ساغلاملىق

ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇيقۇسىزلىقنى قانداق قىلىش كېرەك، بۇ خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ!

ئۇيقۇسىزلىقنى يىلتىزىدىن ساقايتىش ناھايىتى قىيىن، نۇرغۇن ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار پەقەت ئۇيقۇ دورىسى، مېلاتونىن قاتارلىق دورىلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇخلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، لېكىن بۇ دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھادىسىدىن تۈزىسىمۇ ماھىيەتتىن تۈزىيەلمەيدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىچىشكىمۇ ماس كەلمەيدۇ. ئۇنداقتا ئۇيقۇسىزلىقنى قانداق قىلىش كېرەك؟ بولمىسا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ.

دىققەتنى بۇراش

ئەگەر سىز خېلى ئۇزۇن يېتىپمۇ ئۇخلىيالمىسىڭىز، ئۇنداقتا داۋاملىق يېتىۋەرمەي، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ باشقا ئىشلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن، بىر پارچە ياخشى ماقالە ئوقۇش، رىتىمى ئاستا بولغان بىر كىنو كۆرۈش تاكى ئۇيقۇسىراش ھېس قىلغانغا قەدەر، ئاندىن كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلىسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا ئىزچىل كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلىيالمىسا، ئادەمدە بەلگىلىك روھىي بېسىم پەيدا بولۇپ، بىر قاتار ناچار كەيپىيات پەيدا قىلىپ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

جۇڭگو تېبابىتىنىڭ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش دورىسى

جۇڭگو تېبابىتىدە ئۇيقۇسىزلىق بۆرەك قۇۋۋىتى يېتىشمەسلىك ۋە قان يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالايدىغان جۇڭيى دورىلىرىمۇ كۆپىنچە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار بىر قىسىم ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۇخلاش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.

نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ مېڭە قۇۋۋەتلەش سۇيۇقلۇقى يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىق كۆپ خىل تەملىك جۇڭيى دورىلىرىدىن ياسىلىدۇ، ئۇ دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىدىكى B تۈردىكى دورا بولۇپ، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىقلارنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۆمرىمىزنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتى ئۇيقۇ ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئۇيقۇ ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر تۈرلۈك فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت. ئۇيقۇغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز، بولۇپمۇ ئۇيقۇسىزلانغاندا روھىي ھالىتىمىزنى تەڭشەپ، ئاكتىپ ياخشىلىشىمىز، زىيادە تەشۋىشلىنىش ۋە بىئارام بولۇشتىن ساقلىنىپ، ئۇيقۇسىزلىقنىڭ بەدەن ۋە تۇرمۇشقا بولغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشىمىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى