ساغلاملىق

ئەتراپىڭىزدىكى زەھەر قايتۇرۇش شاھلىرىنى بىلىۋېلىڭ

بۈگۈن كۆپچىلىككە بىر قانچە خىل بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان جىگەردىكى زەھەر قايتۇرۇش شاھىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇلارنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم يەپ بەرگەندە، جىگەردىكى زەھەرنى ھەيدەپ، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ئەتراپىڭىزدىكى زەھەر قايتۇرۇش شاھلىرىنى بىلىۋېلىڭ

(1) قېرىقىز (牛 蒡)
شەكلى پىچەكگۈلگە ئوخشايدىغان قېرىقىزنىڭ «ياپونىيە مېھرىگىياھى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. قېرىقىز چېيىنىڭ تەركىبىدە قېرىقىز گلۇكوزىدى ۋە لىگنىن ماددىسى بار، بۇنىڭ تەركىبىدىكى قېرىقىز گلۇكوزىدى راكقا قارشى ئاكتىپ ماددا بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئادەم بەدىنىدىكى توكسىننى تازىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ ۋە تەڭشەيدۇ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى.
قېرىقىز يىلتىزى جىگەردىكى زەھەرنى تازىلىغاندىن سىرت، يەنە ئايلىنىش سىستېمىسى، لىمفا سىستېمىسى، نەپەس سىستېمىسى، ھەزىم سىستېمىسى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنى تازىلايدۇ.
قۇرۇتۇلغان قېرىقىزدىن 6~10 گىرام ئېلىپ، قاينىغان سۇغا چىلاپ دائىم ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

ئەتراپىڭىزدىكى زەھەر قايتۇرۇش شاھلىرىنى بىلىۋېلىڭ

(2) پويرارىيە يىلتىزى (葛 根)
پويرارىيە يىلتىزى جىگەرنى ئاسرايدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، جىگەرنى ماي قاپلىغانلار، ئىسپىرت زەخمىسىگە ئۇچرىغان جىگەرنى ئاسراپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ. پويرارىيە يىلتىزى تالقىنى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا دادۇر گلۇكوزىدى بولۇپ، ئىسپىرتنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىدۇ، ئىسپىرتنىڭ چوڭ مېڭە ۋە جىگەرگە بولغان زىيىنى، ئاشقازانغا بولغان غىدىقلىنىشىنى ئازايتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، پويرارىيە يىلتىزى تەركىبىدىكى پويرارىن مىكرو قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، يەرلىك ئورۇندىكى مىكرو قان ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ يىغىلىشىنى تورمۇزلايدۇ، يەنە قان پلازمىسىدىكى كاتېخولامىننىڭ مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ياخشىلايدۇ، شۇڭا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
پويرارىيە يىلتىزى، ئاپلىسىن پوستى قاتارلىقلاردىن ئېلىپ، قايناق سۇغا دەملەپ، تۇۋاقنى يېپىپ 15 مىنۇت دۈملەپ قويسا بولىدۇ، تەمى سۇسلاشقۇچە قايتا-قايتا دەملەپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىگەرنى ئاسراپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھۆللۈكنى تەڭشەيدۇ.

ئەتراپىڭىزدىكى زەھەر قايتۇرۇش شاھلىرىنى بىلىۋېلىڭ

(3) قارا بۇغداي گۈرۈچى (荞麦米)
قارا بۇغداي گۈرۈچى دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە دورىلىق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى يېمەكلىك ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن كىسلاتاسى ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەرنىڭ زەھەرنى ھەيدەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
ئەڭ يېڭى غىزالىنىش كۆرسەتمىسىدە ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى 50~150 گىرام قارا ئاشلىق ۋە پۇرچاق ئىستېمال قىلىش كېرەك دەپ تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئادەتتە ئاق گۈرۈچ تامىقى ئەتكەندە، ئازراق قارا بۇغداي قوشۇۋەتسە، قارا ئاشلىقنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلىغىلى، يەنە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

ئەتراپىڭىزدىكى زەھەر قايتۇرۇش شاھلىرىنى بىلىۋېلىڭ

(4) قارىئۆرۈك
قارىئۆرۈك ھۆللۈك پەيدا قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. «خۇاڭدىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى»دا خاتىرىلىنىشىچە، «چۈچۈمەل جىگەرگە كىرىدۇ» دېيىلگەن ئىكەن، قارىئۆرۈكنىڭ تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، جىگەرگە پايدىلىق.
قارىئۆرۈك، دولانا، ناۋات، تۇز، سۇ قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلاپ، سۇس ئوتتا 30~50 مىنۇت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كېيىن، چاي ئورنىدا ئىچسە، جىگەرنى ئاسراپ، يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى