ساغلاملىق

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

1. يېمەك-ئىچمەكنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەكنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا دىققەت قىلىش، يەنىلا ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، تۇخۇم، ئورۇق گۆش، بېلىق گۆشى ۋە سۈت قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە، كالتسىي، تۆمۈر ۋە ۋىتامىن B1، K قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

2. ۋاقتىدا ھامىلە تەكشۈرۈشى قىلىش

ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش، بولۇپمۇ ھامىلىنىڭ مىدىرلىشىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولغاچقا، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشكە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بېرىشى، دەم ئېلىشقا كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك.

3. ھامىلە تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

يەڭگىش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پىسخىكىسى تۇراقسىز بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېنىك، يېقىملىق مۇزىكىلارنى كۆپرەك ئاڭلىسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلاشسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كىتاب ئوقۇش ياكى ناخشا ئېيتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھامىلە تەربىيەسى ئېلىپ بارسا، ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ھامىلىدارلىق ۋاقتى ئۇزارغانسېرى بەدەن سەرپىياتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئاسان چارچايدۇ، شۇڭا يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 7~8 سائەت ئۇخلاش، چۈشلۈك ئۇيقۇمۇ كەم بولماسلىق كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدار ئاياللار مۇۋاپىق ھەرىكەتنى ساقلاش كېرەك، يېنىك سەيلە قىلىش ياكى ھامىلىدار ئاياللار يوگاسى ئوينىسىمۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بىئاراملىقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى