يېمەك-ئىچمەك

دائىم ئاچچىق يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى ئاچچىقنى مۇۋاپىق يەيدىغان كىشىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، دائىم ئاچچىق يەيدىغان كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

دائىم ئاچچىق يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

«ئەنگلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇچ يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى تېخىمۇ ئاسانكەن.
نېمە ئۈچۈن مۇچ راكنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؟
مۇچنىڭ راكقا قارشى تۇرالىشىدىكى سەۋەب، مۇچتىن بىر خىل ئالاھىدە تەركىب — قىزىلمۇچ ماددىسىنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى مىقداردىكى قىزىلمۇچ ماددىسى مەزى بېزى راكى ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىلمۇچ ماددىسى ئەتراپتىكى نېرۋا ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئاغرىق توختىتىش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، يەنە يۈرەك قان تومۇرلارنى قوغداش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، تاش چۈشۈشكە قارشى تۇرۇش، ھەتتا ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنى قوغداش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئاشقازان ئ‍استى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئاشقازان يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى ئۇنى پەسەيتىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق تەتقىقاتلاردا، قىزىلمۇچ ماددىسى ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىشقا ياردەملىشىش رولىنى ئوينايدىغانلىقى بايقالغان.
ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 23 يىللىق تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم قىزىلمۇچ يەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى مۇچ يېمەيدىغانلارغا قارىغاندا %13 ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدىكەن، ئۆسمە كېسىلى، قان يېتىشمەسلىك يۈرەك كېسىلى ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.

دائىم ئاچچىق يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

دائىم ئاچچىق يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ئالدى بىلەن مۇچنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە قاراپ باقايلى:
قىزىلمۇچ تەركىبىدە مول قىزىلمۇچ قىزىل ماددىسى، كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن C، كاروتىن، سېلېن ئېلېمېنتى، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىن، لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى، تالا ماددىسى كۆپ، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت كالىي، تۆمۈر، ماگنىي قاتارلىقلار بار.
ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىلمۇچنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولۇپ، 100 گىرام قىزىلمۇچنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى 144 مىللىگىرامغا بولۇپ، پەمىدۇرنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇچ تەركىبىدىكى كاروتىن مىقدارىمۇ باشقا كۆكتاتلارنىڭ 2 ~ 4 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ.

دائىم ئاچچىق يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

مۇۋاپىق مىقداردا« ئاچچىق يېيىش»نىڭ 5 ياخشى تەرىپى:
1.كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ
ھەر 100 گىرام مۇچ تەركىبىدە 150 مىللىگىرامغا يېقىن ۋىتامىن C بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدە كاروتىن، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

دائىم ئاچچىق يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

2.ئورۇقلاش
مۇچنىڭ ئورۇقلاشتىكى رولى ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ، بىرى، ئىشتىھانى غىدىقلىغاندا، دەرھال مېڭىگە «بولدى بەس» دېگەن سىگنالنى بېرىپ، ئىشتىھانىڭ ئېچىلىپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ؛ يەنە بىرى، بەدەندىكى ئىسسىقلىق سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىدۇ.
3.يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
مۇچ قان ئايلىنىشقا پايدىلىق بولۇپ، قان تومۇر قېتىشىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ.
4.سوغۇقنى ھەيدەپ ئاشقازاننى ئىللىتىش
ئاسان توڭلايدىغان كىشىلەر مۇچنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك، بۇ خىل كىشىلەردە يەل ۋە قاننىڭ ئايلىنىشى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ، ئادەتتە ئاسانلا پۇت-قولى مۇزلاش، بېشى قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، مۇچ قاتارلىق ئاچچىق، مۆتىدىل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
5.ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
مۇچ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە خولېستېرىننى ئۆت كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۆتكە تاش چۈشكەن كىشىلەر تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان كۆكمۇچنى كۆپ يەپ بەرسە، كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

دائىم ئاچچىق يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

مۇچنى زىيادە كۆپ يەۋەتسە، بەدەنگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
مۇچنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان يارىسى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مېكسىكا ئالىملىرىنىڭ 1994-يىلىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىشىچە، كۆپ مىقداردا قىزىلمۇچ يەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.

دائىم ئاچچىق يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

ئاياللار ئاچچىقنى زىيادە كۆپ يېسە، ئۈچ چوڭ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
1. ھەيز قالايمىقانلىشىش
2. تۇخۇم نەيچىسىنى توسۇلۇش
3. ئاياللار كېسەللىكلىرىدىكى ئۆسمە

دائىم ئاچچىق يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

ئاچچىقنى قانچىلىك يېسە ئەڭ مۇۋاپىق؟
تۇرمۇشتا ئاچچىق يەيدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاچچىق يېگەن ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىقداردا يېيىش كېرەك، بولمىسا زەخىملىنىدىغىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ بەدىنى بولىدۇ.
1.بەدەن سۈپىتى ۋە پەسىلگە قاراپ يېيىش.
2.ئىستېمال مىقدارىنى كونترول قىلىش.
3.ئاچچىقلىق دەرىجىسىنى كونترول قىلىش.
دىققەت، ئەگەر مۇچ يېگەندە قورساق قىسمى بىئارام بولۇش، چوڭ تەرەت ئوتتەك قىزىش، ئىچى سۈرۈش، ھەتتا گېموروي ئېغىرلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇچ ئىستېمال قىلىش مىقدارىنىڭ بەرداشلىق بېرىش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلېكىنى ئەسكەرتىدۇ.

دائىم ئاچچىق يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

بۇ بەش خىل كىشىلەر ئاچچىق يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ
1.بوۋاسىر كېسىلى بارلار.
2.ئاشقازان، ئۆت خالتىسى ياللۇغى بارلار.
3.بۆرەك كېسىلى بارلار.
4.ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بارلار.
5.بالىلار، ياشانغانلار ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنى بىرقەدەر سەزگۈر بولغاچقا، ئاچچىق نەرسىلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى