يېمەك-ئىچمەك

تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قانداق يېمەكلىك ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قانداق يېمەكلىك ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

تەشۋىشلىنىش كېسىلى بولسا تەشۋىشلىنىش، خاتىرجەمسىزلىنىش، قورقۇش قاتارلىق كەيپىياتلارنى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلغان بىر خىل روھىي كېسەللىك، تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر دائىم كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، تەشۋىشلىنىش كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى جەھەتتە، پەقەت دورا بىلەن داۋالاشلا ئەمەس، يەنە بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ تەشۋىشلىنىشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر سىزنى تەشۋىشلىنىش ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، قايتىدىن خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ.

تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قانداق يېمەكلىك ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

1. چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى

تەركىبىدە ئومېگا ياغ كىسلاتاسى مول بولغان سالمون بېلىقى، تۇننۇس بېلىقى، ماككېرېل بېلىقى قاتارلىقلارنى دائىم ئىستېمال قىلسا، تەشۋىشنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قانداق يېمەكلىك ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

2. بانان

بانان تەركىبىدىكى ۋىتامىن B6 چوڭ مېڭىنىڭ تېخىمۇ كۆپ سېروتونىن ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بانان تەركىبىدىكى ئالكالوئىدلار ئادەمنى خۇشال قىلىپ، بىمارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. كەيپىياتىمىز چۈشكۈن چاغدا بىر تال بانان يېيىشنى تاللىساق، كەيپىياتىمىزنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قانداق يېمەكلىك ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

3. قىزىل چوڭ ئاپېلسىن

قىزىل چوڭ ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C بولۇپ، قىزىل قان دانچىلىرىنىڭ قويۇقلۇقىنى ساقلاپلا قالماي، بەدىنىمىزنى قارشىلىق كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋىتامىن C بېسىمنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ.

تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قانداق يېمەكلىك ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

4. پالەك

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە بەدىنىمىزدە فولىك كىسلاتاسى كەم بولسا، مېڭىمىزدىكى سېروتونىن ئازىيىپ، مەيۈسلۈك، كۆڭۈلسىز كەيپىيات پەيدا بولىدىكەن، پالەك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا فولىك كىسلاتاسى بولۇپ، بىزنىڭ كەيپىياتىمىزدىكى مەسىلىلەرنى پەسەيتىشىمىزگە بەلگىلىك دەرىجىدە ياردەم بېرىدىكەن.

تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قانداق يېمەكلىك ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

5. گىلاس

گىلاسنى غەرب دوختۇرلىرى تەبىئىي ئاسپىرىن دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى گىلاس تەركىبىدە سىئانىدىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تەركىب بار بولۇپ، بۇ خىل تەركىب بەدىنىمىزگە كىرگەندە باشقا ماددىلارنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىپ، كەيپىياتىمىزدا خۇشاللىق پەيدا قىلىدۇ.

بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە كىشىلەر كەيپىياتى ناچار چاغلاردا 20 تال گىلاس يەپ بەرسە، ئۈنۈمى ھەر قانداق دورىنىڭ ئۈنۈمىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.

تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قانداق يېمەكلىك ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

6. يېشىل چاي

يېشىل چاي ئېچىتىلمىغان چاي بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭى يوپۇرماقلىق تەبىئىي ماددىلار ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە چاي پولىفېنولى، كاتېخىن، خىلوروفىل، كوففېئىن، ئامىنو كىسلاتاسى، ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ. ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا يېشىل چاي ئىچىپ بېرىش تەشۋىشلىنىش كېسىلى ئېغىرراق بولغانلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىشىغا پايدىلىق.

تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كەيپىيات، لېكىن ئۇزاق مۇددەت تەشۋىشلىنىش ئىچىدە تۇرغاندا، بىزنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىمىز شۇ سەۋەبتىن تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا يەنىلا بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، بىز ئۆزىمىزنىڭ تەشۋىشلىنىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقىنىمىزغا بىر مەزگىل بولغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ تەسلىكىنى بايقىغىنىمىزدا كەسپىي دوختۇرلارنىڭ داۋالىشىنى قوبۇل قىلىشىمىز ۋە كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن، داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى