ساغلاملىق

دۇنيادىكى بىرىنچى راك كېسىلى ئاياللارغا تىكىلمەكتە، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

1.سۈت بېزى راكى تۇنجى قېتىم ئۆپكە راكىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنيادىكى بىرىنچى راك كېسىلىگە ئايلاندى. يېقىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ راك كېسەللىكلەر خەلقئارالىق تەتقىقات ئورگىنى ئەڭ يېڭى راك كېسەللىكلىرى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغان. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى بىر يىل ئىچىدە پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 19 مىليون 290 مىڭ ئادەم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.

ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېرى شۇكى، راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن كۆپەيگەن سۈت بېزى راكى بىمارلىرىنىڭ سانى 2 مىليون 260 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن راك كېسىلى بىمارلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %11.7نى ئىگىلەيدىكەن. بۇ سۈت بېزى راكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆپكە راكىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنيادىكى بىرىنچى راك كېسىلىگە ئايلىنىشىكەن.

دۇنيادىكى بىرىنچى راك كېسىلى ئاياللارغا تىكىلمەكتە، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

تاماكا چېكىش، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۆپكە راكى ئۇزاق مەزگىل بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆپكە راكى ئەر-ئاياللاردا تەڭ نىسبەتتە دېگۈدەك كۆرۈلىدۇ. ئەمما سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ %99تى دېگۈدەك ئاياللار. پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان بۇ كېسەلگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى يېڭىدىن ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ چۈشىشى ئادەمنى زىيادە چۆچۈتىدۇ.

2.تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتىدۇ.

ماتېرىيالدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە يېڭىدىن كۆپەيگەن سۈت بېزى راكى گىرىپتارلىرىنىڭ سانى بىر قەدەر تۇراقلىقكەن. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە يېڭىدىن كۆپەيگۈچىلەرنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تېزلەشكەن.

دۇنيادىكى بىرىنچى راك كېسىلى ئاياللارغا تىكىلمەكتە، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەمەلىيەتتە، سۈت بېزى راكىنىڭ يۈز بېرىشى ئىرسىيەت، مۇھىت، نوپۇس، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

3.خەتەرلىك ئامىللار كۆپەيسە، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارمۇ كۆپىيىدۇ.

سۈت بېزى راكىنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولىدۇ، لېكىن «تىزگىنلىگىلى بولىدىغان» ۋە «تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان» ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ.

تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ئامىل:

ياشنىڭ چوڭىيىشى-بۇ بارلىق راك كېسەللىكلىرىنىڭ تۈپ سەۋەبى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە قېرىلىشىش ئەھۋالى ئېغىرلىغاچقا، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارمۇ مۇئەييەن كۆپىيىدۇ.

ئىرسىيەت-ئەگەر سۈت بېزى راكى پەيدا قىلغۇچى گېننى ئېلىپ يۈرگەن ياكى جەمەتىدە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار بار ئاياللار بولسا، ئۇنداقتا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ يۇقىرىلايدۇ.

دۇنيادىكى بىرىنچى راك كېسىلى ئاياللارغا تىكىلمەكتە، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

يۇقارقىلاردىن باشقا، سۈت بېزى توقۇلمىلىرى زىيادە زىچ بولغان ئاياللارمۇ ئاسانلا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىلدىكى سۈت بېزى راكىنى بايقاش تېخىمۇ قىيىن.

تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ئامىل:

ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك

تاماك چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش

روھىي بېسىم

بۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە دورىلار (ھورمۇننىڭ رولىنى ئوينايدىغان دورىلار) ۋە تۇغۇت تارىخى (بالا تۇغۇپ باقمىغان ياكى 30ياشتىن كېيىن تۇغقان) قاتارلىقلارمۇ سۈت بېزى راكى خەۋپىنى يۇقىرىلىتىدۇ.

4.تەكشۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، سۈت بېزى راكىنى بالدۇر بايقاش.

دۇنيادىكى بىرىنچى راك كېسىلى ئاياللارغا تىكىلمەكتە، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

5.سۈت بېزى راكىدىن يىراق تۇرۇش ھەر بىر ئايال قىلىشقا تېگىشلىك ئىش.

ئالدىنى ئېلىشتا ئەلۋەتتە ساغلام تۇرمۇش ئادىتى ناھايىتى مۇھىم.

يەنە بىرى بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش. بولۇپمۇ 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار، جەمەتىدە سۈت بېزى راكى تارىخى بولغان ئاياللار ئىمكانقەدەر بالدۇر تەكشۈرۈتۈشى كېرەك. قايمۇقۇپ قالغاندا، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراشقىمۇ بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى