىنتايىن چىرايلىق، كىشىلەر بۇ ئارالدا شاد-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

这6个地方太神奇了,我们不得不惊叹大自然的鬼斧神工

ماگنىتلىق تاغ

كانادادىكى قايسى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئەڭ سىرلىق ئىكەنلىكىنى سورىسىڭىز، بۇنىڭ جاۋابى ماگنىتلىق تاغدىن ئىبارەت. سىز ماگىنتلىق تاغدا تۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ئاپتوموبىلنى پەقەت تاغ ئېتىكىگە توختىتىپ، بوش خوتتا قويسىڭىزلا بىردەمدىن كېيىن، مەيلى سىزنىڭ ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ھەجمى قانچىلىك چوڭ بولسۇن، ئۇ قارىماققا تاغقا قاراپ سىيرىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ خىل ماگنىت كۈچىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، ھەر يىلى زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ زېرىكمەي قايتا-قايتا سىناق قىلىشىدۇ.

ماگنىتلىق تاغدىكى بۇ خىل ھادىسە غەرب ئەللىرى تەرىپىدىنمۇ دۇنيادىكى ئون چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. لېكىن ئەمەلىيەتتە ماگنىتلىق تاغ بىلەن ھېچقانداق بىرەر كۈچنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. ئۇ قارىماققا دۆڭنىڭ ئۈستى تەرىپىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر دۆڭنىڭ ئاستى تەرىپى بولۇپ، پەقەت ئەتراپتىكى كۆزىتىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سېزىمىدە خاتالىق پەرقى پەيدا قىلىدۇ خالاس.

这6个地方太神奇了,我们不得不惊叹大自然的鬼斧神工

قان شارقىراتمىسى(Blood waterfall)

ئانتاركتىكا ئەسلىدە يەر شارىدىكى ئەڭ سىرلىق جايلارنىڭ بىرى، ئانتاركتىكادىكى ماكمېردو جىلغىسى تېخىمۇ سىرلىق بولۇپ، بۇ جاي يەر شارىدىكى مارسقا ئەڭ ئوخشايدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەر قۇرغاق جىلغا دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇ يەر ئىنتايىن قۇرغاق، ھاۋادا ئازراقمۇ سۇ پارى يوق. بۇ يەردە تەخمىنەن ئىككى مىليون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ھۆل-يېغىن بولۇپ باقمىغان، شۇڭا بۇ يەر جەنۇبىي قۇتۇپ قۇرۇقلۇقىدىكى قار-مۇز بىلەن قاپلانمىغان بىردىنبىر جاي ھېسابلىنىدۇ.

ھالبۇكى، بۇنداق قۇرغاق جايدا بىر گۈزەل مەنزىرە رايونى بار، ئۇ بولسىمۇ قان شارقىراتمىسى. ئۇنىڭ رەڭگى خۇددى يارا ئېغىزىدىن ئېقىپ چىققان قانغا ئوخشايدۇ. ئەلۋەتتە، ئەمەلىيەتتە بۇ قىزىل رەڭ ھەرگىزمۇ قان ئەمەس، بۇنداق ئاجايىپ مەنزىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب، قان شارقىراتمىسىنىڭ مەنبەسىدە تۆمۈر ئېلېمېنتى مول بولۇپ، تۆمۈرنىڭ ئوكسىدلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىز كۆرگەن قىزىل رەڭگە ئايلانغان، گەرچە كىشىلەر بۇنىڭ قان ئەمەسلېكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، لېكىن بۇ ھەيۋەتلىك قىزىل رەڭدىن ھەيران قېلىشىدۇ.

这6个地方太神奇了,我们不得不惊叹大自然的鬼斧神工

كرېملىن تېغى كۆلى

ھىندۇنېزىيە روللېس ئارىلىغا جايلاشقان كرېملىن يانار تېغى كۆلى باشقا جايلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە جەمئىي ئۈچ چوڭقۇر كۆل بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا«ياشانغانلار كۆلى» ، «ياشلار كۆلى»،«ئەرۋاھ كۆلى»دىن ئىبارەت، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۇلارنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى رەڭگى ئۆزگىرىدىغان سۇلاردۇر. بۇ ئۈچ كۆلنىڭ رەڭگى دائىم دېگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، قىزىل ، كۆك ياكى يېشىل، قارا رەڭلەرگە ئۆز-ئارا ئالمىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۆزگىرىشچانلىقىنىڭ كۆپلۈكىگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، ئۇ سۇلار خۇددى سېھىرلەنگەندەك ئاجايىپ رەڭلەردە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

这6个地方太神奇了,我们不得不惊叹大自然的鬼斧神工

سېنورا قۇملۇقى

ئۇ دۇنيادىكى جانلىقلار تۈرى ئەڭ كۆپ قۇملۇق، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ چوڭ بىنەم يەر ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. سېنورا قۇملۇقى ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگرالىنىدىغان جايغا جايلاشقان. بۇ يەرنىڭ قۇملۇق مەنزىرىسى دۇنياغا داڭلىق، بۇ يەردە سىز ھەر خىل كاكتۇسلارنى كۆرەلەيسىز، تۈرى تەخمىنەن 300 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى شەكلى ئادەم ئۇمۇرتقىسىغا ئوخشايدىغان كاكتۇستىن ئىبارەت.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى