ساغلاملىق

تۆۋەنكى ۋېنانىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىىدىكى خاتا قاراشلار

تۆۋەنكى ۋېنانىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىىدىكى خاتا قاراشلار

تۆۋەنكى ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش دېگەن نېمە؟

تۆۋەنكى ۋېنانىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشى تۆۋەنكى ۋېنا ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان ۋېنانىڭ كېڭىيىشى ۋە ئەگرى-بۈگرى بولۇپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

2. تۆۋەنكى ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشنىڭ ئىپادىلىرى قايسىلار؟

دەسلەپكى دەۋرى: كېسەللىك ئالامىتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىق ئىپادىلىرى پاقالچاق تېلىپ چىڭقىلىپ بىئارام بولۇش ۋە ئاغرىش، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇت-قوللار ئېغىرلىشىدۇ، قىسمەن بىمارلاردا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ.

ئوتتۇرا دەۋرى: يۈزە ۋېنا كېڭىيىش، ئەگرى-بۈگرى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.

كېيىنكى دەۋرى: پاقالچاق قىسمىدىكى تېرىنىڭ ئوزۇقلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، بۇ تېرە يىگلەش، تېرە كېپەكلىشىش، قىچىشىش، پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش، تېرە ۋە تېرە ئاستى ياغلىرى قېتىش، ھەتتا ھۆل تەمرەتكە ۋە يارا شەكىللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۆۋەنكى ۋېنانىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىىدىكى خاتا قاراشلار

3. دائىم كۆرۈلىدىغان بىر قانچە چوڭ خاتا قاراش

بىرىنچى خاتا قاراش : ۋېنادىكى «پۇلتىيىپ چىقىش» چوقۇم ۋېنادىكى «ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش»مۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەردە مۇنداق بىر سوئال بولۇشى مۇمكىن: مېنىڭ پۇتۇمدا نۇرغۇن بۆرتۈپ چىققان كۆك تومۇرلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ ۋېنانىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىمۇ؟ ۋېنانىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشى تېيىز ۋېنانىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما بەزى كىشىلەردە ئەگرى-بۈگرى بۆرتۈپ چىققان گىرۋەك سىلىق ۋېنالارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تېرە ئاستىدىكى ياغ قەۋىتى نېپىز بولغاچقا، پۇت – قوللار ساڭگىلىغان ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىپ قان تومۇرلار كېڭەيگەن ۋاقىتتا ۋېنا تومۇرىدا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. شۇڭا پاقالچاق ۋېنا تومۇرىنىڭ پۇلتىيىپ چىقىشى ۋېنا تومۇرىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىگە تەۋە ئەمەس.

تۆۋەنكى ۋېنانىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىىدىكى خاتا قاراشلار

ئىككىنچى خاتا قاراش: ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشنى داۋالاش ھاجەتسىزمۇ؟

ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %10تىن يۇقىرى، لېكىن نېمە ئۈچۈن ھەقىقىي دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتى %10كە يەتمەيدۇ؟ بۇ كىشىلەرنىڭ تونۇشىدىكى يەنە بىر خاتا قاراش، كېسەل كىشىلەر ئارىسىدا كۆپىنچىسى ئۇزۇن مەزگىل جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلار ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشنى داۋالاش ھاجەتسىز دەيدۇ.

ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش ئېغىرلىشىپ تېرە ئوزۇقلۇق توسالغۇغا ئۇچراش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھەتتا ئۇزۇنغىچە ساقايمايدىغان ۋېنا خاراكتېرلىك يارا پەيدا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ۋاقتىدا داۋالاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

تۆۋەنكى ۋېنانىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىىدىكى خاتا قاراشلار

ئۈچىنچى خاتا قاراش: ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنى داۋالامدۇ ياكى ئەنئەنىۋى تېرىنى كېسىش ئوپېراتسىيەسى قىلامدۇ؟

كۆپچىلىكنىڭ ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنى داۋالاشقا بولغان قارىشى يەنىلا بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى بوغۇش، تېرىنى كېسىش ئوپېراتسىيەسىدە توختاپ قالغاچقا، كۆپ ساندىكى بىمارلار ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ئاندىن دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىنىدۇ، بۇ چاغدا داۋالاش دەۋرى ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەش – ئالتە يىل ئىلگىرىلا دۆلىتىمىز مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىپ، لازېر نۇرى ۋە قاتۇرغۇچى دورىلار ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاچقا، جاراھەت كىچىك بولىدۇ.

ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىگە سەل قارىماسلىق كېرەك، ئۇ ئادەمنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش دەسلەپكى كېسەللىك ئالامىتى بايقالسا، چوقۇم ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى