ساغلاملىق

چاچ چۈشۈشنى قانداق تىزگىنلەش كېرەك؟

چاچ

1. زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىش.

ھازىرقى زامان ياشلىرى مودا قوغلىشىپ، دائىم ساتىراشخانىغا بېرىپ چېچىنى بويايدۇ ياكى چاچ بۈدرە قىلىدۇ، گەرچە بۇلار كىشىگە ھۆسن قوشقان بىلەن، بىراق چاچنى زەخمىلەيدۇ، بۈدرە قىلىش قېتىم سانى كۆپەيسە، چاچ زەخمىگە بەرداشلىق بېرەلمەي چۈشىدۇ، شۇڭا چېچىڭىزنى ېشىڭىزدىن ئايرىلماي يېپىشىپ تۇرسۇن دېسىڭىز ياخشى ئاسراڭ.

2. ئوزۇقلۇق تولۇقلاش.

چاچنىڭ ئۆسۈشى ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بەدەندە ئوزۇقلۇق كەم بولسا، دائىم چاچ قۇرغاقلىشىش، پاخپىيىش، ئاسان ئۈزۈلۈش ھەتتا چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە، بېلىق، گۆش، تۇخۇم، پۇرچاق، سۈت ھەمدە پالەك، سەۋزە، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى كۆپ يېگەندە، ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلار تولۇقلىنىپ، چاچنىڭ مېتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چاچنىڭ ئۆسۈشىدە يەنە مىس، تۆمۈر، كالتسىي، ماگنىي، ناترىي، كالىي قاتارلىق مىكرو ئىلمىنېتلارنىڭ قاتنىشىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئوزۇقلىنىشتا ئەڭ ياخشىسى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىمىز كېرەك.

3. بېسىمنى يېنىكلىتىش

چاچنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى تۈنەش ھەمدە روھىي بېسىمنىڭ ئېغىر بولۇشى بولۇپ، كەيپىيات قانچە سىقىلسا، تۈنەش قانچە ئېغىر بولسا، چاچمۇ شۇنچە چۈشىدۇ. ياشلىقتا كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇشنى، كىتاب ئوقۇشنى، ناخشا ئاڭلاشنى، كىنو كۆرۈشنى، ساياھەت قىلىشنى ئادەت قىلىپ، بېسىمنى يېنىكلىتىش، روھىي چارچاشنى يوقىتىش كېرەك.

4. چاچ يۇيۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش.

كۈندە چاچ يۇيۇش ياخشى ئەمەس، چاچ يۇيۇشمۇ خۇددى تاماق يېگەنگە ئوخشايدۇ، ئەگەر بەك كۆپ يەۋالسا، ئاشقازان-ئۈچەيمۇ پۈتۈنلەي سۈمۈرەلمەي، ئاشقازان-ئۈچەي مەسىلىلىرىنى قوزغايدۇ، چاچنى ئەڭ ياخشىسى بىر ئىككى كۈندە بىر يۇيسا كۇپايە. بۇنداق بولغاندا، چاچ ۋە باش تېرىشى يېتەرلىك ئارام ئېلىپ، ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈپ، كېرەكسىز ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

5. چاچنى دائىم تاراپ بېرىش.

تارغاق بولسا چاچنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى. چاچنى دائىم تاراپ بەرگەندە، باش تېرىسى تومۇرلىرى سۈركىلىش جەريانىدا راۋانلىشىدۇ، باش قىسمىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى تېخىمۇ تېزلىشىپ، چاچمۇ ئوزۇقلۇقلارنى ياخشى سۈمۈرىدۇ. تەبىئىي تالادىن ئىشلەنگەن تارغاقتا تاراش كېرەك، چاچنى تارىغاندا بەك كۈچىمەسلىك كېرەك.

مەنبە: نۇر تورى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى