يېمەك-ئىچمەك

بۇ بەش خىل يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى

ئادەتتىكى نۇرغۇن كۈندىلىك يېمەكلىكلەردە كالتسىي مول بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق كالتسىي تولۇقلاش بىز ئەڭ ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۇسۇلدۇر. تۆۋەندىكى بۇ بەش خىل يېمەكلىكنىڭ كالتسىي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بىلىۋالسىڭىز سىزگە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇ بەش خىل يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى

1. سۈت، قېتىق، پىشلاق (ئىرىمچىك)

كالا سۈتى ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىينىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن مۇۋاپىق، 200 مىللىلېتىر كالا سۈتىدىكى كالتسىي مىقدارى 200 مىللىگىرامدىن ئاشىدۇ، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچىپ بەرگەندە بەدەنگە يېتەرلىك كالتسىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا پىشلاق (ئىرىمچىك) تەركىبىدە كالتسىي بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇ كالتسىيلار بىر قەدەر ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. يەنە كېلىپ پىشلاق بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلاملىقنى قوغدايدۇ.

بۇ بەش خىل يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى

2. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار

يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار ئەمەلىيەتتە ئاددىي كالتسىي تولۇقلاش ماھىرى بولۇپ، بارلىق قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

بۇ بەش خىل يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى

3. پۇرچاق ياسالمىلىرى

پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، پۇرچاق سۈتىدە تەركىبىدە كالتسىي ھەقىقەتەن مول بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سۈپەتلىك كالتىسىيلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ بەش خىل يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى

4. بېلىق، راك، قۇلۇلە قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى

ناھىيەسىگەرچە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى گۆش تۈرى ھېسابلانسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ياخشى بولغان كالتسىي تولۇقلاش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ، بىراق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ مىقداردا يېيىشكە بولمايدۇ، مىقدارىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

بۇ بەش خىل يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى

5. قاتتىق پوستلۇق مېۋە

تەركىبىدە ماي بىر قەدەر كۆپ بولغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرمۇ كالتسىينىڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ھەر خىل قورۇلغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى 100 ~ 200 مىللىگىرامغا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر تەركىبىدىمۇ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول، يەنە نۇرغۇن مايدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار بار. مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا يۈرەك قان تومۇرلارنى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى