ساغلاملىق

بۇ ئاياللار قانداقسىگە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندى؟

ئائىلە ئايالى بولۇشمۇ بىر تۈرلۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن كۆپ ساندىكى ئائىلىلەردە يولدىشى سىرتتا تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ئايالى ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. بىراق شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا بىر قىسىم ئائىلە ئاياللىرى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىدۇ؟

1. خې خانىم، 35 ياش

يولدىشىم بىلەن باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق توي قىلىپ ئائىلە ئايالى بولدۇم. بىراق شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان ئادىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم. شۇ سەۋەبتىن بىز دائىم ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق. بىر قانچە قېتىم ئۇ ماڭا قول تەگكۈزدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بارا-بارا مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىمنى سۇسلىتىپ، كۆڭلۈمنى سوۋۇتۇشقا باشلىدى. بىراق بالىلىرىم ئۈچۈن يەنىلا چىشىمنى چىشلەپ كەلدىم. كېيىنچە دىققىتىمنى بۇراش ئۈچۈن گۈزەل-سەنئەت كۇرسىغا تىزىملاتتىم. ئويلىمىغان يەردىن رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدا ساۋاقدىشىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ مەندىن ئىككى ياش چوڭ، مىجەزى ئېغىر-بېسىق ۋە كەيپىياتىمنى كۆتۈرۈشنى، كۆڭلۈمنى ئېچىشنى بىلەتتى. بىز ئارىلىشىش جەريانىدا بارا-بارا بىر-بىرىمىزگە كۆڭلىمىز چۈشۈپ مۇھەببەتلەشتۇق، بىراق مەن ناھايىتى تېزلا ئەقلىي-ھوشۇمنى تېپىپ، كۆڭلۈمنى ئائىلەمگە قايتۇرۇپ كەلدىم. ئەمما خاتالىقىمنى ھېس قىلغىنىمدا ئاللىبۇرۇن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئىدىم.

2. لۈ خانىم، 35 ياش

يولدىشىم بىلەن توي قىلغاندىن بېرى ئۇنىڭ چىرايى ئېچىلىپ باقمىدى. گەرچە ئۇ مېنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىق دېگىنى بىلەن ماڭا ئازراقمۇ كۆڭلى يوق ئىدى. ئۇ پەقەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىزچىل مېنى ئائىلە ئايالى بولۇشقا مەجبۇرلىغانىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە بۇرۇنقى قىز دوستىنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. تويدىن بۇرۇنمۇ ئۇنىڭ مەن بىلەن توي قىلىشى پەقەت ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىش ئىكەنلىكىمۇ كۆڭلۈمگە ئايان. ئۇ قىز دوستى بىلەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئالاقىلىشىپ ئۆتىۋەردى. ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلىسام مەن پەقەت ئۇنىڭ ئاسىيلىقى ۋە ئۆچمەنلىكىگە ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ئالماشتۇرغانىكەنمەن. بىراق ئويلىرىم تولىمۇ كېچىكىپتۇ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇپ، ئۇ بىلىپ تۇرسىمۇ بىراق بۇنىڭغا نىسبەتەن تونۇشى كەمچىل بولغانلىقتىن ماڭىمۇ يۇقتۇرۇپتۇ.

بۇ ئاياللار قانداقسىگە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندى؟

3. شى خانىم، 35 ياش

مەن ئائىلە ئايالى، بىراق تويدىن كېيىن يولدىشىمنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بىراق ئۇ ئاتا-ئانىسىغا بۇ ئىشنى دېيىشتىن قورقىدىكەن، مەن بىلەن توي قىلىشتىكى مەقسىتىمۇ ئەۋلادىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىكەن. ئۇ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ ماڭا تۈزۈك ئېغىز ئاچمايتتى، ئۆيگىمۇ كەلمەيتتى. كېيىنچە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتۇم، شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمجىنس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. تويدىن بۇرۇن ئۇ ھەمىشە ھەمجىنسلار توپىدا يۈرۈپ، بىلىپ-بىلمەيلا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپتۇ. ئىككىمىز بالىلىق بولۇپ، ھامىلىدارلىق تەكشۈرتۈشى قىلغىنىمدا ئۆزۈمنىڭمۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدىم.

يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنى خۇلاسىلەيمىزكى:

1. بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ساندىكى جىنسىي ھەمراھقا ئىگە بولۇش ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

2. ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنىڭ ئاجىزلىقى، بىر قىسىم كىشىلەردە خەۋپ تۇيغۇسىنىڭ بولماسلىقىمۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇڭا تويدىن كېيىنكى تالاغا قاراش ۋە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.

3. ئوخشاش جىنسلىقلار ئارىسىدىكى تارقىلىش نىسبىتى يات جىنستىكېلەر ئارىسىدىكى تارقىلىشنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى