ساغلاملىق

نېمە ئۈچۈن سۆڭەك ئۆسۈكچىسى پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سۆڭەك ئۆسۈكچىسى پەيدا بولىدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر سۆڭەك ئۆسۈكچىسى (骨刺)نىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، لېكىن ئىختىيارسىز ھالدا سۆڭىكىدە نەشتەرلىك تىكەن باردەك سېزىدۇ، يەنە كېلىپ ئىنتايىن ئۆتكۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە سۆڭەك ئۆسۈكچىسى پەقەت سۆڭەكتىكى ئارتۇقچە ماددا بولۇپ، دائىم سۆڭەكنىڭ گىرۋىكىدە ئۆسىدۇ، سۆڭەككە نىسبەتەن ئېيتقاندا سەل يۇمشاق بولىدۇ. سۆڭەك ئۆسۈكچىسىگە گىرىپتار بولغاندا ئادەم ئاغرىق ھېس قىلىدۇ، بولۇپمۇ قول بىلەن باسقاندا ئاغرىق تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنى چۈشىنىشنى تۆۋەندىكى تۆت مەسىلىدىن باشلاش كېرەك.

نېمە ئۈچۈن سۆڭەك ئۆسۈكچىسى پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سۆڭەك ئۆسۈكچىسى پەيدا بولىدۇ؟

سۆڭەك ئۆسۈكچىسى سەۋەبسىزلا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، بۇنىڭدا چوقۇم مۇنداق ئۈچ سەۋەب بار. بىرىنچىدىن، بوغۇم بىلەن بوغۇم ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلاردا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتىن كېلىپ چىققان سۆڭەك ئۆسۈكچىسى بولۇپ، دائىم ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىقى قىلىش، دائىم ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بوغۇملارنىڭ كېرىلىش كۈچى زىيادە چوڭ بولغانلارنىڭ، يەنى دائىم تاغقا چىقىدىغانلار ئاسانلا سۆڭەك ئۆسۈكچىسى بولۇپ قالىدۇ.

نېمە ئۈچۈن سۆڭەك ئۆسۈكچىسى پەيدا بولىدۇ؟

سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

1. دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى

سۆڭەك ئۆسۈكچىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، بەدەندە كالتسىي كەملىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا داۋالىغاندا كالتسىي ياسالمىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك، سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ئۆسۈپ قالسا ئادەم بەك بىئارام بولىدۇ ھەم بەك ئازابلىنىدۇ، ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن ياللۇغلىنىشقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئومۇمەن سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن شۇ سەۋەبكە ئاساسەن داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

2. فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى

دورا بىلەن داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ. بىراق فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى پەقەت پەسەيتىش ئۈنۈمىگە ئىگە، لېكىن مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلالمايدۇ. بۇنىڭدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنى تاللىسىمۇ، ماگنىتلىق داۋالاشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، يەنە باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىمۇ بار، بۇلارنى ئەھۋالغا قاراپ تاللاش كېرەك.

3. ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى

سۆڭەك ئۆسۈكچىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى ھەرىكەت قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ خىل قاراش خاتا، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق سۆڭەكنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ھەرىكەت تاللىغاندا تۆۋەن سىجىللىقتىكى ھەرىكەتنى تاللاش كېرەك، بەك كۈچلۈك ھەرىكەت ياكى ئانتاگونىيىسى بىر قەدەر كۈچلۈك ھەرىكەتنى تاللاشقا بولمايدۇ، بولمىسا سۆڭەك ئۆسۈكچىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىپلا قالماستىن، يەنە ھەرىكەت جەريانىدا ئاسانلا زەخىملىنىدۇ. ئەگەر قانداق قىلىشنى بىلمىسىڭىز، دوختۇردىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن سۆڭەك ئۆسۈكچىسى پەيدا بولىدۇ؟

4. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئۇسۇلى

ئەگەر سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ئەتراپتىكى نېرۋىلارنى بېسىۋېلىپ، يۇقىرىقى بىر نەچچە خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولمىسا، ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاشنى ئويلىشىش كېرەك. ئالدى بىلەن مىكرو زەخىم ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، ئەتراپتىكى نېرۋىلارنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ئەگەر مىكرو زەخىم ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، ئاندىن ئادەتتىكى ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئويلىشىش كېرەك. ئەگەر سۆڭەك ئۆسۈكچىسى سۆڭەك بوغۇمىنى زور دەرىجىدە زەخىملەندۈرسە، بوغۇم ئىقتىدارىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشقا ئامال بولمىسا، سۈنئىي بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا بولىدۇ.

5. يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى

سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنى داۋالاش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، يەنى كالتسىي، ئاقسىل ۋە ۋىتامىن تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، مايسىزراق تاماق يېيىش كېرەك. قېنىق چاي بىلەن قەھۋەنىمۇ تاشلاش كېرەك، ئىسپىرتقىمۇ چېقىلىشقا بولمايدۇ. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە كۆڭۈل قويۇش، يېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى