ساغلاملىق

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ئۆمۈر بويى راك كېسىلى بولۇپ قالمايدۇ؟

مېدىتسىنا تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ راك كېسىلى يەنىلا كىشىلەر يەڭگىلى بولمايدىغان بىر قىيىن ئۆتكەل بولۇپ قالماقتا. دەسلەپكى مەزگىلدىكى راك كېسىلىنىڭ ساقىيىش ئېھتىماللىقى بار، ئەمما ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان راك كېسىلى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقتۇر. كىشىلەر ھەمىشە راك كېسىلىنى خالىغانچە ھۇجۇم قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن بەزى كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك يەتتە خىل ئەۋزەللىككە ئىگە بولغانلىقتىن بىر ئۆمۈر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولماسلىقى مۇمكىن.

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ئۆمۈر بويى راك كېسىلى بولۇپ قالمايدۇ؟

بىر ئۆمۈر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان كىشىلەر بەلكىم تۆۋەندىكىدەك يەتتە خىل ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشى مۇمكىن:

1. ئىممۇنىتېت كۈچى يۇقىرى

ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسانلا كېسەللىكنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەردىمۇ ئاسانلا راكقا ئۆزگىرىدۇ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى كۈچلۈك بولغاندا، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدىغان بولۇپ، ئاساسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ئۆمۈر بويى راك كېسىلى بولۇپ قالمايدۇ؟

2. ناھايىتى ئۈمىدۋار

روھىي ھالەتنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئۇزاق مۇددەت پاسسىپ ھالەتتە بولسا، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇپ، ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، ئاسانلا قالقانسىمان بەز راكىنى پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر ئاياللار دائىم ئاچچىقلانسا، تەشۋىشلەنسە، سۈت بېزى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاش راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ئۆمۈر بويى راك كېسىلى بولۇپ قالمايدۇ؟

3.بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك

سېمىزلىك پەقەت ئوبرازنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماستىن، ئۇ يەنە كۆپ خىل ئاساسىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سېمىزلىك نەچچە ئون خىل راك كېسەللېكىنى پەيدا قىلىدىكەن، شۇڭا راك كېسىلىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، بەدەن ئېغىرلىقىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك بولغان كىشىلەرمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتەلەيدۇ.

4.يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ياخشى

كىشىلەر دائىم كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ دېيىشىدۇ، بۇنىڭدىن يېمەك-ئىچمەكنىڭ ساغلاملىققا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئاسان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدىغانلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمۇ ناھايىتى ساغلام بولۇپ، ئادەتتە كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەيدۇ، يېمەك-ئىچمىكى مايسىزراق بولىدۇ. قارا ئاشلىق بىلەن ئاق ئاشلىقنى، گۆشلۈك، گۆشسىز تاماقلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئاشقازان ۋە ئۈچەي بىر قەدەر ساغلام بولىدىغان بولۇپ، ئاسان راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولمايدۇ.

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ئۆمۈر بويى راك كېسىلى بولۇپ قالمايدۇ؟

5. ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ

ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا بەدەننىڭ ئىقتىدارى قوزغىتىلىدۇ، قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ، مېتابولىزم ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان بولۇپ، بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەزالارنىڭ ئاكتىپ خىزمەت ھالىتىنى ساقلاشقا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، بۇ ھەم بەدەندىكى توكسىن ۋە ئەخلەتلەرنىڭ تېزلىكتە سىرتقا چىقىرىلىشىغا پايدىلىق، شۇڭا ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بەدىنى بىرقەدەر ساغلام بولۇپ، تەبىئىيلا راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ئۆمۈر بويى راك كېسىلى بولۇپ قالمايدۇ؟

6. دەم ئېلىشى قانۇنىيەتلىك

كېچىدە بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۇخلىمىغاندا، بەدەندىكى ئەزالار يېتەرلىك ئارام ئالالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىلەردىكى ئۆزگىرىش كۈچىيىدۇ، يەنە كېلىپ ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى ھۈجەيرىلەرنى ۋاقتىدا تازىلىغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن راك كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا قۇرامىغا يەتكەن ئادەم ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 8-7 سائەتكىچە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇزۇن مەزگىل تۈنىمەسلىكى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا راك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ئۆمۈر بويى راك كېسىلى بولۇپ قالمايدۇ؟

7. جەمەت ئىرسىيەت تارىخى يوق

ئادەم بەدىنىدىكى گېنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەگەر جەمەتىدە راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئادەم بولمىسا، ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ چوڭ بولمايدۇ. ئەگەر جەمەتىدە راك كېسىلى بولغانلار بولسا، ئۇنداقتا راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، جەمەت ئىرسىيەت تارىخى بارلار قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى