ساغلاملىق

بۇرۇن ياللۇغى تۈگىمەيۋاتامدۇ؟

بەزىلەر ھاۋا سوۋۇغاندىن كېيىن، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن توختىماي چۈشكۈرۈپ، بۇرنىدىن سۇ ئاقسا، زۇكام دەپ قاراپ، خالىغانچە زۇكام دورىسى يەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېسەللىك ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلىشىدۇ، ئۇنداقتا بۇرۇن ياللۇغى بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇرۇن ياللۇغى تۈگىمەيۋاتامدۇ؟

بۇرۇن ياللۇغىنى قانداق داۋالايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇرۇن ياللۇغىنىڭ قانداق تىپلىرى بارلىقىنى، ھەرقايسىسىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بارلىقىنى بىلشىمىز كېرەك.

1. قېلىنلاش خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى: دائىم بۇرۇن پۈتۈپ قالىدۇ.

2. رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى: رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بۇرۇن قىچىشىش، دائىم بۇرنىنى ئۇۋىلاش، چۈشكۈرۈش بولۇپ، ئادەتتە ئۇدا 10~20 قېتىم چۈشكۈرۈپمۇ چۈشكۈرۈشنى توختاتقىلى بولمايدۇ، يەنە ماڭقا ئاقىدۇ، كۆز قىزىرىپ ئىششىش، زىيادە سەزگۈرلۈك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەزگۈر بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى پەيدا بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە كۆپچىلىك رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئادەتتە ئىككى خىل داۋالاش ئۇسۇلى بار.

1. بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كونترول قىلىپ، بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئازراق دورا بىلەن داۋالاش كېرەك، يېنىك بولغاندا بۇرۇن قىچىشىش كۆرۈلىدۇ، چۈشكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى بۇرۇن تۆشۈكىنى چايقاپ، بۇرۇن قىچىشىش ئەھۋالىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

2. ئەگەر يۇيۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمىسا، بۇرۇنغا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماس دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك، دائىم ئۇچرايدىغان رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالايدىغان دورىلار ئاساسلىقى بۇرۇنغا پۈركۈش دورىسى، ئاساسلىقى بۇرۇن تۆشۈكىدىن ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم بۇرۇنغا لازىملىق ھورمونلار.

بۇرۇن ياللۇغى تۈگىمەيۋاتامدۇ؟

كۆپچىلىك بەلكىم بۇرۇنغا ئىشلەتكەن ھورمۇن كۆپ بولۇپ كەتسە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇرۇنغا ئىشلەتكەن ھورمۇن بىلەن ئېغىزدىن ئىستېمال قىلىدىغان پۈتۈن بەدەن سۈمۈردىغان بۇرۇنغا لازىملىق ھورمۇن ئوخشاش بولمايدۇ، ئىشلىتىش مىقدارى ئاز بولسا پۈتۈن بەدەن ئىنكاسى كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بولىدۇ. يەنە زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورىلار، بۇلارنى كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

يەنە بۇرۇن بوشلۇقىنى يۇيۇشقا ياردەم بېرىش ئارقىلىق بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ئاستا خاراكتېرلىك، قېلىنلاش خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىدا بۇرۇن پۈتۈش كۆرۈلىدۇ، بۇرۇن پۈتۈش كۆرۈلسە ئادەم بىئارام بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا بۇرۇن تۆشۈكىدىكى قان تومۇرلارنى تارايتىدىغان پۈركۈمە دورا پۈركۈشكە بولىدۇ، لېكىن ئادەتتە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىشلىتىشنى توختىتىش تەكلىپىنى بېرىلىدۇ، چۈنكى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە دورىغا قارىتا چىدامچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە دورىغا قارشى ئانتىتىللا شەكىللىندۇ، ئانتىتىللا شەكىللەنگەندىن كېيىن دورىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا بىر قەدەر دىققەت قىلىش كېرەك.

بۇرۇن ياللۇغى تۈگىمەيۋاتامدۇ؟

رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتا بۇ ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

1. رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ئاساسلىقى رېئاكسىيە مەنبەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك ئالامىتى، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

2. بۇرۇن ياللۇغىنى قوزغىغان زىيادە سېزىمچانلىق مەنبەسىنى تېپىپ چىقىش، ئاندىن كېسەل قوزغاتقۇچىنىڭ يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش، رىئاكسىيە قىلدىغان ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئازايتىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش كېرەك.

3. ئادەتتە بەزى بىر قەدەر يېنىك بولغان زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولمىغان ۋاقىتتا، ئۆزى ئۆيدە فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنى چايقاپ، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى بىر قىسىم ماڭقىنى ئازايتىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى