يېمەك-ئىچمەك

ئاشقان تاماقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

ئاشقان تاماقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

بىر قسىم ئاشقان تاماقلارنى تۆكۈۋەتمەي ئامال يوق، بىراق يەنە بىر قىسىملىرىنى تۆۋەندىكى بىر تەرەپ قىلسىڭىز بىخەتەر ھەم ساغلام بولۇشتەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز، قېنى سىزمۇ بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ:

ئەگەر ئاشقان تاماقلاردا موما، يۇتازا ھەمدە قوتۇرماچ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بولسا نۆلدىن تۆۋەن 15 گىرادۇستا بىر ھەپتە ساقلاشقا بولىدۇ. مىفەن ۋە ئوماچ تۈرلىرىنى ئەڭ ياخشىسى 24 سائەت ئىچىدە ئىستېمال قىلىۋېتىش كېرەك.

سەي-كۆكتاتلارنى ساقلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى ساقلاش جەريانىدا تەركىبىدە ئاسانلا نىترىتلار ھاسىل بولىدۇ، تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر، ۋىتامىن c ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىقلار ساقلاش ۋە تەكرار قىزىتىش تۈپەيلى ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاشقا ئەرزىمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە يۇقىرى ئاقسىل بولۇپ، كېچە ئاتلىسا ئاقسىل كېمەيتكۈچى ماددا ھاسىل بولۇپ، بەدەندە ھېچقانداق پايدىسى يوق.

021719360517700000042394

ئۇنداقتا ئاشقان تاماقلارنى قانداق ساقلاش كېرەك؟

1. ئىسسىق ۋاقتىدىلا توڭلاتقۇغا قويۇش

تاماقلارنى مۇزلىتىش جەريانىدا باكتېرىيەلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ. 5-60 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ئۇلارنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇپ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى خەتەرلىك دائىرىدۇر. شۇڭا يېمەكلىكلەرنى بەش سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن مۇھىتتا تېز سۈرئەتتە مۇزلىتىۋەتكەندە، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەشكە بولىدۇ. سوغۇق ساقلاشنى ئالتە سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

2. تۈرگە ئايرىپ ساقلىغاندا، باكتېرىيەنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ

ئوخشىمىغان يېمەكلىكلەرنى بىرگە ساقلىماستىن، يېڭى پېتى ساقلاش قاچىسى، خالتىسى ياكى چىنە-تەخسىلەرگە بىر قەۋەت يېڭى ساقلاش پەردىسى يېپىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسا، يېمەكلىكلەرنىڭ بۇزۇلۇش سۈرئىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

3. شورپىنى ئاليۇمىن قاچىغا ئۇسماسلىق كېرەك

ئەگەر ئاشقان شورپىنى ئاليۇمىن قازان، داتلاشماس پولات قازاندا ئۇزاق مەزگىل ساقلىسا ئاسانلا رېئاكسىيەلىشىدۇ. شۇڭا شورپىنى قاينىتىۋالغاندا شۇ كۈندىكى ئىچىش مىقدارىنى ئايرىۋېلىپ، قالغىنىنى كاھىش قاچىغا قۇيۇپ، توڭلاتقۇدا ساقلىسا مۇۋاپىق.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى