ساغلاملىق

راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %30 تۆۋەنلىدى

 

راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %30 تۆۋەنلىدى

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى «CA» ژۇرنىلى 2021-يىللىق راك كېسىلى ئىستاتىستىكا دوكلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى، كېسەل بولۇش نىسبىتى يەنە تۆۋەنلىگەن. يەنى 1991-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ئامېرىكىدا راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %31 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئامېرىكىدا راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش رېكورتىنى يېڭىلاپ، ئامېرىكىدا تارىختىن بۇيانقى راك كېسىلى بويىچە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىقى بولۇپ قالغان. بۇ 3 مىليون 200 مىڭ كىشىنىڭ گۆر ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %30 تۆۋەنلىدى

بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ئاساسلىقى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئازىيىشى ھەمدە بالدۇر بايقاش ۋە داۋالاشنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2010-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ئامېرىكىدا دىئاگنوز قويۇلغان بارلىق راك كېسىلىنىڭ بەش يىل ياشاش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن %67 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەزى بېزى راكى بويىچە ياشاش نىسبىتى %98كە يەتكەن، ئۆپكە راكى بويىچە ياشاش نىسبىتى ئاران %19 بولغان.

راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %30 تۆۋەنلىدى

راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، 20-ئەسىردە راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. ئاساسلىقى تاماكىنىڭ تارقىلىشى ئەرلەرنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تېز سۈرەتتە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىراق شۇنىڭغا ماس ھالدا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئازىيىشى ھەمدە دەسلەپكى بايقاش ۋە داۋالاشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى 1991-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتتىن باشلىنىپ، داۋاملىق تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %30 تۆۋەنلىدى

دوكلاتتىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى بىلەن راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار. ئومۇمىي راك كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئۇدا 27 يىل تۆۋەنلىشى ئاساسلىقى ئۆپكە راكى، بوغماق ئۈچەي تۈز ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى ۋە مەزى بېزى راكى بىلەن قازا قىلغانلار سانىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولۇپ، 60-يىللاردىن باشلاپ ئامېرىكا تاماكا كونترول قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ھەمدە ناھايىتى تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرگەن. تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بەڭگىلەرنىڭ سانى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن. ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا ئومۇميۈزلۈك چەكلەنگەنلىكتىن، ھەتتا تاماكا چېكىش ۋاقتى ۋە ئورنىغا قارىتا قاتتىق قانۇن چەكلىمىسى قويۇلغاچقا، «چەكتىن ئېشىپ كەتكەن» ھامان يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانە قويۇلۇشى، قىلمىشى ئېغىرلىرى تۈرمىگە كىرىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا 1990-يىلىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكىدا چوڭلارنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى %42.4تىن %16.8كە چۈشكەن. ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %45 ۋە %19 تۆۋەنلىگەن.

راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %30 تۆۋەنلىدى

«تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن شوئارنى ھەممە ئادەم بىلسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ زىيىنىنى ھەقىقىي ھېس قىلالمايدۇ. قىلچە مۇبالىغە قىلماي شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تاماكا چېكىش ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بىلەن باراۋەر، شۇڭا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى تاماكىنى كونترول قىلىش دېسەكمۇ بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدىكى %30ى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەندە ياكى ئىككىلەمچى تاماكا چەككەندە، ھەر خىل نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە مېڭە، ئاشقازان، ئۆپكە، ئېغىز بوشلۇقى، ئۈچەي، جىگەر، سۆڭەك قاتارلىق ئەزا ۋە توقۇلمىلارغا زىيان يەتكۈزىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇشتىكى ئەڭ ئېنىق، ئەڭ ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ. تاماكا تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئۆپكىنى توختىماي غىدىقلاپ، ئاخىرىدا ھۈجەيرىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۆپكە راكىنى پەيدا قىلىدۇ.

راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %30 تۆۋەنلىدى

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز كىشىلىرىنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى %27.7 بولۇپ، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 320 مىليون ئىكەن. 2015-يىلى جۇڭگو قۇرامىغا يەتكەنلەر تاماكا تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى تاماكا چەككۈچىلەر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15.2 تال تاماكا چېكىدىكەن. تېخىمۇ يامان بولغىنى نۇرغۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئېزىقتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي، تاماكا چېكىش يېشىنىڭ بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2003-يىلى ئېلىمىز «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تاماكا كونترول قىلىش رامكا ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالاپ، بارلىق ئۆي ئىچى تىپىدىكى ئاممىۋى سورۇنلار ۋە خىزمەت سورۇنلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىس-تۈتەكسىز بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

 

راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %30 تۆۋەنلىدى

بەزى شەھەرلەردە يەنىلا تاماكا كونترول قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، پەلەمپەي، لىفىت كارىدورى، ئوت ئۆچۈرۈش يولى تاماكا كونترول قىلىدىغان ئۆلۈك بۇلۇڭغا ئايلىنىپ قالغان. بىراق جايلارنىڭ تاماكا كونترول قىلىش سالمىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئاممىنىڭ تاماكىنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن. ئۆي ئىچى تىپىدىكى خىزمەت سورۇنلىرى، ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى ئىچىدە تاماكا چېكىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. مۇتەخەسسىسلەر: «تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكە راكىغا بولغان تەسىرى ۋاقىتنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ، لېكىن ۋاقتىدا تاماكا تاشلىسا تەسىرى مۇناسىپ ئازىيىدۇ» دېيىشكەن.

راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %30 تۆۋەنلىدى

نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئۆپكە راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى يەنىلا ئۆرلىمەكتە، ئەڭ يېڭى باھالاشقا قارىغاندا ئۆپكە راكى ئېلىمىزدە ئۆلگەنلەر ئەڭ كۆپ راك تۈرىگە ئايلىنىپ بىر مىليون 800 مىڭغا يېتىدىكەن. تاماكا چېكىدىغان ئەر بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغان ئەر بىمارلارنىڭ 8-20 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا ئىس-تۈتەكسىز جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىششىمىز لازىم.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى