تەبىئەت

دېڭىز ئاستىدىكى «بەش چوڭ» يېشىلمىگەن سىر

بۇ دۇنيادا بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن سىرلار بار، ئاسمانغا نەزەر سالساق، تاشقى ئالەم بوشلۇقىدا ھاياتلىقنىڭ بار ـ يوقلۇقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر يەكۈن يوق. دېڭىز ئاستىغا نەزەر سالساق، ئوخشاشلا نۇرغۇن يېشىلمىگەن سىرلار بار.

دېڭىز ئاستىدىكى «بەش چوڭ» يېشىلمىگەن سىر

دېڭىز-ئوكيانلارغا نىسبەتەن بىز بىلىدىغان نەرسىلەر بەك ئاز، ھەر يىلى نۇرغۇن ئېكسپېدىتسىيىچىلەر، غەۋۋاسلار ۋە ئارخېئولوگلار دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ، نامەلۇم يەرلەرنى قىدىرىپ تەكشۈرىدۇ.

دېڭىز ئاستىدىكى «بەش چوڭ» يېشىلمىگەن سىر

دېڭىز ئاستىدىكى «بەش چوڭ» يېشىلمىگەن سىر

مېكسىكىدا مانا مۇشۇنداق سىرلىق سۇ ئاستى سىرلىق ھەيكەللىرى بار، ھازىر ئۇلار سۇ ئاستى مۇزېيىغا ئايلاندى. ئۇ مېكسىكىنىڭ كانكۈنغا جايلاشقان بولۇپ، 400دىن ئارتۇق ھەيكەلدىن تەركىب تاپقان. 2015-يىلى ئارخېئولوگلار سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن بىر پارچە پارچىلىنىپ كەتكەن قورام تاشنى بايقىغان، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولغاچقا، كۆپچىلىك ئۇنى سۈنئىي جىسىم يەنى تەخمىنەن 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ نامايەندىسى دەپ قارىغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىغان.

دېڭىز ئاستىدىكى «بەش چوڭ» يېشىلمىگەن سىر

2017-يىلى ئەنگىلىيە دېڭىز قىرغىقىدا تەتقىقاتچىلار 3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە پاراخوتنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل ئۈنچە ـ مەرۋايىت، مىس ۋە قورال ـ ياراغ قاتارلىقلار ساقلانغان. بۇ پاراخوتنىڭ كېلىش يولى ۋە بارار جايى، پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىش سەۋەبى ۋە سەپەرگە چىقىش مەقسىتى قاتارلىقلار سىر بولۇپ قالغان.

دېڭىز ئاستىدىكى «بەش چوڭ» يېشىلمىگەن سىر

سفىنكس، بۇمۇ كىشىلەرنىڭ «كولومبو ئامېرىكا قىتئەسىگە تۇنجى كەلگەن ئادەم» دېگەن سۆزىگە بولغان گۇمانىنى قوزغايدۇ، چۈنكى 2014- يىلى غەۋۋاسلار قەدىمكى زاماندىكى چۆكۈپ كەتكەن كېمىنىڭ ئىچىدىن شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلنى بايقىغان. ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بۇ شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلنى ئەڭ بۇرۇن 2500 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىكەن ھەمدە ئوتتۇرا شەرققە تەۋە ئىكەن، يەنى كولومبو دەۋرىدىن بۇرۇن، ئېكسپېدىتسىيىچىلەر ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. لېكىن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق شىر تەنلىك، ئادەم باشلىق ھەيكەلنى ئېلىپ يۈرىدىغانلىقى ھازىرغىچە سىر بولۇپ قالغان.

دېڭىز ئاستىدىكى «بەش چوڭ» يېشىلمىگەن سىر

سۇ ئاستى پويىزى، بۇ دۇنيادا راستتىنلا سۇ ئاستى پويىزى مەۋجۇت، لېكىن ئۇ قالدۇق شەكلىدە بولۇپ، يېڭى جېرسېينىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا چۆكۈپ كەتكەن ئىككى پويىز بايقالغان. ئادەتتىكى پويىز پاراخوتنى ۋاسىتە قىلغاندىلا دېڭىز يۈزىدە يۆتكىلەلەيدۇ، شۇڭا بۇ خىل ھادىسە نۇرغۇن ئالىملارنى گاڭگىرىتىپ قويغان.

دېڭىز ئاستىدىكى «بەش چوڭ» يېشىلمىگەن سىر

قەدىمكى دەۋردىكى «كومپيوتېر»، ئۇ «ئانتىكۋىترا ماشىنىسى» دەپ ئاتالغان، سىرتقى شەكلى سائەتكە ئوخشىشىپ كېتىدىغان مۇرەككەپ ماشىنا، ئۇ 1900-يىلى بايقالغان بولۇپ، ئوخشاشلا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى دېڭىز قاتنىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئەسۋاب بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ئۇنى كۈن تۇتۇلۇش بىلەن ئاي تۇتۇلۇشنى مۆلچەرلەيدىغان قۇرۇلما بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى