تەرمىلەر

ئادەم قانداق ئەھۋالدا تۈگىشىپ كېتىدۇ؟

ئەركىن.ھوزۇر.تەبىئەت.مۇھەببەت

بىز ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دۇنياسىغا تەلپۈنەتتۇق، ئۇ بىر ئەركىنلىك ئىدى. ئۇ يەردە يېزىپ تۈگەتكۈسىز تاپشۇرۇق يوق، يادلاپ تۈگەتكۈسىز كىتابمۇ يوق. ھېچكىمنىڭ چەكلىمىسى يوق، ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلسا بولىدۇ. جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھەقىقىي دۇنيانىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنداق ئېسىل ئەمەسلېكىنى بايقىدۇق. ھەممىسى جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن دەپ قەسەم قىلىشتى، ئەمما مەلۇم ناچار ئادەت تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلدى. ئادەمدە تۇغما ھۇرۇنلۇق بولىدۇ، ھېچكىم يېنىدا ھەيدەكچىلىك قىلمىسا، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن.

چارچاش.ئامالسىز

ئۇنداقتا ھۇرۇنلۇق بىزگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ھۇرۇنلۇق ئادەمدە كەينىگە سۆرەش كېسەللىكى پەيدا قىلىدۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئۈنۈمى پەيدا بولىدۇ. ئەسلىدىلا ئورۇنداشقا تېگىشلىك خىزمەتنى سۆرەلمىلىك قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئورۇندايدۇ، ئالدىراپ-تېنەپ تاماملىغان خىزمەتنىڭ سۈپىتىگە قانداقمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولسۇن؟تۇرمۇشتىكى سۆرەلمىلىكلەر باشقىلارغا سىزنىڭ ۋاقىت قارىشىڭىز يوق، ئىش قىلغاندا چەبدەس ئەمەس، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق ھېس قىلدۇرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا باشقىلار سىزدىن مەقسەتلىك يىراقلىشىدۇ. ھۇرۇنلۇق ئادەمنى ئىقتىدارسىزلاندۇرىدۇ، ئۇزاق مەزگىللىك ھۇرۇنلۇق سىزدە ھېچنېمىگە قىزىقماسلىق پەيدا قىلىدۇ، ئۆگىنىشنى خالىمىسىڭىز يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرمەيسىز، بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىشكە تېخىمۇ قىزىقمايسىز. رىقابەت كەسكىن بولغان بۇ جەمئىيەتتە، ئۆگەنمىسە ئارقىدا قالىدۇ، خىزمىتى ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ، مائاشى ئاشمايدۇ. بىر شىركەت بىر يارىماس كىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەت شىركەتنىڭ تامىقىنى يېيىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. بىرەر ئارتۇقچىلىقىڭىز بولمىسا، سىرتقا چىقىپ باشقىلار بىلەن قانداق رىقابەتلىشىسىز؟ ھۇرۇنلۇق ئادەمنى نۇرغۇن بايلىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەت بۇ جەمئىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن ئۆزىنىڭ ھورۇنلۇقى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىنىڭ كىچىك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئېرىشىدىغان ۋە پايدىلىنىدىغان بايلىق ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ. سودا قىلىدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى ساقلاشقا ئەڭ ماھىر، چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئەسلىدىنلا كىچىك، ئەگەر سىز قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ياردەم تەلەپ قىلىدىغان ئادەممۇ بولمىسا، بۇ نېمىدېگەن بىچارىلىكتۇر. ھۇرۇنلۇق يەنە ئادەمنى مەنىسىز ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ يەردىكى مەنىسىزلىك روھىيەتتىكى مەنىسىزلىكنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزدا تىرىشىشقا ئەرزىگۈدەك ئىش يوق. ھەرقانداق ئىش سىز ئۈچۈن بەرىبىر، بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىسز. ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بولمىسا، ئىشەنچىسىنى يوقاتسا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كەمچىل بولسا، ئۆزىنى روھى يوقتەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھاياتىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچكە، ئۈمىدكە، ئالدىراشلىققا تولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاپتاپپەرەس

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى