تەرمىلەر

سۆيۈشەمسىز؟

سۆيۈشۈش ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل شېرىن ھۇزۇرلىنىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر خىل قەدىمىي ھەم مودا بولغان مۇھەببەت ئىپادىلەش شەكلى بولۇپ، بۇ خىل مۇھەببەت ئىپادىلەش شەكلىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز سۆيگۈنىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتىكى ئاساسلىق تاللىشى بولۇپ قالغان. سۆيۈشۈش كىشىگە بىر خىل مۇھەببەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. ئاشىق-مەشۇقلار سۆيۈشكەندە مۇھەببەتنىڭ شېرىن تەمىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.

ھازىرقى زامان پىسخولوگىيەسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %93 ئايال سۆيگۈنىنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەرلەرمۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايالنى سۆيۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا سۆيۈش ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ئېھتىياج ۋە ئارزۇ. سۆيۈشۈشكىمۇ قايناق ھېسسىيات ۋە سەمىمىي مۇھەببەت، خۇشاللىق پسىخىكىسى ۋە ھېسسىيات كەچۈرمىشى ھەمراھ بولىدۇ، بۇ ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىق ۋە خۇشاللىقتىن ئىبارەت ئاكتىپ كەيپىياتىنى پەيدا قىلىشقا پايدىلىق.

سۆيۈشەمسىز؟

ئانىنىڭ سۆيۈشى بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ

ئىممۇنىتولوگ (免疫学家)لار تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانا بوۋاقنى سۆيگەندە بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدىكەن. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، بەدەندە ئانتىتېلا ھاسىل قىلىدىغان توقۇلمىلار تولۇق يېتىلمىگەچكە، ئاسانلا باكتېرىيە، ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يۇقۇملىنىدۇ ياكى زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىدۇ. بىراق ئانا سۈتىدە ئانتىتېلا بار بولۇپ، بوۋاق ئانا سۈتى ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. بوۋاقنى سۆيۈش ئارقىلىق، ئانىنىڭ بەدىنىدىمۇ مۇناسىپ ئانتىتېلا ھاسىل بولىدۇ. ئاندىن بۇ ئالاھىدە ئانتىتېلا سۈت ئارقىلىق يەنە بوۋاقنىڭ تېنىگە قايتۇرۇلۇپ، بوۋاقنى كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ.

سۆيۈشەمسىز؟

ئادەمنىڭ ئۆمرىدە ئىككى ھەپتە ۋاقتى سۆيۈشۈشكە سەرپ قىلىنىدۇ

سۆيۈشۈش ئىنسانلارنىڭ تۇغما قابىلىيىتى. سىز بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدە سۆيۈشكەن ئوتتۇرىچە ۋاقتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ چەتئەلنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم ئۆمرىدە ئىككى ھەپتە ۋاقتىنى سۆيۈشۈشكە سەرپ قىلىدىكەن. ھېچقانداق بىر ھەرىكەت خۇددى سۆيۈشكەنگە ئوخشاش بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئادەمگە ئۇنچىلىك گۈزەل ھەم قايناق ھېسسىيات ئاتا قىلالمايدۇ.

سۆيۈشەمسىز؟

سۆيۈشۈش ئادەمنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ

سۆيۈشۈش ئۈچۈن 29 پارچە يۈز مۇسكۇلىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا سۆيۈشۈشنى بىر خىل ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ئۇسۇلى دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۇ قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، قورۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنى تېخىمۇ سىلىق قىلىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتىكى بىر قېتىملىق سۆيۈشۈش ئۈچۈن بەش كالورىيە سەرپ بولىدىكەن. ئەگەر سىز تېخىمۇ قىزغىن سۆيۈشكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا بىر قېتىمدا ھەتتا 30 كالورىيە سەرپ قىلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ، بىر مىنۇت تېز مېڭىش ئۈچۈن پەقەت 4 ~ 5 كالورىيە سەرپ بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئادەتتىكى ئاددىي بىر قېتىملىق سۆيۈشۈش بىر مىنۇتلۇق تېز مېڭىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان كالورىيە مىقدارى بىلەن تەڭ نىسبەتتە بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھەر كۈنى 20 سېكۈنتتىن ئۈچ قېتىم سۆيۈشكەندە ئۈنۈملۈك «بەدەن چېنىقتۇرۇش» مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

سۆيۈشەمسىز؟

سۆيۈشۈش چىش ساغلاملىقىغا پايدىلىق

چىش باكتېرىيە دېغى ۋە چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، بۇ چىش پاستىسىنىڭ ئۈنۈمىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. سۆيۈشۈش شۆلگەينىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. شۆلگەي تەركىبىدە كالتسىي ۋە فوسفور بار بولۇپ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۆيۈشۈش جەريانىدا شۆلگەينىڭ pH قىممىتى نېيترال بولۇپ، چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، چىش مەسىلىسى بار ئانىلار بالىلارنىڭ ئاغزىغا تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى پاكىز، مىكروبسىز بولغاچقا، ئانا بالىنى سۆيۈش جەريانىدا زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەنى بالىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى مۇمكىن، بۇمۇ چىش قۇرت يېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب.

سۆيۈشەمسىز؟

سۆيۈشۈشنىڭ ئاغرىق پەسەيتىش رولى بار

ئېندورفىن بولسا بىر خىل ناھايىتى ياخشى ناركوز دورىسى بولۇپ، سۆيۈشۈش قانچە قىزغىن بولسا، بەدەن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئىندورفىن شۇنچە كۆپ بولىدۇ. كۈچلۈك سۆيۈشتىن پەيدا بولغان ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى بەزى دورىلارنىڭ 200 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سۆيۈشۈشنىڭ بەزى قىزىقارلىق ئۈنۈملىرى ئانتىبىيوتىكلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى، سۆيۈشۈش جەريانىدا، شۆلگەي ئۆزلۈكىدىن ئانتىبىيوتىكلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئانتىبىيوتىكلارمۇ ناركوز قىلىش رولىنى ئويناپ، ئاغرىقنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.

سۆيۈشەمسىز؟

يىراق مۇساپىلىك سۆيۈشۈشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئۈمىد بار

بۇ بەلكىم يىراق ئارىلىقتىكى ئاشىق-مەشۇقلار ئۈچۈن خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك خەۋەر بولۇشى مۇمكىن. ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى «سۆيۈشۈش ئەسۋابى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنىنى تەتقىق قىلىغان بولۇپ، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق سۆيۈشۈش ئۇچۇرىنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ، ئىككى جايدىكى تور ئابۇنىتىغا قارشى تەرەپنىڭ ھەرىكىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئىشلەتكۈچى بىر تال نەيچىنى بىر تېرمىنال ئۈستىگە قويۇپ، ئاندىن تىلى بىلەن نەيچىنى ئايلاندۇرىدۇ. يەنە بىر ئۇچىدىكى نەيچىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئايلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، سۆيۈشۈش تىلنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە تەم سەزگۈسى، نەپەسلىنىش ئۇسۇلى ۋە تىلدىكى سۇ تەركىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار يىراق مۇساپىلىك سۆيۈشۈش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

سۆيۈشەمسىز؟

سۆيۈشكەندە زۇكام يۇقمايدۇ

ئادەتتە زۇكام بولغان بىمارنىڭ شۆلگىيىدە ۋىرۇس بار دەپ قارىلىدۇ ۋە زۇكام بولۇپ قالغان كىشىلەر سۆيۈشكەندە، ئۇلار چوقۇم ۋىرۇسنى قارشى تەرەپكە يۇقتۇرىدۇ دېگەن قاراشقا قوشۇلىدۇ. بىراق، بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئادەتتىكى زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسلار ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە تارقىلىشى ناھايتى ئاز بولىدىكەن، چۈنكى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ شۆلگەي ئارقىلىق تارقىلىش ئېھتىماللىقى پەقەت باشقا تارقىلىش يوللىرىنىڭ 8000/1ىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، شۇڭا سۆيۈشكەندە زۇكام ئاسان يۇقمايدىكەن.

سۆيۈشەمسىز؟

سۆيۈشۈشنىڭ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىكى ئەھمىيىتى

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى