يېمەك-ئىچمەك

بۇ تۆت خىل مېۋە تاتلىق بولمىسىمۇ، ئەمما قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى

مېۋە قانچە تاتلىق بولسا، قەنت مىقدارى شۇنچە يۇقىرى، تەمى چۈچۈمەل مېۋىنىڭ قەنت مىقدارى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، ھەقىقىي ئەھۋال راستتىنلا شۇنداقمۇ؟

بۇ تۆت خىل مېۋە تاتلىق بولمىسىمۇ، ئەمما قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى

مېۋىنىڭ چۈچۈمەل تاتلىق بولۇشىنى پەقەت قەنت مىقدارى بەلگىلمەيدۇ.

مېۋە-چېۋە مىقدارىدىكى قەنت پەقەت بىرلا خىل ئەمەس، ئەكسىچە تۈرى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى مونوساخارىد، دىساخارىد ۋە پولىساخارىدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بۇ ساخارىدلارنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، ئەگەر تاتلىقلىق دەرىجىسى بويىچە رەتكە تىزغاندا، مېۋە شېكىرى (مونوساخارىد) > ساخاروزا (دىساخارىد) > گىلۇكوزا> كىراخمال (پولىساخارىد)، بۇنىڭ ئىچىدە كىراخمالنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى 0.

بۇ مېۋە شېكىرىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولغان مېۋىلەرنىڭ تەمىنىڭ تېخىمۇ تاتلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىراق بۇ قەنت مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مىسال ئالساق، ھايمانتۇس (火龙果)نىڭ شېكەر تەركىبى ئاساسلىقى گىلۇكوزا، تاۋۇزنىڭ تەركىبىدە مول مېۋە شېكىرى بولغاچقا، تەمى جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا تاۋۇزنىڭ تاتلىقلىقى ھايمانتۇستىن روشەن ھالدا يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر قەنت مىقدارىنى سېلىشتۇرساق تاۋۇزنىڭ قەنت مىقدارى ئاران %5.5، ھايمانتۇسنىڭ قەنت مىقدارى بولسا %13.3كە يېتىدۇ.

بۇ تۆت خىل مېۋە تاتلىق بولمىسىمۇ، ئەمما قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى

مېۋىنىڭ باشقا تەركىبلىرىمۇ مېۋىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە قەنت ماددىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تەمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا ماددىلارمۇ بار. مەسىلەن، ئورگانىك كىسلاتا (لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى، تارتارىك كىسلاتاسى قاتارلىقلار) مېۋە-چېۋىلەرگە چۈچۈمەل تەم ئېلىپ كېلىدۇ. تاننىن (单宁) بولسا مېۋىلەردە بىرقەدەر كۈچلۈك قىرتاق تەم پەيدا قىلىدۇ. بۇ ماددىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مېۋىنىڭ تاتلىقلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. مەسىلەن، دولانانىڭ تەمى چۈچۈمەل، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە مول ئورگانىك كىسلاتا بار، لېكىن دولانانىڭ قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، %22كە يېتىدۇ، مانا بۇ ئورگانىك كىسلاتا دولانانىڭ تەمىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويغانلىقىدىندۇر.

تۇرمۇشتا قايسى مېۋىلەر تاتلىق ئەمەس، لېكىن قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى؟

بۇ تۆت خىل مېۋە تاتلىق بولمىسىمۇ، ئەمما قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى

ھەببۈلمۈلۈك (百香果)

ھەببۈلمۈلۈك مېۋىسىنى دائىم سۇغا چىلاپ ئىچسە ياكى باشقا يېمەكلىكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، يېمەكلىكنىڭ تەمىنى موللاشتۇرىدۇ، ھەببۈلمۈلۈك مېۋىسىنىڭ تەمى سەل چۈچۈمەل بولىدۇ، لېكىن تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى تۆۋەن ئەمەس، ھەر 100 گىرامدا قەنت مىقدارى 13 گىرام بولىدۇ.

بۇ تۆت خىل مېۋە تاتلىق بولمىسىمۇ، ئەمما قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى

دولانا

نۇرغۇن كىشىلەر خاتا ھالدا دولانا تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى تۆۋەن، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، دولانا تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى ھەر 100 گىرامدا 22 گىرام، ئىسسىقلىق مىقدارى 100 گىرامدا 102 كىلوكالورىيە بولۇپ، گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن باراۋەر، ئاپېلسىن، گىلاس، ئاناناس، ئۈزۈم، بۆلجۈرگەن قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ.

بۇ تۆت خىل مېۋە تاتلىق بولمىسىمۇ، ئەمما قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى

جىغان

جىغان تەمى چۈچىمەل، ئانچە تاتلىق ئەمەس، لېكىن شىرنە سۈيى ناھايىتى كۆپ، تەمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك بىلىندۇ، ئەمما قەنىت مىقدارى بىز ئويلىغاندەك تۆۋەن ئەمەس.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جىغان تەركىبىدە مول ۋىتامىن بار بولۇپ، «ۋىتامىن C شاھى» دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ تۆت خىل مېۋە تاتلىق بولمىسىمۇ، ئەمما قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى

كوكۇس

كوكۇس ئانچە تاتلىق بولمىسىمۇ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى ھەر 100 گىرامدا 241 كىلوكالورىيە بولۇپ، قەنت مىقدارى 26.6 گىرامغا يېتىدۇ، ئايال دوستلار ۋە دىيابېت بىمارلىرى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

ئورۇقلىماقچى بولغان ھەمدە دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شېكەر مىقدارى تۆۋەن بولغان مېۋىلەرنى، مەسىلەن، كۇلى بېھېسى (木瓜)، كارامبولا (杨桃)، لىمون قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ۋىتامىنلىق مېنېرال ماددىلار ۋە تاماق تالالىرىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ، ھەم سەمرىپ كەتمەيدۇ، بىر چالمىدا ئۈچ پاختەكنى سوققىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى