تەبىئەت

يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

يېقىندا مېكسىكىدىكى بىر سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ بىر يۈرۈش سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، سۈرەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، قارىماققا ئادەمگە خۇددى رىۋايەتلەردىكى سۇ ئاستى شەھىرى ئاتلانتىسقا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 20-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى سۇ ئاستى فوتوگرافى مارتىن برۇن (Martin Broen) دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇ ئاستى ئۆڭكۈرى بولغان مېكسىكىدىكى رىۋېرا مايا ھاك تاش ئۆڭكۈرىدە، ئۆزىنىڭ ئاپپاراتى بىلەن بىر يۈرۈش گۈزەل مەنزىرىلەرنى خاتىرىلىۋالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئۆڭكۈر نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى مايالىقلارنىڭ چوڭ بايراملارنى تەبرىكلەش ۋە ئەجدادلىرىنى ئەسلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان سىرلىق جايى ھېسابلىنىدىكەن.

يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

مارتىن بۇ جايغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەردىكى جەمئىي 60 نەچچە ئوخشىمىغان ئۆڭكۈرگە شۇڭغۇپ كىرگەن بولۇپ، سۈرەتلەردىن قارىغاندا، كىشىگە خۇددى بىر ئادەم ئوخشاش بولمىغان سەييارىلەردە لەيلەپ تۇرغاندەك تەسىر بېرەتتى. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ سۇ ئاستى ئۆڭكۈرلىرى كۆپ تۆشۈكلۈك ھاك تاش ئۇل جىنسلىرىنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىدىن شەكىللەنگەن. شۇنداقلا بۇ جاي يەنە ئىلگىرىكى مايالىقلارنىڭ ئەجدادلىرىنى سېغىنىشنى ئىپادىلەيدىغان مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان مۇھىم ئورنى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، كېيىن بۇ جاي يەنە يەر پوستىنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ، دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلگەن.

يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

ئۆڭكۈرنىڭ چىرايلىق مەنزىرىسىنى خاتىرىلىۋالغان مارتىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ھەقتە توختىلىپ: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن ئىزچىل ھالدا سۇ ئاستى ئۆڭكۈرنى سۈرەتكە تارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدىم، بۇ سىرلىق جايلارنىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن گۈزەل. شۇنداقلا مەن بىر غەۋۋاس بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشقىلار ھېس قىلالمايدىغان بىر خىل ئۆزگىچە رېئاللىقتىن ھالقىغان دۇنيانى ھېس قىلالايمەن، بۇ خۇددى ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىش ياكى ۋاقىت ھالقىغان ساياھەتكە ئوخشايدۇ. بۇ ئۆڭكۈرلەر ئەڭ دەسلەپتە مۇز دەۋرىدە بارلىققا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، نەچچە مىليون يىللاردىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا رەسمىي شەكىللەنگەن. يەنە كېينكى يەر پوستى ھەرىكىتى سەۋەبىدىن، دېڭىز يۈزىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ئۆڭكۈرلەر سۇ ئاستىدا قېلىپ، دېڭىز ئاستىدىكى ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن» دېگەن.

يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

ئۇنىڭدىن باشقا مارتىن يەنە تولۇقلاپ: «بۇ يەردىكى بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تاش قاتلىمى، بۇ رايوندىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئىنسانلارنىڭ تاش قاتمىلىرى شۇنداقلا نەسلى قۇرۇپ كەتكەن غايەت زور ھايۋانلارنىڭ تاش قاتلىمى بىلەن قوشۇلۇپ دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن. دېڭىز سۈيى دائىم دېگۈدەك بۇ تاغ جىنسلىرىنى يالاپ تۇرغانلىقتىن، سىز كۆرۈپ تۇرغان بۇ خىل ئالاھىدە ئۆڭكۈر مەنزىرىسى شەكىللەنگەن. بۇ يەرنىڭ سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك بولۇپ، ئادەمنى خۇددى تاشقى پىلانېتا بوشلۇقىدا تۇرغاندەك، شۇنداقلا يەنە بىر پىلانېتا ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. ئارخېئولوگلار كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ ئۆڭكۈرلەرنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

ئۇ يەنە بۇ جاينىڭ گۈزەل سۇ ئاستى مەنزىرىسى ھەققىدە توختىلىپ: «قۇياش نۇرى ياكى كۆزىتىش چىرىغىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن ئۆڭكۈردىن قايتقان قىزىل ۋە يېشىل غەلىتە نۇرلار، ئادەمنىڭ كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلاپ، كىشىگە خۇددى فانتازىيەلىك كىنو مەيدانىغا كېلىپ قالغانغا ئوخشاش تۇيغۇ بېرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا، مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم ھەقىقىي ئۆزگىچە مۇھىت ۋە سىرلىق مەنزىرىلەر بار. بىز يەر شارىدىكى بۇ سىرلىق جايلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىمىز، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرۈپ باققان كىشىلەر ناھايىتى ئاز» دېگەن.

يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇ ئاستى ئۆڭكۈرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

مارتىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋېلىش، بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەن. يەنى دېڭىز ئاستىدىكى يورۇقلۇق ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، بۇ يەرگە كېلىپ سۈرەتكە تارتماقچى بولغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ ئاۋارىچىلىققا دۇچ كېلىدىكەن. مەسىلەن، فوتوگراف ئېلىپ كەلگەن كۆزىتىش چىرىغىدىن باشقا يورۇقلۇق مەنبەسى يوق بولغاچقا، فوتوگراف ھەربىر پارچە سۈرەتنى سۈرەتكە تارتقاندا نەپەسنى توختىتىپ، زاتۋور(快门)نىڭ سۈرئىتىنى ئاستا تەڭشەيدۇ. شۇنداقلا پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ سۈرەتكە تارتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە چوڭقۇر دېڭىزدىكى بېلىق تۈرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. دەل مارتىنغا ئوخشاش مانا مۇشۇنداق تەۋەككۈلچى فوتوگرافلارنىڭ ئەجرى بولغاچقا، بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ گۈزەل دېڭىز ئاستى دۇنياسىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىدۇق.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
  • پېدىگەن
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى