ساغلاملىق

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا پۇت-قوللار ئۇيۇشۇپ قېلىشى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟

تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن قول بارماقلىرىنىڭ ئۇيۇشۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بۇ خىل ئالاھىدە ئىپادىدە كېسەللىك سەۋەبىنى چۈشىنىپ ئاندىن داۋالاش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى قول بارماقلىرىنىڭ دائىم ئۇيۇشۇپ قېلىشى نورمال ئەمەس، بەلكى كېسەللىك تارقاتقان سىگنال بولۇشى مۇمكىن.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى تەرەققىي قىلغان كىشىلەرنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، قىسمەن نېرۋا يىلتىزى بېسىمغا ئۇچراپ، دائىم پۇت-قولى ئۇيۇشۇش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدىن باشقا نۇرغۇن ئەھۋاللاردىمۇ قول بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا سەۋەبىنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك، بەدەن ساغلام بولغاندىلا ئاندىن پۇت-قول يېنىكلەپ قالىدۇ.

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا پۇت-قوللار ئۇيۇشۇپ قېلىشى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئۇنداقتا قانداق ئەھۋاللاردا قول ئۇيۇشۇپ قېلىش كۆرۈلىدۇ؟

1. قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرى بولۇش

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تېنى ساغلام كىشىلەر ناھايىتى ئەركىن تۇرىدۇ، پۇت-قوللىرى سەۋەپسىزلا ئۇيۇشۇپ قالمايدۇ. ئەگەر دائىم پۇت-قوللىرى ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، قاننىڭ بەك يېپىشقاق ياكى ئەمەسلېكىنى تەكشۈرتۈش كېرەك، بولمىسا بارماقلار ئۇيۇشۇپ قېلىش ئالامەتلىرى بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ، ھەتتا قان تومۇر دىۋارىدا ئاسانلا قان نوكچىسى پەيدا بولىدۇ.

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا پۇت-قوللار ئۇيۇشۇپ قېلىشى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟

2. دىيابېت كېسىلى

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بارماقلار ئۇيۇشۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە دىيابېت كېسىلىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋاللارنى دىيابېت كېسىلى پەيدا قىلغان سىگنال بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېمەك-ئىچمەكتىن باشلاپ تەڭشەپ، قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇشىنىڭ بەدەندىكى ناچار ئالامەتلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا پۇت-قوللار ئۇيۇشۇپ قېلىشى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟

3. يۇقىرى قان بېسىم

ئەگەر دائىم ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بارماقلار ئۇيۇشۇپ قالسا، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدىن ھوشيار بولۇپلا قالماي، يەنە قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى ياكى يۇقىرى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. دوختۇرخانىغا داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىپ، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك. بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى