ساغلاملىق

قان نوكچىسىنى چۈشىنەمسىز؟

قان نوكچىسىنىڭ كۆزگە چېلىقماسلىقىغا قارىماڭ، قان نوكچىسى قان-تومۇرلارنى توسۇۋالسا، مۇناسىپ ئەزالاردا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھاياتقا تەھدىت سالىدۇ. قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن قاننىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ئېشىپ كېتىش، يۈرەك قان تومۇر ئىچكى پەردىسى زىيانغا ئۇچراش، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاش قاتارلىقلار.

قان نوكچىسىنى چۈشىنەمسىز؟

قان نوكچىسى پەيدا بولغاندا بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

1. مەيدىسى سىقىلىپ ئاغرىش

40% جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىمارلىرىدىمۇ مەيدىسى چىڭقىلىپ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ، قىسمەن كىشىلەر مەيدىسى چىڭقىلىپ ئاغرىشنى بەدەن بەك چارچاپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان دەپ قاراپ، ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەي، ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.

2. پۇت قىسمى ئىششىش ۋە قېتىش

بەدەندە قان نوكچىسى پەيدا بولغاندا قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، پۇت قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىششىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يول ماڭغاندا پۇت-قوللار جانسىز بولۇپ قالىدۇ، ئارىلاپ ئاقساپ قالسىمۇ قان نوكچىسىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

قانداق قىلغاندا قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

1. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش

قارا ئاشلىقنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، بەك مايلىق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

قان نوكچىسىنى چۈشىنەمسىز؟

2. چاينى كۆپ ئىچىش، ھاراقنى ئاز ئىچىش

سۇس دەملەنگەن چاينى مۇۋاپىق ئىچكەندە قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھاراق، تاماكىدىن ئامال بار يىراق تۇرۇش كېرەك.

3. مۇۋاپىق ھەرىكەتنى ساقلاش

ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چېنىقتۇرۇش تەن ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ناھايىتى ياخشى تاللاش.

قان نوكچىسىنى چۈشىنەمسىز؟

قان نوكچىسى ھەر قانداق ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەردە ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا پەيدا بولىدۇ، كۆپ قىسىم قان نوكچىلىرىدا ھېچقانداق ئالامەت ۋە سېزىم بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. تاماكا چېكىپ ھاراق ئىچىدىغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، ئۇزۇن مۇددەت ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىستېمال قىلىدىغان، ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلار ۋە يۇقۇملۇق ۋە ياللۇغلۇق كېسەللىكلىرى بار كىشىلەر ئۆزىگە كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى