ساغلاملىق

ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەلتۆكۈس ساقىيىشىغا يەنە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟

ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەلتۆكۈس ساقىيىشىغا يەنە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟

نۆۋەتتە تېخى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىدىغان ئۇسۇل يوق. لېكىن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەپ، ئۇنى تەكشۈرگىلى بولمايدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزگىلى، يۇقۇملانغۇچىنىمۇ ساغلام، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى بار دەپ قارىسىڭىز، تەكشۈرتۈش سىزنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل. ئەگەر سىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەمدە نەتىجىسى مۇسبەت بولسا، سىز دەرھال ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرلۈشىگە قارشى داۋالاشنى باشلاڭ. داۋالاش بولسا ئەيدىز ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى. ئۇ يەنە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي ھەمراھىغا يۇقۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى بارمۇ؟
ئالىملارنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئالىملار ئىككى خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ : فۇنكسىيەلىك داۋالاش ۋە تازىلاپ داۋالاش. گەرچە بۇ ساھەلەردە ئۈمىد بار تەتقىقات ئېلىپ بېرىلسىمۇ، لېكىن ھازىرچە داۋالاش ئۇسۇلى يوق. بەزى ئەيدىز ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى تەجرىبىسى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان نەتىجىنى نامايان قىلدى. ۋاھالەنكى، ھازىرغا قەدەر ۋاكسىنا پەقەت قىسمەن قوغدىنىشقىلا ئىگە بولۇپ، باشقا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش لايىھەلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاشتىن بۇرۇن قانداق قىلىش كېرەك؟
ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش سالامەتلىككە ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر. ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا دەرھال ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرلۈشىگە قارشى داۋالاشنى باشلاش ھەمدە دورىلارنى رېتسېپ بويىچە قەرەللىك ئىشلىتىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى