تەبىئەت

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تىل تەمىنى تېتىش ۋە گەپ قىلغاندا تاۋۇش چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن ھايۋانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەزىلىرى تىلى ئارقىلىق ئوۋ ئوۋلىيالايدۇ، بەزىلىرى ھەرخىل پۇراقنى تەكشۈرەلەيدۇ، يەنە بەزىلىرى…

 

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

1. يېشىل پاقىنىڭ تىلى كەسپىي ھاشارات تۇتقۇچ.

ئىنسانلار ئادەتتە قولى بىلەنمۇ چىۋىننى ئۇرالمايدۇ، لېكىن ئالىملار پاقىنىڭ تىلىنىڭ سېكۈنتىغا 4 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئولجىغا ئېتىلىپ بېرىپ، 0.15 سېكۈنت ئىچىدە ئوۋ ئوۋلاش ھەرىكىتىنى تاماملايدىغانلىقىنى بايقىغان. يېشىل پاقىنىڭ تىلىدا يېپىشقاق سۇيۇقلۇق بولىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېپىشقاقلىقى ئىنسانلار شۆلگىيىنىڭ 175 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ يېپىشقاق شۆلگەينىڭ بىرى بولۇپ، يېشىل پاقا تىلى بىلەن ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ 1.4 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان نەرسىنى يېپىشتۇرۇۋالالايدىكەن.

 

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

2. خامېلېئوننىڭ تىلى چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچتىنمۇ قالتىس سۈمۈرگۈچ.

خامېلېئونلار قارىماققا ھاڭۋاقتىدەك كۆرۈنىدۇ، دەرەخ شېخىدا مېڭىشىمۇ ناھايىتى ئاستا ھەم كالامپاي، ئەمما ئۇلار ئوۋ ئوۋلىغاندا تىلىنىڭ قاڭقىپ چىقىش سۈرئىتى خۇددى چاقماققا ئوخشاش بولۇپ، قىسقىغىنا 0.07 سېكۈنت ئىچىدە تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك ئۇزىرايدۇ، قاڭقىپ چىقىش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 27 مېتىر / سېكۈنت تېزلىككە يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خامېلېئوننىڭ تىلىدا يەنە ئولجىنى تۇتىدىغان يەنە بىر ئاجايىپ ئەڭگۈشتەر بار، ئۇ بولسىمۇ تىلنىڭ ئۇچىدىكى شورىغۇچى تەخسىسى بولۇپ، پەقەت تىلى ئولجىغا تېگىشى بىلەنلا، شورىغۇچى تەخسىسىنىڭ ئىچكى بوشلۇقى دەرھال كېڭىيىپ، ۋاكۇئۇملۇق ئويمان بوشلۇق ھاسىل قىلىپ كىچىك ھاشاراتلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ.

 

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

3. زەھەرلىك كەسلەنچۈكنىڭ تىل ئەڭ قالتىس تەكشۈرۈش ئەسۋابى.

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان دىقماق قۇيرۇقلۇق زەھەرلىك كەسلەنچۈك بىلەن مېكسىكا رايونىدا ياشايدىغان مارجان زەھەرلىك كەسلەنچۈكنىڭ ۋېلكىسىمان تىلى بار بولۇپ، يىلاننىڭ تىلىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. ئۇلار دائىم تىلىنى چىقىرىپ ھاۋادىكى پۇراقنىڭ مولېكۇلالىرىنى تەكشۈرۈپ، يېمەكلىكنىڭ كونكرېت ئورنىغا ھۆكۈم قىلىدۇ ياكى جورا ئىزدەيدۇ.

 

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

4. يولۋاسنىڭ تىلى بازاردىنمۇ تاپقىلى بولمايدىغان قالست تارغاق ۋە سۆڭەك قىرغۇچ.

بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىز يولۋاس بىلەن بىر جەمەتتىن بولغان مۈشۈكنى ئېسىمىزگە ئالساق بولىدۇ، ئەگەر سىزنى مۈشۈك يالاپ قويسا، سىزدە بىر خىل قوپال سېزىم پەيدا بولۇپ، غىدىقىڭىز كېلىپ كېتىدۇ، ئەگەر مۈشۈكنىڭ تىلىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىدە سانسىزلىغان ئاق رەڭلىك ئىلمەكنىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئانچە ئۆتكۈر ئەمەسلېكىنى بايقايسىز. مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارغا تەۋە بولغان يولۋاسمۇمۇ دەل شۇنداق، چۈنكى ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق دېگەن گەپ بىكار چىقمىغان، لېكڭن يولۋاسنىڭ تىلىدىكى ئۇ ئىلمەكلەر سەل ئۆتكۈر بولۇپ، ئۇلار تىلى ئارقىلىق ئولجىسىنىڭ سۆڭىكىدىكى قالدۇق گۆشلەرنى قىرىپ يەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا بەدىنىدىكى يۇمشاق بولمىغان يالىنى يالاپ تارايدۇ.

 

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

 

5. تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ تىل مېڭە سىلكىنىشنى پەسەيتكۈچ رولىنى ئوينايدۇ.

ئىنسانلارنىڭ تىلى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئاستى قىسمىدا يىلتىز تارتقان ھەمدە ئېغىز بوشلۇقىغىچە سوزۇلغان بولىدۇ، تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ تىلى بولسا ئۈستۈنكى ئېڭەك سۆڭىكىدىن باشلىنىپ، ئوڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن تېشىپ ئۆتىدۇ، ئارقىدىنلا ئىككى كۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، باش سۆڭىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن پۈتۈن مېڭە قىسمىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ، ئاندىن بويۇننىڭ ئىككى يېنىغا كەلگەندە بىرلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاستىنقى ئېڭەك سۆڭىكى تەرەپتىن ئېغىزدىن چىقىدۇ. سىز بۇنى كۆرۈپ ئۆزىڭىزنى بىر سىرلىق ئوردىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلۋاتامسز؟

 

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

ئالىملارنىڭ قىياس قىلىشىچە، بۇ خىل تىلنىڭ ئۆسۈپ چىقىشى تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ باش قىسمى دەرەخ غولىغا تېز سۈرئەتتە سوقۇلغاندا مېڭە سىلكىنىشىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىش رولىنى ئوينايدىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

 

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ تىلىنىڭ ئۇچىدا يەنە نۇرغۇن تەتۈر ئىلمەك تىكەن بولۇپ، دەرەختىكى قۇرتلارنى تارتىپ چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

 

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

6. كۆك تىللىق كەسلەنچۈكنىڭ تىلى ئۇلترا بىنەپشە نۇر قايتۇرغۇچ.

كۆك تىللىق كەسلەنچۈكنىڭ تىلى كۆك رەڭدە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان بولۇپ، تىلى خۇددى كۆك رەڭ بويىغاندەك كۆرۈنىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى تىلنىڭ تەركىبىدە قارا پىگمېنت بارلىقىدىن بولغان. كۆك تىللىق كەسلەنچۈكنىڭ تىلى كۈشەندىلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى قايتۇرىدۇ ھەمدە يېقىنلاشقانسېرى ئۇنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار كۆك تىللىق كەسلەنچۈككە يېقىنلاشقاندا، كۆك تىللىق كەسلەنچۈك تېز سۈرئەتتە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تىلىنى چىقىرىپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر قايتۇرۇش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە كاشىلا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوۋ ئوۋلىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كۆك تىللىق كەسلەنچۈكنىڭ كۈشەندىسى، مەسىلەن، قۇشلار، يىلان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى كۆرەلەيدۇ.

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

7. ماكروكلېمىس تىمساھ تاشپاقىسى(Macroclemys temminckii تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تىمساھ تاشپاقىسى دېيىلىدۇ)نىڭ تىلى بىلەن بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان يەمچۈك.

تىمساھ تاشپاقىسى سىرتقى شەكلى تىمساھقا بەك ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بېشى ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە، ئاغزى «V» شەكىللىك بولۇپ، دۈمبىسىدە چوقچىيىپ چىققان كىچىك تاغقا ئوخشاش قاتتىق قاسرىقى بار، تېنى بىرقەدەر چوڭ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 78 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 90 كىلوگىرام كېلىدۇ. ئەمما تىمساھ تاشپاقىسىنىڭ ئەڭ غەلىتە قىسمى ئۇنىڭ قىزىل تىلىدا. ئۇنىڭ تىلىدا بىر قىزىل رەڭلىك گۆش ئۆسۈكچىسى بولۇپ، ھەر قېتىم ئوزۇقلۇق تۇتۇشقا توغرا كەلگەندە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ قىزىل رەڭلىك گۆش ئۆسۈكچىسىنى توختىماي مىدىرلىتىپ تۇرىدۇ، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بېلىجانلار ئۇنى پارازىت قۇرت ئوخشايدۇ دەپ قېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا ئۈزۈپ كېلىدۇ، بۇ چاغدا تىمساھ تاشپاقىسى بىر چىشلەپلا چىشلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

8. چۈمۈلىخورنىڭ تىلى ئەڭ ياخشى شىلىم.

بىر چۈمۈلىخور ھەر كۈنى 30 مىڭ ئەتراپىدا چۈمۈلە يەيدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالار چۈمۈلىنى تۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن تىلمۇ بار. چۈمۈلىخورنىڭ تىلى خۇددى لەغمەنگە ئوخشاش ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، ئۇزۇنلۇقى 60 سانتىمېتىر بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ %40ىگە توغرا كېلىدۇ؛ تىلىنىڭ ئۈستىدە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق مول بولۇپ چۈمۈلىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىراشقان ھامان چاپلىشىپ قالىدۇ. چۈمۈلىخورنىڭ تىلى ھەر مىنۇتىغا 150 قېتىم تېز سۈرئەتتە ئۇزىراپ ۋە قىسقىراپ، چۈمۈلىلەرنى توختىماستىن ئاغزىغا سالىدۇ.

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

ھايۋانلارنىڭ ھەممىگە ماھىر تىلى

9. ئوكاپى (Okapi)نىڭ تىلى ھەممىگە ماھىر تازىلىغۇچ.

ئوكاپىنىڭ تۇرقى ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، پۇتىغا قارىسىڭىز ئۇنى تاغىل ئاتقا ئوخشايدۇ، بېشىغا قارىسىڭىز ئۇنى زىراپە ئوخشايدۇ دەپ قالىسىز. ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر بولۇپ ئىنتايىن ئەپچىل بولۇپ، ئۇلار تىلى ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ئىزدەشتىن باشقا، كۆز، قۇلاق، ھەتتا ساغرىسىدىكى ھەرخىل مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلىدۇ…

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى